ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مەسچىتلەردە «پارتىيەنى سۆيۈش، دۆلەتنى سۆيۈش» مەزمۇنىدىكى لوزۇنكىلارنىڭ ئېسىلىشى، بۇ جەھەتتىكى ئەھۋاللارنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ئالاقىدار شەخسلەرنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچرىدى. ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتى يولغا قويۇۋاتقان بۇ تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنىڭ خەلقئارا نىزاملارغا ياكى خىتاينىڭ ئۆز قانۇنلىرىغا ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ، بۇنى «پۇقرالارنىڭ خۇسۇسىي تاللىشىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشقانلىق» دېدى.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدا «ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش» نامىدا ئىجرا قىلىۋاتقان دىنىي سىياسەتلىرىنىڭ بىرى، ئۇيغۇرلاردىكى دىنىي ئېتىقاد چۈشەنچىسىنى سۇسلاشتۇرۇش بولۇۋاتقانلىقى تۈرلۈك ئۇچۇرلاردىن داۋاملىق مەلۇم بولماقتا. يېقىنقى تەكشۈرۈشلەر نەتىجىسىدە بۇ جەھەتتىكى خىزمەتلەرنىڭ بىرى دەل ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىدا مۇقەددەس ئورۇندا تۇرىدىغان مەسچىتلەرنى نىشان قىلغانلىقى ئايدىڭلاشتى. بولۇپمۇ بۇنىڭدا ھەممىدىنمۇ بەكرەك كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقىنى، ھەرقايسى جايلاردىكى مەسچىتلەرگە خىتاي دۆلەت بايرىقى ئېسىشنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، ئەمدىلىكتە مەسچىتنىڭ ئۈستىگە «پارتىيەنى سۆيۈش، دۆلەتنى سۆيۈش» مەزمۇنىدىكى غايەت زور لوزۇنكىلارنى ئېسىش بولغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن بۇ مەسىلە ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، مەسچىتلەرگە «كومپارتىيەنى سۆيۈش» دېگەن لوزۇنكىنى ئېسىشنى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىدىكى «ئاللانى سۆيۈش» چۈشەنچىسىگە قىلىنغان خىرىس، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇنىڭ ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن بىر زور ھاقارەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
خۇددى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشى ئەڭ ئەقەللىي ئىنسان ھەقلىرى پرىنسىپلىرىغىمۇ خىلاپ» دەپ كۆرسىتىپ ئۆتكەندەك، «ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى كومىتېتى» نىڭ تەتقىقاتچىسى تىنا ماففورد بۇ خىل تەشۋىقاتنى ئەمەلىيەتتە يىللاردىن بۇيان ئىجرا بولۇپ كېلىۋاتقان سىياسەتلەرنىڭ داۋامى، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «شۇنداق، بۇ يېڭى بەلگىلىمىلەرنى ھەقىقەتەنمۇ قاتتىق دېيىشكە بولىدۇ. ئەمما بۇلار، ھازىرقى مەۋجۇت سىياسەتلەر ۋە يىللاردىن بۇيان ئىجرا بولۇپ كېلىۋاتقان چەكلىمىلەرنىڭ كېڭىيىشى ھەمدە چوڭقۇرلىشىشى، خالاس. بۇلار ماھىيەتتە پەقەت بېيجىڭدىكى مەركىزىي ھۆكۈمەت ۋە شىنجاڭدىكى يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى، مەدەنىيىتى، تىلى ۋە ئەنئەنىسىدىن ئايرىپ تاشلاش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ تۈپلۈك كىملىكىنى يوقىتىۋېتىش ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ ئەكس ئېتىشىدۇر. بۇ ئەيىبلەشكە تېگىشلىك بىر قىلمىش بولۇپ، خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى ئۆلچىمىگە پۈتۈنلەي زىت كېلىدۇ.»
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر «دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش» دېگەن نامدا مۇشۇ خىلدىكى تەشۋىقاتلارغا كۈچەپ كېتىشى ھەققىدە پىكىر قىلغان تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىنغاندىن بۇيان ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىدا ھېچقاچان «ئەسەبىيلىك» دېگەن ئۇقۇمنىڭ مەۋجۇت بولمىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ئىسلام دىنىغا دائىر پائالىيەتلەرنىڭ ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىك» كە باغلاپ قويۇلۇشى ھەققىدە پىكىر قىلغان تىنا بۇ خىلدىكى بەلگىلىمىلەرنىڭ خىتاي كۈتكەندەك نەتىجە بېرىشتىن يىراقلىقىنى، بۇ خىل يەرلىك سىياسەتلەرنىڭ ھەقىقىي مەقسىتىگە يوشۇرۇنغان ماھىيەتلىك مەزمۇنلارنى چۈشىنىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى بىر ياقتىن دىنىي ئاممىنى دەپسەندە قىلسا، يەنە بىر ياقتىن دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە خىلاپلىق قىلىۋاتىدۇ. چۈنكى، ئۇلار دىننى ئۆزلىرىنىڭ ھاكىمىيەتنى يېگانە ھالدا ئىگىلىۋېلىشى ئۈچۈن بىر تەھدىت، دەپ قاراپ كەلمەكتە. ئەمما، خىتاي كومپارتىيەسى شۇنى ئاڭقىرىشى لازىمكى، ئەگەر ئۇ خەلقنى دىنىي ئېتىقادى ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن مۇشۇ يوسۇندا بېسىۋەرسە، ئۇ ھالدا مۇقىمسىزلىق ۋە توقۇنۇشتىن باشقا نەرسە ھاسىل بولمايدۇ. بۇلار بولسا ئەمەلىيەتتە خىتاي ھاكىمىيىتى ھەرقاچان تىلغا ئېلىپ كېلىۋاتقان، شۇنداقلا ساقلانماقچى بولغان مەسىلىلەردۇر. يەنە بىر ياقتىن خىتاي ھاكىمىيىتى شۇنى ياخشى چۈشىنىشى لازىم، ئەگەر بىر شەخس بىر تۈرلۈك دىنىي ئېتىقادقا ئەگىشىش ياكى ھېچقانداق دىنىي ئېتىقادقا ئېگە بولماسلىقنى تاللىغان بولسا، ئۇ ھالدا بۇ ئىشلار بىر شەخسنىڭ كومپارتىيەگە ياكى ھۆكۈمەتكە سادىق بولۇش-بولماسلىقى بىلەن توقۇنۇشۇپ قالمايدۇ. يەنى بىر شەخس ئۈچۈن ھەم ھاكىمىيەتكە سادىق بولۇش، ھەم ئۆزىنىڭ دىنىي ئېتىقادى ئارقىلىق شۇ ھاكىمىيەتتىنمۇ يۈكسەك بولغان قۇدرەتكە ئىشىنىش تامامەن مۇمكىن بولىدىغان ئىشلار. شۇنىڭ ئۈچۈن دىنىي ئېتىقادلىق بولۇش ياكى دىنىي ئېتىقادسىز بولۇش ھېچقاچان خىتاي كومپارتىيەسى دەۋاتقاندەك خائىنلىق ياكى ئۆكتىچىلىك قىلمىشى ئەمەس. ئەگەر خىتاي كومپارتىيەسى مۇشۇ يوسۇندا دىننى ھەمدە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى ئۆزلىرى ئۈچۈن تەھدىت، دەپ قارايدىكەن، ئۇ ھالدا ئۆزىنى مىليونلاپ زورىيىۋاتقان دىنىي ئامما بىلەن قارىمۇ-قارشى قويغان بولىدۇ.»
تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇننىڭ پىكرىچە، ھازىر ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى بۇ بەلگىلىمىلەر ھەمدە تەشۋىقات پائالىيەتلىرى ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكى ۋە مەۋجۇتلۇقىنى يوقىتىشنى نىشان قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇيغۇرلارنىڭ «كومپارتىيەنى سۆيۈشى» مۇمكىن ئەمەس ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر بۇ خىلدىكى «كومپارتىيەنى سۆيۈش، دۆلەتنى سۆيۈش» تەشۋىقات لوزۇنكىلىرى ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مەسچىتلەرگە ئارقىمۇ-ئارقىدىن ئېسىلماقتا ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، يەرلىك خەلق بۇ ھەقتە ھېچقانداق پىكىر قىلىش ھوقۇقىنىڭ بولماسلىقى تۈپەيلىدىن «كىشىلەرنىڭ بۇنىڭغا ئىنكاسى ياخشى» دېيىشكە مەجبۇر بولماقتا ئىكەن.
0:00 / 0:00