خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى 24-ئاپرېل كۈنى قانۇنسىز نەشر بۇيۇملىرى ۋە قانۇنسىز دىنىي نەشر بۇيۇملىرى نامىدا 330 مىڭ پارچە كىتاب ۋە ئۇن-سىن بۇيۇملىرىنى كۆيدۈرگەن.
بۇ ئەھۋال چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنى قاتتىق غەزەپلەندۈردى شۇنداقلا ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقان خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىدا 24-ئاپرېل كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى خەلق مەيدانىدا قانۇنسىز نەشر قىلىنغان دىنىي، سىياسىي ۋە سېرىق مەزمۇندىكى كىتاب ۋە ئۈن-سىن نەشر بۇيۇملىرىدىن 330 مىڭ دانىسى كۆيدۈرۈلگەنلىكى خەۋەر قىلىندى. خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۈرۈمچىدە بۇ يىلنىڭ 1-پەسلىدە ئېلىپ بېرىلغان «قانۇنسىز نەشر بۇيۇملىرىغا زەربە بېرىش»نامىدىكى ھەرىكەتتە، يەككە كىتاب سودىگەرلىرى نۇقتىلىق زەربە بېرىش ئوبيېكتى قىلىنغان. ساقچىلار 286 جايدىكى كىتاب دۇكىنىغا تۇيۇقسىز باستۇرۇپ كىرىپ، 5624 خىل كىتاب، ئۈن-سىن بۇيۇملىرىنى مۇسادىرە قىلغان. ئۈرۈمچىدە كىتاب تىجارىتى ئارقىلىق تۇرمۇشىنى قامداپ كېلىۋاتقان 9 كىشى قانۇن بويىچە جازالانغان. كۆپ ساندىكى شەخسى كىتابخانىلار ۋە ئۈن-سىن پلاستىنكىلىرى دۇكانلىرىنىڭ تىجارەت كىنىشكىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئۇلارغا ئېغىر ئىقتىسادى جازا بېرىلگەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى شۆجۇن 24-ئاپرېل كۈنى كىتاب ۋە ئۈن سىن بۇيۇملىرى كۆيدۈرۈلگەن خەلق مەيدانىدا مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ :«قانۇنسىز مەتبۇئات بۇيۇملىرىغا زەربە بېرىپ مەدەنىيەت بازىرىنى باشقۇرۇش ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئورۇنلاشتۇرۇشى. ئىنتېرنېت تورلىرىنى تازىلاپ،سىياسىي ۋە دىنىي تۈس ئالغان مەتبۇئات بۇيۇملىرىغا قەتئىي زەربە بىرىمىز» دېگەن. لى شۆجىن يەنە ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان كىتاب كۆيدۈرۈش ھەرىكىتىنىڭ مەقسىتى ھەققىدىمۇ توختىلىپ، «بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشتە دىنىي كىتاب، دىنىي مەزمۇندا ئەسەر ئېلان قىلغان تورلارغا قارشى كۈرەش قىلىشنىڭ مۇھىملىقى» نى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.
دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ قېتىمقى كىتاب كۆيدۈرۈش ھەرىكىتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىچى-سىرتىدىكى ئاممىۋى تور بېكەتلىرىدە ۋە خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا مۇنازىرە قوزغىدى.
ئاممىۋى ئالاقە تورلىرىدىن ۋىچات، تىۋىتېر، فېيسبوك قاتارلىقلاردا 24-ئاپرېل كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېلىپ بېرىلغان كىتاب كۆيدۈرۈش ھەرىكىتى ۋە باشقا دىنىي چەكلىمىلەرگە نارازىلىق ئىنكاسلىرى يېزىلدى. فېيسبوك تورىدا يېزىلغان بىر ئىنكاستا بىرەيلەن دائىرىلەر ئېلىپ بارغان كىتاب كۆيدۈرۈش ھەرىكىتىنىڭ ئەكسىچە ئۈنۈم بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ:«قانۇنسىز نەشر بۇيۇملىرىغا زەربە بېرىش نامىدا دىنىي كىتابلارنى كۆيدۈرۈش، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەقىدىلىرىنى كۈچەيتىدىغان ھەرقانداق يولنى ئېتىۋېتىش ۋە چەكلەش 60 يىلدىن بېرى توختاپ قالمىدى. ئەمما چەكلىمە قانچە كۈچەيگەنسېرى ئۇيغۇرلارنىڭ دىننى ئۆگىنىش، ئىسلامغا ئائىت كىتابلارنى تارقىتىش، ئوقۇش قىزغىنلىقى شۇنچە ئاشتى. 60 يىلدىن بىرى ھۆكۈمەت بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدىكى بۇ خىل قارشىلىشىش توختاپ قالغىنى يوق» دەپ يازغان.
يېزىلغان ئىنكاسلارنىڭ يەنە بىرىدە، دۇنيانىڭ ھېچقانداق يېرىدە بولمىغان، ئەمما خىتايدىلا داۋاملىشىۋاتقان كىتاب كۆيدۈرۈش قىلمىشى كىنايىلىك ئۇسۇلدا مۇنداق تەنقىدلەنگەن:
«دۆلىتىمىزنىڭ شانلىق تارىخىدا 7 بەگلىك دەۋرىدىن تارتىپلا كىتاب كۆيدۈرۈش ئەنئەنىسى بار ئىدى. ئەينى چاغدا چىن بەگلىكىنىڭ بېگى چىن شىخۇاڭ 7 بەگلىكنى بىرلەشتۈرۈپ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنى بىرلىككە كەلتۈرگەندە كۇڭزىچىلار تەلىماتىغا ئائىت نەچچە مىڭ پارچە كىتابنى كۆيدۈرۈپ، كۇڭزى ئېقىمىدىكىلەردىن 3000 تالىپنى تىرىك كۆمگەن ئىكەن. ئۇنىڭدىن كېيىنكى تارىخىتىمۇ ھەر بىر سۇلالە ئالماشقاندا ‹كىتاب كۆيدۈرۈش، ئۆلىما-تالىپلارنى ئۆلتۈرۈش› ئەنئەنىسى داۋاملاشقان. ھەتتا ئۇلۇغ داھىمىز ماۋ زېدۇڭ قوزغىغان مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىمۇ ‹كونا-كىتابلارنى كۆيدۈرۈش، سېسىق تۇققۇزىنچى زىيالىيلارنى كۈرەش قىلىش، ساقاللىق موللىلارنىڭ ساقىلىنى يۇلۇش› ئەۋج ئالغان ئىدى. شۇڭا رەئىسىمىز شى جىنپىڭ دەۋرىدە ئېلىپ بېرىلغان ‹قانۇنسىز دىنىي كىتابلارنى كۆيدۈرۈش، تېررورلۇقنىڭ بەلگىسى بولغان ساقال-بۇرۇتنى چۈشۈرۈش، قالاقلىقنىڭ سىمۋولى بولغان ئۇزۇن كۆڭلەكلەرنى قىسقارتىپ، باش ياغلىقلارنى ئېلىۋېتىش› تەشەببۇسىغا چەتئەللىكلەر ھەيران قالغان بىلەن بىز ھەيران قالمايمىز.»
خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا بۇ يىلنىڭ 1-پەسلىدە خىتايدا ئېلىپ بېرىلغان ئاتالمىش «قانۇنسىز نەشر بۇيۇملىرىغا زەربە بېرىش ھەرىكىتى» ھەققىدە خەۋەر ئانالىزلار بېرىلدى. گېرمانىيە ئاۋازى،ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقى، رويتېرس ئاگېنتلىقى ۋە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى قاتارلىقلارنىڭ يېقىنقى خەۋەرلىرىدە شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتى دەۋرىدە خىتايدا پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ تېخىمۇ بوغۇلۇۋاتقانلىقى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ۋە تىبەت رايونىدا «قانۇنسىز دىنىي نەشر بۇيۇملىرىغا زەربە بېرىش» نامىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەرىكەتلەرنىڭ تېخىمۇ كەسكىن ۋە قەبىھ ۋاسىتىلەر بىلەن ئىجرا قىلىنىپ، بۇ مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادىتى، دىنىي ئېتىقادىغا زەربە بېرىلىۋاتقانلىقى تەكىتلەندى.
گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ 28-ئاپىرىلدىكى خەۋىرىدە دائىرىلەرنىڭ يېقىندىن بۇيان ئېلىپ بېرىۋاتقان زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدە «قانۇنسىز دىنىي كىتابلارنى كۆيدۈرۈش» ھەرىكەتلىرىدىن باشقا يەنە، «بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك تەشەببۇس قىلىنغان يازمىلارنى پاش قىلغانلارغا مۇكاپات بېرىدىغان» لىقى ھەققىدە خەۋەر بېرىلدى. گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بۇ يىل 16-ئاپرېل كۈنى شايار ناھىيىلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن چىقىرىلغان «قانۇنسىز دىنىي تەشەببۇسلارنى ۋە يازمىلارنى پاش قىلغۇچىلارغا مۇكاپات بېرىش ئۇقتۇرۇشى» نەقىل ئېلىنغان. ئۇقتۇرۇشتا: تور بېكەتلىرىگە يوللانغان قانۇنسىز دىنىي ئەقىدىلەر تەشۋىق قىلىنغان يوللانمىلارنىڭ بۆلگۈنچىلىكنى تەرغىب قىلىپ، مىللىي ئۆچمەنلىكنى كۈچەيتىدىغان زەھەرلىك ئوق ئىكەنلىكى، ساقال-بۇرۇت قويغۇچىلار ۋە دىنىي تۈس ئالغان كىيىم كىيگۈچىلەرنىڭ چەتئەللەردىكى بۆلگۈنچى كۈچلەر تەشۋىقاتىنىڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغان خەتەرلىك كىشىلەر ئىكەنلىكى، شۇڭا توردىكى قانۇنسىز دىنىي ئەقىدىلەرنى ۋە ساقال-بۇرۇت قويۇپ، دىنىي تۈس ئالغان كىيىم كىيگۈچىلەرنى پاش قىلغۇچىلارغا 50 سومدىن 50 مىڭ سومغىچە مۇكاپات بېرىلىدىغانلىقى» بايان قىلىنغان.
ئامېرىكىدا مەدەنىيەت، ئۆرپ-ئادەت ۋە تىل تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان دوكتور قاھار بارات ئەپەندى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۈرۈمچىدە ئېلىپ بېرىلغان بۇ قېتىمقى كىتاب كۆيدۈرۈش ھەرىكىتىنىڭ ئىنسانىيەت 21-ئەسىردە ياشاۋاتقان مەدەنىيەت دەۋرىدە يۈز بېرىشى، ئىنسانىيەت قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان بىر قېتىملىق مەدەنىيەت يوقىتىشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، خىتاي ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ قېتىم بۇ خىل مەدەنىيەت يوقىتىشىغا دۇچ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
قاھار بارات: «ۋاڭ لېچۈەن دەۋرىدىن باشلاپ ئۇيغۇر مائارىپى يوقىلىشقا يۈزلەندى. بىزنىڭ ئۇيغۇرچە گېزىت-ژۇرناللارمۇ چەكلىنىپ، يازغۇچىلىرىمىز راست گەپ قىلالمىغانلىقى ئۈچۈن خالىغان ئەسەرلەرنى يازالمايدىغان، ئوقۇرمەنلەر ئانا تىلدا يېزىلغان ئەسەرلەرنى ئوقۇيالمايدىغان ۋەزىيەت شەكىللەنگەن ئىدى. مانا ئەمدى خەلقىمىز قولىدىكى ئىنتايىن ئاز ساندىكى كىتابلارمۇ «قانۇنسىز نەشر قىلىنغان» دېگەن باھانىدە كۆيدۈرۈلۈپتۇ. تېخىمۇ ئېچىنارلىقى، بۇ قىلمىش 21-ئەسىردە يەنى ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى يۈكسەلدى دېيىلگەن بىر دەۋردە يۈز بېرىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلار ئۆز تارىخىدا ئىلگىرى كۆپ قېتىم كىتاب كۆيدۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ خىل مەدەنىيەت يوقىتىشىغا دۇچ كەلگەن ئىدى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىدە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مەدەنىيىتىنى ۋەيران قىلىدىغان بۇ خىل كىتاب كۆيدۈرۈش ئىشى كۆپ قېتىم يۈز بەردى. مېنىڭچە، بۇ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ۋەيران قىلىشلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلارغا قىلىنغان بىر ھاقارەت دېيىشكە بولىدۇ. بۇ خىل ھاقارەتلىك قىلمىشنى مەدەنىيەت ئالىمىدىكى ھېچقانداق بىر ئىنسان ياكى دۆلەت قوبۇل قىلالمايدۇ.»
دوكتور قاھار بارات ئەپەندى يەنە، دۇنيا مەدەنىيىتىدە يۈز بەرگەن بىرقانچە قېتىملىق كىتاب كۆيدۈرۈش ۋەقەلىرىنى مىسالغا ئېلىپ، كىتاب كۆيدۈرۈش قىلمىشى ئىنسانىيەتنىڭ ئىلگىرىكى تارىخىنى يوقىتىش بىلەنلا قالماستىن، بەلكى كەلگۈسى ئەۋلادلارنىمۇ ئۆز تارىخى ۋە مەدەنىيىتىدىن مەھرۇم قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.