كۇڭزىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى قىلىپ بېكىتكەندە

0:00 / 0:00


10 - سېنتەبىر خىتايدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ 30 - قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنى كۈتۈۋالدى. گەرچە خىتايدا سېسترالار بايرىمى، مۇخبىرلار بايرىمى، ئەمگەكچىلەر بايرىمى دېگەندەك ھۆكۈمەت بەلگىلىگەن نۇرغۇن بايراملار بولسىمۇ، لېكىن «ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى»دىن ئىبارەت بۇ بايرام، مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدىن كېيىن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئوقۇتقۇچى ئۇستازلارغا بولغان ھۆرمەتنىڭ سىمۋولى خىتاي جەمئىيىتىدە ئەڭ تېز قوبۇل قىلىنغان ئەھمىيىتى ۋە تەسىرى ئەڭ زور بايرام دېيىشكە بولىدۇ، ئەمما يېقىندىن بۇيان دۆلەت ئىشلىرى كابېنتىنىڭ ھەر يىلى 10 - سېنتەبىر ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان بۇ بايرامنى خىتاي پەيلاسوپى كۇڭزىنىڭ توغۇلغان كۈنىگە ئالماشتۇرۇش، يەنى 9 - ئاينىڭ 28 - كۈنى قىلىپ قايتا بېكىتىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىدەك خەۋەرلەر خىتاينىڭ كۆپ قىسىم تاراتقۇلىرىدا ۋە تور بەتلەردە ئەڭ كەڭ پىكىر ئىختىلاپ قوزغىغان تېما بولۇپ قالدى.

كۆپ قىسىم خىتاي زىيالىيلار بۇنى خىتاي كومپارتىيىسى سىياسىي مەقسەتتە كۆتۈرۈپ چىققان بىر مەسىلە دەپ ئوتتۇرىغا قويماقتا،

10 - سېنتەبىر ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى يېتىپ كېلىشى بىلەن يېقىنقى كۈنلەردە خىتاينىڭ سىنا، بوشۇن دېگەندەك ئاساسلىق تور مۇلاھىزە مۇنبەرلىرىدە «10 - سېنتەبىردىكى "ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى" نىڭ ۋاقتى ئۆزگىرىشى مۇمكىن» دېگەن خەۋەر تارقىلىپ نۇرغۇن مۇنازىرە ۋە پىكىر ئىختىلاپلىرىرىغا سەۋەب بولماقتا. خىتايدا 30 يىل داۋاملاشقان 9 - ئاينىڭ 10 - كۈنىدىكى ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنىڭ بۇندىن كىيىن ۋاقىت جەھەتتىن ئۆزگىرىش بولۇشى مۇمكىنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتقان ئۇچۇر ۋە ماقالىلەردە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كابېنتى )گوۋۇيۈەن (قانۇن - تۈزۈم ئىشخانىسى بۇلتۇر سېنتەبىردە ئىلان قىلغان «مائارىپ قانۇنى ئومۇمىي تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھىسى ( پىكىر ئېلىش نۇسخىسى )» دە، مائارىپ قانۇنى، ئالىي مائارىپ قانۇنى، ئوقۇتقۇچىلار قانۇنى ۋە خەلق باشقۇرۇشىدىكى مائارىپنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى قاتارلىق تۆت قانۇننىڭ ئالاقىدار ماددىلىرىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلىدىغانلىقى ئاشكارىلانغان. پىكىر ئېلىش نۇسخىسىدا «ھەر يىلى 9 - ئاينىڭ 28 - كۈنىنى ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى قىلىش بەلگىلەندى ھەمدە مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشتىكى تەلەپنى كۈچەيتىش، خەلق باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش قاتارلىق بىر قاتار مۇھىم ماددىلار قىتىلدى» دەپ كۆرسىتىلگەن.

سىنا تورىنىڭ بۇ ھەقتە تارقاتقان ئۇچۇر ھەم مۇلاھىزىلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنىڭ كۈنىنى تەڭشەش توغرىسىدىكى مۇراجەتنىڭ بارلىققا كەلگىنىگە خىلى كۈنلەر بولغان بولۇپ، چوڭ كۆلەمدىكى مۇراجىئەت 2004 - يىلىدىن باشلانغان. مەملىكەتلىك سىياسى كېڭەشنىڭ ھەيئىتى لى خەنچيۇ ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى ناھايىتى چوڭقۇر ئىلىم مەزمۇنىغا ئىگە بايرام بولۇشى، ئۈزۈلمەي داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان تارىخى ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىشى كېرەك دەپ مۇراجىئەت قىلغان ۋە كۇڭزىنىڭ دۇنياغا كەلگەن كۈنىنى ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى قىلىش توغرىسىدا تەكلىپ بەرگەن. تەتقىق قىلىپ ھېسابلاشلارغا قارىغاندا كۇڭزى مىلادىدىن بۇرۇنقى 551 - يىلى 9 - ئاينىڭ 28 - كۈنى دۇنياغا كەلگەن دەپ مۇقىملاشتۇرۇلۇپ، نۆۋەتتە چوڭ كۆلەمدىكى كۇڭزىنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنىڭ ھەممىسى 9 - ئاينىڭ 28 - كۈنى ئۆتكۈزۈۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما لياۋنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تىل - ئەدەبىيات ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى بې باۋكۇي ئىلگىرى گۇمانىتار پەنلەر تورىدا ئىلان قىلغان «كۇڭزىنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتى توغرىسىدا تەپسىلى مۇلاھىزە» ناملىق ماقالىسىدە كۇڭزىنى 9 - ئاينىڭ 28 - كۈنى تۇغۇلغان دېيىشنىڭ ئاساسى يېتەرلىك ئەمەس، خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا كۇڭزىنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتىنى مىلادىدىن ئىلگىرىكى 552 - يىلى 10 - ئاينىڭ 9 - كۈنى دەپ مۇقىملاشتۇرۇشقا بولىدۇ، باشقا قاراشلارنى چۆرۈۋىتىشكە بولىدۇ دەيدۇ. شۇڭا كۇڭزىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى توغرىسىدا يەنىلا پىكىر ئىخىلاپلىرى،بەس - مۇنازىرە داۋام قىلماقتا.

مۇشۇنداق بىر پەيتتە، خىتاي جەمئىيىتىدە 30 يىلدىن بۇيان ئېتىراپ قىلىنىپ ئاسان قوبۇل قىلىنىپ ئەنئەنىگە ئايلانغان ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنىڭ ۋاقتىنى دائىرىلەرنىڭ قانداق بىر ئېھتىياج بىلەن ئۆزگەرتىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقى، بۇنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە مەقسىتى خىتايدا مۇنازىرىلەرگە يول ئاچتى.

بۇ ھەقتە نيۇيورۇكتا ياشاۋاتقان خىتاي ئۆكتىچى زىيالىيلىرىدىن چېن پوكۇڭ ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ :«گەرچە كۇڭزى خىتاي پەيلاسوپى، كاتتا ئۇستاز سانالسىمۇ، ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ھازىرقى مائارىپ سىياسىتى ھېچقاچان كۇڭزىنىڭ ئەسلى پەلسەپىسىنى ئەندىزە قىلمىغان، كۇڭزى ئۆزىنىڭ پەلسەپىلىرىدە ھەممە ئېقىملار بەس - بەستە سايراش، بارچە گۈللەر تەكشى ئېچىلىش دېگەندەك، ھەر قانداق ئىدىيە،ھەممە قوۋم ھەممە مىللەتلەرنىڭ ئورتاق، باراۋەر ئېتىراپ قىلىنىشىنى تەۋسىيە قىلغان. ئەمما، كوممۇنىستىك پارتىيە دەل بۇنىڭ ئەكسىچە ئۆزىدىن باشقىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ، ئىككىنچىدىن، كۇڭزى مائارىپتا ئىدىيە ئەركىنلىكىنى تەۋسىيە قىلىدۇ، خىتاي بولسا مائارىپنى ئۆزىنىڭ سىياسىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشنى مەقسەت قىلغان. خىتاي مەركىزى تېلېۋىزورىدىن كۆرسەم، بۈگۈنكىدەك ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى كۈنىدە شى جىنپىڭ بېيجىڭ سىفەن ئۇنىۋېرستېتىتىدا نۇتۇق سۆزلەپ ياخشى ئوقۇتقۇچى بولۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ سىياسىتىنى ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك، دەپتۇ. شۇڭا خىتاي كومپارتىيىسى مائارىپنى ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرىدۇ خالاس. ماھىيەتتىن ئېيتقاندا، ئۇنىڭ يولى كۇڭزىغا قارشى، شۇنداق تۇرۇقلۇق خىتاي ھۆكۈمىتى كۇڭزى نامىدىن سىياسىي مەقسەتتە پايدىلىنىۋاتىدۇ دەپ چۈشەنسەك بولىدۇ» دېدى.

چېن پوكۇڭ ئەپەندى يەنە «كۇڭزىنىڭ تۇغۇلغان كۇنىنى ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى كۈنى قىلىپ تەڭشەش، باشقا مىللەتلەرگە دۆلەتنىڭ مەجبۇرىي بايرام سۈپىتىدە تېڭىپ كۇڭزى مەدەنىيىتىنى ئېتىراپ قىلدۇرۇشى خىتاي مەدەنىيىتىنى ئېتىراپ قىلدۇرغانلىقى يەنى ئاشكارا ئاسسىمىلياتسىيە بولىدۇ. چۈنكى ئۇ، پەقەتلا خەن مىللىتىگە تەۋە شەخس ۋە مەدەنىيەت. بۇنى تېڭىپ ئېتىراپ قىلدۇرۇش باشقا مىللەتلەرگە زۇلۇم ۋە كەمسىتىش» دەپ بىلدۈردى.

تولۇقسىز مەلۇماتلارغا قارىغاندا خىتايدا ھەر يىلى بەش مىڭغا يىقىن مەدەنىيەت، ساياھەت بايراملىرى ئۆتكۈزۈلۇپ تۇرىدىغان بۇلۇپ، كۇڭزى مەدەنىيەت بايرىمى تەسىرى چوڭ بولغان ساياھەت ۋە مەدەنىيەت بايراملىرىدىن بىرىكەن.

كۇڭزى 2000 يىللار بۇرۇنقى ئەمىنىيە دەۋرىدە ياشىغان بولۇپ «مەينەت» ئىنقىلابىدا قاتتىق تەنقىد قىلىنغان شەخىس، ئەمما ھازىر دەل ئەكسىچە كىشىلەر مەخسۇس كۇڭزى ئىبادەتخانىسى ياساپ ئۇنى خاتىرىلىگەن. ھەر قېتىم كۇڭزىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى بولغاندا، ئۇنىڭ يۇرتى شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ چۈفۇ دېگەن يېرىدە چۈفۇ كۇڭزى مەدەنىيەت بايرىمى ئۆتكۈزۈلۈپ كەلمەكتە.

1984 - يىلى. شەندۇڭ ئۆلكىسى چىنىڭ شەھىرىدىكى كۇڭزىنىڭ يۇرتى بولغان چۈفۇدا تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزگەن بۇ كۇڭزى مەدەنىيەت بايرىمى تەرەققى قىلىپ، ئەسلىدىكى كىچىك تىپتىكى مەدەنىيەت بايرىمى خەلقئارا مەدەنىيەت بايرىمىغا ئۆزگەرگەن. قىسمەن چەتئەل مەملىكەتلىرىدە كۇڭزىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى قىلىپ بېكىتىلگەن. ئۇندىن باشقا كۇڭزى نامىدىكى مەكتەپ ۋە دەرسخانىلار 2008 - يىلىنىڭ ئاخىرغىچە دۆلەت ئىچى - سىرتىدا بولۇپ 48 دۆلەتتە 278گە يەتكەن.

ئۇيغۇر زىيالىيلار بولسا، مىللىي مائارىپى ئۆزىنىڭ مىللىي ئەنئەنىسىدىن، پىسخىكا يىلتىزىدىن يىراقلاپ كەتكەن، مىللىي ئەخلاق ئەنئەنىسىنىڭ تەلىم - تەربىيىدىكى رولى جارى قىلدۇرۇلمايۋاتقان، ئەكسىچە مىللىي ئۆزلۈك ۋە مىللىي ئەخلاق ئامىللىرى تاشلىۋېتىلگەن، تارىخىي ئەنئەنىسى، مەدەنىيىتىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ قىلىش كۈچلۈك سىناق، مۈشكۈل تاللاشقا دۇچ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن، ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنىڭ خىتاي تارىخىي پەلسەپىسىنىڭ سىمۋولى بولغان كۇڭزىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە ئالماشتۇرۇلۇشىنى خىتاينىڭ چوڭ خىتايچىلىق تەرغىباتىدىن باشقا نەرسە ئەمەس دەپ تونۇماقتا. بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۇڭزىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى قىلىپ تېڭىشىنى، خىتاينىڭ ھەددىدىن ئاشقان ئېرىقئىزم، ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى ئاشكارىلىشى» دەپ كەسكىن ئېيتتى.

ھەر بىر دۆلەت، ھەر قانداق قوۋم، ھەر قايسى مىللەتنىڭ ئۆز تەرەققىياتى، مەدەنىيىتى جەريانىدا ئەھمىيەتلىك بولغان كۈنلىرى، خاتىرە ۋە ھېيت - بايرام كۈنلىرى، داڭلىق تارىخىي شەخسلەرنىڭ تۇغۇلغان ياكى ۋاپات بولغان كۈنى قاتارلىقلارغا ئوخشاش ئەستىن چىقارماس كۈنلىرى بار. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي مەدەنىيىتىگىلا خاس بولغان تارىخىي شەس كۇڭزىنىڭ دۇنياغا كەلگەن كۈنىنى قېلىپلىشىپ بولغان ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىغا ئۆزگەرتىشنى تەۋسىيە قىلىشى، ياكى سىياسەت ئارقىلىقلا ياد قەۋمنىڭ مەدەنىيىتىنى ‹«ئۆزەم›» نىڭ دەپ‹«مەڭگۈلۈك›» ئېتىراپ قىلدۇرۇپ قىلىپلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇشىغا قارىتا، فىللاندىيىدىكى مەلۇم ئۇنىۋرېسىتېتتا ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىدىن دەرس بېرىۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئۆزىنىڭ ئويلىغانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ «شەكىلۋازلىققا كۆنگەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەشنى ئەمەلىي سىياسەت ۋە ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇشى كېرەك، ئۇ، ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنىڭ قايسى كۈنى ئۆتكۈزۈلۈشى بىلەن مۇناسىۋەتسىز، بولۇپمۇ باشقا مىللەتلەرگە قاراتقان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىڭ مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىدا ئىپادىلىنىشى كىشىنىڭ كۆڭلىنى تېخىمۇ غەش قىلىدۇ» دەپ تەنقىد قىلدى.