تەسلىم بولغان گۇماندار تۇرغۇن ئەمەتنىڭ چارۋا مەيدان سېكرېتارىنىڭ ئوغلى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

0:00 / 0:00

خىتاي يېقىنقى خەۋەرلىرىدە تەسلىم بولغان كۆمۈركان ھۇجۇمچىلىرىدىن تۇرغۇن ئەمەتنىڭ ئائىلىسى تەرىپىدىن ساقچىغا تاپشۇرۇلغانلىقىنى ئاشكارىلىغاندىن كېيىن مۇخبىرىمىز گۇماندار تۇرغۇن ئەمەتنىڭ كىملىكى ھەققىدە ئېنىقلاش ئېلىپ باردى.

يەرلىك دائىرىلەر ۋەقە گۇماندارلىرىنىڭ كىملىكى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى ئىزچىل ھالدا رەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئاھالىلەردىن بىرى تۇرغۇن ئەمەتنىڭ كانچى يېزىسىغا قاراشلىق چوكاتال چارۋا مەيدان پارتىيە ياچېيكا سېكرېتارىنىڭ ئوغلى ئىكەنلىكى ۋە مەزكۇر سېكرېتارنىڭ ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىش بىلەن بىرلىكتە تۇتقۇن قىلىنىپ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى. مەلۇم بولۇشىچە بۇ سېكرېتار، ئوغلىنىڭ ۋەقەگە قاتناشقىنىدىن باشقا يەنە، گۇماندارلارنىڭ ھۇجۇم تەييارلىق پائالىيەتلىرىگە كۈز يۇمۇش بىلەنمۇ ئەيىبلەنمەكتە ئىكەن.

خىتاي ئاخباراتى باي كۆمۈركان ھۇجۇمچىلىرىدىن 28 نەپىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ۋە بىر نەپىرىنىڭ تەسلىم بولغانلىقىنى ئاشكارىلىغاندىن كېيىن، رادىيومىزغا مەلۇم بولمىغان قالغان 11 نەپەر گۇماندارنىڭ كىملىكى ھەققىدە ئېنىقلاش ئېلىپ باردۇق. باي ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى تۇرغۇن تۇردى بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشكە جۈرئەت قىلالمىدى.

ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر يېزا كادىرى تەسلىم بولغان گۇماندار تۇرغۇن ئەمەتنىڭ كانچى يېزا چوكاتال چارۋا مەيدان سېكرېتارىنىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ گۇماندارلار ئارىسىدا ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشقاندىن كېيىن، ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغانلىقىنى ۋە تۇتۇپ تۇرۇلۇپ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. بۇ مەلۇماتنىڭ توغرىلىقىنى بىز ئىلگىرى زىيارەت قىلغان مەزكۇر چارۋا مەيداننىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەلنىياز تۇردىنىڭ سۆزلىرىمۇ دەلىللىمەكتە.

مەزكۇر سېكرېتارنىڭ ئىسمى بىلەن گۇماندارنىڭ فامىلىسىنىڭ ئوخشاشلىقى ئىككىسىنىڭ ئاتا-بالىلىق ئۇچۇرىنىڭ توغرىلىقىنى دەلىللىمەكتە. خىتاي خەۋەرلىرىدە گۇماندار تۇرغۇن ئەمەتنىڭ قېيىنئاتسى ۋە ئايالى تەرىپىدىن ساقچىلارغا تاپشۇرۇلغانلىقى بايان قىلىنغان. گۇماندار تۇرغۇن ئەمەتنىڭ دادىسى تەرىپىدىن ئەمەس، قېيناتىسى تەرىپىدىن ساقچىغا تاپشۇرۇلغانلىقىمۇ، سېكرېتار ئەمەت سىدىقنىڭ نۆۋەتتە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىق ئۇچۇرىنى دەلىللىمەكتە. مەيدان باشلىقىنىڭ يۇقىرىقى بايانلىرىدىن يەنە، گۇماندارلارنىڭ غوللۇق يېتەكچىسى مۇسا توختىنىيازنىڭ سىڭلىسىنىڭ مەيداندا ئاياللار مۇدىرلىق ۋەزىپىسى ئۆتىگەنلىكى مەلۇم، ئەمما ئۇنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى يەنى تۇتۇلغان ياكى تۇتۇلمىغانلىقى مەلۇم ئەمەس. ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بايىقى يېزا كادىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋەقەدە ئۆلگەن ساقچى باشلىقى مەمەت توختىنىياز، ئۆزىنىڭ مىللىي كىملىكىنى ئاساسەن ئۇنۇتقان، خىزمەت كۆرسىتىپ مەنسىپىنى ئۆستۈرۈشتىن باشقا ئوي ‏-خىيالى بولمىغان شەخسىيەتچى بىر شەخس بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى يەرلىك ئاھالىلەر ئارىسىدا ئېغىزدىن-ئېغىزغا تارقىلىپ يۈرمەكتە.