خىتاي كۆچمەنلىرى بەزى دۆلەتلەرنى كۆچمەن قوبۇل قىلىش سىياسەتلىرىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلىماقتا

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2013.08.16
xitay-kochmen-305.jpg گەنسۇ، خۇنەن، ۋە سىچۈەندىن كەلگەن خىتاي كۆچمەنلىرى ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا. 2010-يىلى 14-نويابىر.
AFP

مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، چەتئەللەرگە كۆچۈپ چىقىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ سانىنىڭ مىسلىسىز دەرىجىدە كۆپىيىپ كېتىشى بەزى دۆلەتلەرنى بىئارام قىلىپ، ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ كۆچمەن قوبۇل قىلىش سىياسىەتلىرىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشكە مەجبۇر قىلغان. بولۇپمۇ مەبلەغ سالغۇچى سۈپىتىدە كۆچىۋاتقان خىتاي پۇقرالىرىنىڭ بارغان دۆلەتلىرىدە ئۆي باھالىرىنىڭ زىيادە ئۆرلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغانلىقتىن، ھۆكۈمەتلەر بۇنىڭغا قارىتا تەدبىر ئېلىشقا باشلىغان. تۆۋەندە بۇنىڭ تەپسىلاتىنى مۇخبىرىمىز ئىرادەدىن ئاڭلىغايسىلەر.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، مەبلەغ سېلىش شەرتى ئارقىلىق كۆچمەن قوبۇل قىلىش ئامېرىكا، كانادا ۋە ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەر يولغا قويۇپ كېلىۋاتقان كۆچمەن قوبۇل قىلىش سىياسەتلىرىنىڭ بىرى. ئەمما يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئۆرلىشى نەتىجىسدە بارلىققا كەلگەن خىتاي بايلىرىنىڭ ۋە بىر قىسىم خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ بىساتىنى ئۈزلۈكسز بۇ دۆلەتلەرگە ئۆزلىرى ياكى بىۋاستە تۇغقانلىرى ئارقىلىق يۆتكىشى ۋە شۇ ئارقىلىق شۇ دۆلەتلەردە داۋاملىق تۇرىدىغان ھوقۇقلارغا ئېرىشىشنى قوغلىشىشى نەتىجىسىدە بەزى دۆلەتلەردە خىتاي نوپۇسى بارغانسېرى كۆپىيىشكە باشلىغان.

ئامېرىكىنىڭ قانۇنىدا، ئامېرىكىغا بىر مىليون دوللار مەبلەغ سېلىش ۋە ئىككى يىل ئىچىدە ئەڭ ئاز دېگەندە ئون كىشىگە ئىش پۇرسىتى يارىتىش شەرتى ئاستىدا كۆچمەنلەرگە ئامېرىكىغا داۋاملىق ئولتۇراقلىشىش يولىنى ئاچىدىغان يېشىل كارت بېرىلىشى بېكىتىلگەن. ئامېرىكىنىڭ بەزى رايونلىرىدا بولسا بۇ رەقەم ھەتتا 500 مىڭ دوللار مەبلەغ سېلىش ئۆلچىمى بويىچە ئېلىپ بېرىلغان. كانادا ۋە ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭمۇ ئۆز ئالدىغا ئوخشىمىغان مىقدار ۋە ئوخشىمىغان شەرتلەر ئاستىدا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش سىياسەتلىرى بار ئىدى. ئەمما بۇ سىياسەتتىن پايدىلىنىپ ئولتۇراقلىشىپ قېلىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ سانىنىڭ ھەددىن زىيادە ئېىشىپ كېتىشى بۇ دۆلەتلەرنى تەمتىرىتىپ قويغان.

ئامېرىكىدىكى س ن ب س تېلىۋىزىيىسىدە بېرىلگەن بىر خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ھەر يىلى خىتايدىن ئىقتىسادىي مەبلەغ سېلىش يولى بىلەن چەتئەللەرگە كۆچۈپ كېتىۋاتقانلار سانى 150 مىڭدىن ئاشىدىغان بولۇپ، ئۆتكەن 12 ئاي ئىچىدىلا خىتايدىن سىرتقا ئېقىپ كەتكەن پۇلنىڭ سانى 225 مىليارد دوللاردىن ئاشقان. سىرتقا كۆچۈپ كېتىۋاتقان پۇلدارلار ئاساسەن بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭدۇڭ، جېجياڭ، جياڭسۇ قاتارلىق ئۆلكە، شەھەرلەردىن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاساسلىق مەنزىل دۆلىتى بىرىنچى بولۇپ ئامېرىكا، ئۇندىن قالسا كانادا ۋە ئاۋسترالىيە ئىكەن.

«دۇنيا جۇڭگولۇقلار ھەپتىلىكى» ناملىق ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە كانادا، ئاۋسترالىيە ۋە ھەتتا سىنگاپور قاتارلىق دۆلەتلەر بۇنىڭغا قارىتا بىر قىسىم تەدبىرلەرنى ئېلىپ، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ سانىنى كونترول قىلىشقا مەجبۇر بولغان. مەسىلەن، كانادا بۇ ھەقتىكى سىياسىتىگە رەسمىي ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ 2012 - يىلى 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن ئىتىبارەن ئىقتىسادىي مەبلەغ سېلىش يولى ئارقىلىق كۆچىدىغان كۆچمەنلەرنى قوبۇل قىلىشنى رەسمىي توختاتقان. مەزكۇر ژۇرنالدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇنىڭدىن كېيىن باشقا دۆلەتلەرمۇ ئاستا - ئاستا مۇشۇ خىل ۋاستىلەرنى يولغا قويۇشى مۇمكىن ئىكەن.

خىتاي كۆچمەنلىرىگە قارىتا تەدبىر ئېلىشقا باشلىغان دۆلەتلەرنىڭ يەنە بىرى بولسا سىنگاپور بولۇپ، سىنگاپوردا ھازىر خىتاي كۆچمەنلىرىنى قارشى ئالماسلىق خاھىشى ئېغىرلاشقان. ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، ئۆتكەن يىلى 5 - ئايدا 31 ياشلىق خىتاي باي ئۆزىنىڭ قىممەت باھالىق ئاپتوموبىلىنى سىنگاپور شەھەر ئىچىدە تېز سۈرئەت بىلەن ھەيدەپ 3 كىشىنىڭ ھاياتىغا زامىن بولۇش ۋەقەسى ئەسلىدىلا خىتاي كۆچمەنلەرگە نارازىلىقى تېشىپ تۇرغان سىنگاپور خەلقىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغاپ، خىتاي كۆچمەنلىرىگە بولغان كۆز قاراشنى تېخىمۇ يامانلاشتۇرۇۋەتكەن. بۇنىڭ بىلەن سىنگاپور دائىرىلىرى خىتاي كۆچمەنلەرنى قوبۇل قىلىشقا دائىر تۈزۈملىرىنى چىڭىتقان.

ئاۋسترالىيە بولسا خىتاي كۆچمەنلىرى ئەڭ كۆپ يەر - مۈلك سېتىۋالىدىغان دۆلەت بولۇپ، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئاۋسترالىيىدىكى ئۆي سېتىۋېلىش قىزغىنلىقى ئاۋسترالىيىدە ئۆي - مۈلك باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، يەرلىك ئاۋسترالىيىكلەرنى بىئارام قىلىشقا باشلىغان. ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، بۇ خىل ئەھۋال ھازىر ئاۋسترالىيىلىك ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ دىققىىنى تارتىۋاتقان بولۇپ، ئۆي بازىرىدىكى باھا ئىقتىسادنىڭ تەڭپۇڭلىقىغا قاراپ تەڭشىلىدىكەن. ئەمما ھازىر ئاۋسترالىيىدىكى ئۆي بازىرىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ئامىل بولسا خىتاي كۆچمەنلىرى بولۇپ قالغان. بەزى ئاۋسترالىيىكلەر «جۇڭگولۇق بايلار ئاۋسترالىيىگە كېلىپ، ئاۋسترالىيىنىڭ ئاۋام پۇقرالىرى ئولتۇرىدىغان ئۆينىڭ تەننەرقىنى ئاشۇرۇپ، ئۇلارغا قولايسىزلىق ئەپكەلدى» دېگەن ۋە ئاۋسترالىيە دائىرىلىرىنىڭ بۇنىڭغا قارىتا پات يېقىندا تەدبىر ئېلىشىنى تەلەپ قىلغان.

ماتېرىياللاردىن قارىغاندا، يېڭى زېللاندىيىدىكى كۆچمەنلەرنىڭ ئەڭ ئاساسلىق قىسمىمۇ يەنىلا خىتاي كۆچمەنلىرىدىن تەركىپ تاپىدىكەن. ھازىر يېڭى زېللاندىيىدە خىتاي كۆچمەنلىرىدىن بىزار بولۇش كەيپىياتى ئاللىبۇرۇن شەكىللەنگەن بولۇپ، ھەتتا ئۇلار ئاغزاكى ھۇجۇم قىلىش نىشانىغا ئايلانغان. ھەتتا خىتاي پۇقرالىرىنى «يېڭى زېللاندىيىدىكى راك كېسىلى» دەپ ھاقارەتلەش ۋەقەلىرى ۋە فېيسىبۇك تورىدا مەخسۇس خىتاي كۆچمەنلىرىگە قارشى سەھىپىلەر ئېچىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، كۆپىيىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرى يېڭى زېللاندىيىنىڭ ئۆي - مۈلك بازىرىغىمۇ بېسىم پەيدا قىلغان ئىكەن.

خىتاي بايلىرىنىڭ ئۆز مال - بىساتىنى چەتئەللەرگە يۆتكەش ئارقىلىق ئۇ دۆلەتلەردە ئولتۇراقلىشىپ قېلىش قىزغىنلىقى خىتاي پۇلىنىڭ سىرتقا ئېقىپ كېتىش مەسىلىسنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ يىغقان مال - بىساتىنى چەتئەللەرگە يۆتكىشى ئومۇميۈزلۈك كۆرۈلۈۋاتقان بىر مەسىلە ۋە بۇ ئارقىلىق خىتايدىن چىقىپ كەتكەن پۇلنىڭ ھەددى ھېسابى يوق. ئەمما يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتايدىكى شەخسى كارخانىچىلارنىڭ بىساتىنى چەتئەللەرگە كۆپلەپ يۆتكىشى ۋە ھەر يىلى نۇرغۇن شەخسى كارخانىچىنىڭ چەتئەللەردە ئولتۇراقلىشىپ قېلىشى بولسا، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېشىنى قاتتتىق قاتۇرۇۋاتقان ۋە شۇنداقلا ئۇنىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىغىمۇ بىۋاستە تەسىر يەتكۈزۈۋاتقان بىر مەسىلە. كۆزەتكۈچىلەر بولسا بۇ ئەھۋالنىڭ خىتايدىكى دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

ئامېرىكىدىكى فوربېس گېزىتىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىقتىسادىي مەبلەغ يولى بىلەن كۆچمەنلىككە ئېلتىماس قىلغانلارنىڭ سانى خىتايدا بو شىلەي ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن نەچچە ھەسسە ئۆرلەپ كەتكەن بولۇپ، بۇ خىتاي پۇقرالىرىنىڭ كۆچۈشىدە دۆلەتتىكى سىياسىي ئىشەنچسىزلىكنىڭ مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.