0:00 / 0:00
مەكىت ناھىيىسىدە ئۆتكەن يىلى تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلەنگەن ۋە 20 ئايدىن بېرى قاماقتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 6 نەپەر گۇمانداردىن سۇلايمان ئابلىمىتنىڭ رۇخسەتسىز كىتابنى سېتىشتىن ئىبارەت تىجارىي قىلمىشىمۇ تېررورلۇقنىڭ پاكىتى ھېسابلانغان.
مەلۇم بولۇشىچە، 6 نەپەر گۇماندارنىڭ باشلىقى دەپ قارالغان 21 ياشلىق سۇلايمان ئابلىمىت ھۆكۈمەتنىڭ تەستىقىدىن ئۆتمىگەن بىر تۈركۈم دىنىي كىتابلارغا خوتەن مىللىي ئىشلار كومىتېتى نامىدا ساختا تامغا بېسىپ ساتقان. بۇ، ئۆتكەن يىلى ئېچىلغان يېپىق سوتتا، تېررورلۇققا پاكىت قىلىپ كۆرسىتىلگەن.
گۇماندارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئات ۋە يېقىنلىرى سۇلايماننىڭ بۇ قىلمىشىنىڭ سىياسىي خاراكتېرى يوقلۇقىنى، ئۇنىڭ پەقەت بىر تىجارىي قىلمىش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىز.