د ئۇ ق: ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرى يىلدىن-يىلغا چېكىنىپ كېتىۋاتىدۇ

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2016.05.18
jenwe-kishilik-hoquq.jpg ب د ت نىڭ ئىككى چوڭ يىغىنىدا ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇل مەسىلىلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. 2015-يىلى 16-مارت، جەنۋە.
RFA/Erkin Tarim

د ئۇ ق ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدا، «2015‏-يىلى شەرقىي تۈركىستان ۋە چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداش داۋاملىق ئارقىغا چېكىنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

دوكلاتتا قەيت قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى تېررورلۇققا قارشى ھەر خىل قاتتىق تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرىكىتىنى نازارەت ئاستىغا ئالغان، يۆتكىلىش ئەركىنلىكىنى كونترول قىلىپ، سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلەرگە زىيانكەشلىك قىلغان، دىنىي ئەركىنلىكنى قىسقان، ئۇيغۇرلارنىڭ يەر-مۈلكىنى تارتىۋېلىپ، ئۇلارنى ھېچقانداق ئىجتىمائىي پاراۋانلىقسىز ياللانما ئەمگەك كۈچلىرىگە ئايلاندۇرۇپ قويغان.

دوكلاتتا يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇرۇنقى نۇرغۇن ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ ئاستا-ئاستا تارتىۋېلىنغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى 2015‏-يىلى ماقۇللىغان ياكى ئوتتۇرىغا قويغان «دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنى»، «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» قاتارلىق قانۇن-نىزاملار «ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى چەكلەشكە ئېلىپ بارىدىغانلىقى مۇقەررەر» دېيىلگەن.

د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى دولقۇن ئەيسا، چارشەنبە كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئۆز قانۇنلىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا تەڭپۇڭسىز كۈچ قوللىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ: ««شەرقىي تۈركىستاندا ئىنسانلارنىڭ كۈندىلىك نورمال ياشاش ھوقۇقى تەھدىت ئاستىدا قالدى» دەيدۇ.

دولقۇن ئەيسا: «خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش سىياسىتى يىلدىن-يىلغا ئەۋج ئېلىپ كېتىپ بارىدۇ. يەنى قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىش، تەڭپۇڭسىز كۈچ ئىشلىتىپ، بىگۇناھ ئىنسانلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىش ۋە ياكى ھېچقانداق سوت-سوراقسىز ئېتىپ ئۆلتۈرۈش، ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كېتىش، بۇ ئەمدى شەرقىي تۈركىستان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنىڭ قانۇنلىرىغا ۋە خەلقئارا قانۇن-ئەھدىنامىلارغىمۇ خىلاپ بىر ھەرىكەت.

ئىنسانلارنىڭ كۈندىلىك نورمال ياشاش ھوقۇقىمۇ تەھدىت ئاستىدا شەرقىي تۈركىستاندا. ئىنسانلارنىڭ قول تېلېفون ئىشلىتىشىدىن تارتىپ، مۇسۇلمان ئەر-ئايالنىڭ نىكاھ قىلىش ھەق-ھوقۇقىمۇ قولدىن ئېلىنىپ، نىكاھ قىلسىمۇ جازالىنىدىغان مۇشۇنداق يېڭى بەلگىلىمىلەر چىقىرىلىۋاتىدۇ. دېمەك، ئىنسانلارنىڭ نورمال يەپ-ئىچىش، قانداق ئەر-خوتۇنچىلىق قىلىشى، يەنى شەخسى ھاياتىغا قەدەر دەخلى-تەرز قىلىدىغان ۋەزىيەتكە يېتىپ كەلدى» دېدى.

دوكلاتتا يەنە، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆلەپ، ئۇيغۇرلارنى چەتكە قېقىشى ئىككى مىللەت ئوتتۇرىسىدا ئېغىر ئىجتىمائىي، ئىقتىسادى تەڭپۇڭسىزلىق پەيدا قىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. بۇ ئەھۋال مۇقەررەر ھالدا خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيلىككە يول ئاچقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

دوكلاتتا قەيت قىلىشىچە، بۇ جىددىيلىكنى ئىككى ئامىل كەسكىنلەشتۈرمەكتىكەن. ئۇنىڭ بىرى، قۇرۇلۇش، تەبىئىي بايلىقلارنى ئېچىش، ئېنېرگىيە قاتارلىق ھالقىلىق ساھەلەرگە، ھۆكۈمەت، مەمۇرىيەت، باشقۇرۇش قاتارلىق خىزمەت ئورۇنلىرىغا ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلماسلىق. ئىككىنچى ئامىل، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ يەرلىرىدىن ئايرىلىپ، ھېچقانداق ئىجتىمائىي كاپالىتى يوق ئەرزان باھالىق ئەمگەك كۈچىگە ئايلىنىشىكەن.

دولقۇن ئەيسا، بۇ ئەھۋالنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشىدىكى بىر خىل ئۇسۇلى، دەپ كۆرسەتتى.

دولقۇن ئەيسا: «خىتاي ھۆكۈمىتى بەزى يەرلەرنى خىتايلارغا مەجبۇرىي ئېلىپ بېرىپ، ئۇيغۇرلارنى كۆچۈرگەن ئەھۋاللار بولدى.
دېھقانلار ھازىر بىر يىل دېھقانچىلىق قىلىپ، ئاخىرىدا قەرزنى تۆلىيەلمەس ھالغا كېلىپ قالغاندا يەرنى سېتىشقا مەجبۇرلاش ئىككىنچى بىر خىل ئۇسۇل. شۇنىڭ بىلەن دېھقانلار يەرنى سېتىپ، ئۆزى شەھەرگە كىرىپ ياللانما ئىشلەۋاتقان. ئەمما شەھەردىمۇ ئۆزىنىڭ ھاياتىنى قامدىيالمىغاندىن كېيىن، ئاخىرىدا قايتىپ بېرىپ ئۆزى سېتىۋەتكەن يەرنىڭ خىتاي خوجايىنىغا ئىشلەيدىغان مۇنداق ئەھۋاللار يۈز بېرىۋاتىدۇ» دەپ كۆرسەتتى.

بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىزچىل قاتتىق قول سىياسەت يۈرگۈزۈشى، ئۇنىڭ پىكىر قىلىش ئۇسۇلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئامېرىكا نيۇيورك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىتاي مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى پروفېسسور شيا مىڭ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسىلىسى، دەپ قارايدىغانلىقىنى، شۇڭا ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىزچىل قاتتىق قول سىياسەت يۈرگۈزۈپ كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

شيا مىڭ مۇنداق دەيدۇ: «ئاز سانلىق مىللەتلەر پۈتۈنلەي چېگرا رايونلاردا ئولتۇراقلاشقان. شۇڭا، خىتاي كومپارتىيەسى ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسىگە دۆلەت مۇداپىئەسى، چېگرا مەسىلىسى نۇقتىسىدىن قارايدۇ. ئۇ مىللىي مەسىلىسىنى دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، زېمىن پۈتۈنلۈكى مەسىلىسىگە ئايلاندۇرۇۋالغان. نەتىجىدە، ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسى بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە ئايلىنىپ قالغان. مانا بۇ ئۇنىڭ ھەربىيلەرنى ئىشقا سېلىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرگە زەربە بېرىشىدىكى سەۋەب.

بىز شىنجاڭ مەسىلىسىنى كۆتۈرۈپ تۇرۇپتىمىز. شۇڭا، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش سىياسىتى ئۇنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىشىنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك ئۇسۇلىغا ئايلىنىپ قالدى.»

پروفېسسور شيا مىڭنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئىككىنچى سەۋەب خىتايلاردىكى چوڭ خەنزۇچىلىقكەن.

ئۇ مۇنداق دېدى: «شۇنىسى ناھايىتى روشەنكى، خىتايدىكى چوڭ خەنزۇچىلىق پىكرى ئېقىمى ئۇلارنىڭ چېگرا رايونغا تەڭ باراۋەر قارىماسلىقىدىكى يەنە بىر ئامىل. ئۇلاردا ئوتتۇرا تۈزلەڭ مەركەز، دەيدىغان قاراش ئېغىر.

شۇڭا، ئۇلار باشقا مىللەتلەرنىڭمۇ پارلاق مەدەنىيىتى بارلىقىنى، ئۇلارنىڭمۇ پارلاق نەتىجە، پارلاق مەدەنىيەتلەرنى ياراتقانلىقىنى ئويلىمايدۇ.»

د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىر دولقۇن ئەيسا بولسا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىنى توختىتىش ئۈچۈن غەرب ئەللىرىنىڭ خىتايغا قاتتىق قول بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

دولقۇن ئەيسا: «شەرقىي تۈركىستاندىكى ناھەقچىلىك ۋە بېسىم سىياسەتلىرىگە نىسبەتەن دۇنيا دىققەت قوزغاۋاتىدۇ، ئاگاھلاندۇرۇۋاتىدۇ، خىتايغا بەزى بېسىملارنى قىلىۋاتىدۇ. ئەمما بۇلار ناھايىتى يۇمشاق ئەمدى.

بۇ مەسىلىنى بىز تۈنۈگۈن گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى ئىنسانلار بىلەن كۆرۈشتۇق، شۇ ۋاقىتتىمۇ ئۇلارغا دېدۇق: سىلەرنىڭ خىتاي بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەردە ئويناۋاتقان رولۇڭلار، ئاگاھلاندۇرۇشۇڭلار ئىنتايىن يۇمشاق بولۇۋاتىدۇ. خىتاي بۇنىڭدىن جاسارەت ئېلىۋاتىدۇ. شۇڭا، خىتايغا نىسبەتەن قاتتىق قول، تېخىمۇ ئېغىر سۆزلەر بىلەن تەنقىد قىلسا، خىتاي بۇنىڭدىن دەرس ئېلىشى مۇمكىن» دېدى.

د ئۇ ق دوكلاتىدا قەيت قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ كوللېكتىپ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى قانلىق باستۇرۇپ، بۇنى ھازىرغا قەدەر داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن.
ئۇنىڭ دوكلاتىدا: «ھازىر ھەر قانداق ئاشكارا قارشىلىق قىلغۇچىنىڭ ئېغىر ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئادالەتسىز تۈرمىگە مەھكۇم قىلىنىدىغانلىقى ياكى ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ قولىدا قانۇنسىز ئۆلتۈرۈلىدىغانلىقى ئايدىڭلاشتى» دېيىلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.