بايدىكى كۆمۈركانغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنىڭ يەنە بىر قىسىم تەپسىلاتى ئاشكارىلاندى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2015.09.24
kocha-charlash-qoralliq-saqchi-herbiy-qeshqer.jpg كوچا چارلاۋاتقان قوراللىق ئەسكەرلەر. 2014-يىلى 31-ئىيۇل، قەشقەر.
AFP

مەلۇم بولۇشىچە، 18-سېنتەبىر كۈنى سەھەردە باي ناھىيىسىدىكى سوغان كۆمۈر كېنىغا ھۇجۇم قىلغان پىدائىيلار ئالدى بىلەن كاندا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئامانلىق خادىملىرى ۋە كان خوجايىنلىرىغا زەربە بەرگەن، ئارقىدىن ئۇلار ئەھۋالنى تېرەك بازارلىق ساقچىخانىغا مەلۇم قىلىپ ساقچىلارنىڭ ۋەقە مەيدانىغا كېلىشىنى يول توسۇپ كۈتكەن، مەزكۇر ساقچىخانىنىڭ بىر گۇرۇپپا خادىمى بىر ساقچى ئاپتوموبىلى بىلەن نەق مەيدانغا يېقىنلاپ كېلىۋاتقان چېغىدا، پىدائىيلار كۆمۈر بېسىلغان بىر يۈك ئاپتوموبىلى بىلەن ساقچى ئاپتوموبىلىنى سوققان ۋە ساقچىلارنىڭ ئاپتوموبىل سوقۇلۇشتىن يارىلانغان ۋە ئالاقزادە بولغان پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ساقچىلارغا پىچاق ۋە كالتەك بىلەن ئەجەللىك زەربە بەرگەن.

پىدائىيلار شۇ مەيداندا 5 ساقچىنى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن تەۋەلىكتىكى تاغ باغرىغا چېكىنگەن. نۆۋەتتە خىتاي قوراللىق قىسىملىرى تاغ باغرىنى قورشاش ۋە چارلاش ئوپېراتسىيەسى ئېلىپ بارماقتا.

يۇقىرىقى بىر قىسىم ئۇچۇر ۋە رادىئومىز خىتايچە بۆلۈمىنىڭ بايدىكى خىتاي ئاھالىلىرىدىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا قارالغاندا، پىدائىيلارنىڭ كۆمۈر كاندىكى كاپسۇل ۋە پارتلاتقۇچ ساقلانغان ئامبارنى قورشاۋغا ئالغانلىقى مەلۇم، ئەمما پىدائىيلارنىڭ مەزكۇر ئامبارنى نېمە ئۈچۈن قورشاۋغا ئالغانلىقى، ئۇنىڭدىكى پارتلاتقۇچلارنى قوللىرىغا ئالغان ياكى ئالمىغانلىقى، شۇنداقلا ۋەقە داۋامىدا بۇ پارتلاتقۇچلارنى قوللانغان-قوللانمىغانلىقى ھازىرچە ئايدىڭ ئەمەس.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.