خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان مىللىي سىياسىتىدىكى ئۆزگىرىشلەر جۈملىدىن ئۇيغۇر ئېلىدە تەشۋىق قىلىنىۋاتقان 13 يەرلىك مىللەت تەركىبىنى كۆپەيتىپ 55 كە چىقىرىشى، «شىنجاڭ ئەزەلدىن كۆپ خىل مىللەت، كۆپ خىل دىن ۋە مەدەنىيەتلەر ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن رايون» دېگەن تەشۋىقاتى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى «تۆتنى تونۇش» تەشۋىقات-تەربىيىسىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى قىلىۋاتقانلىقىنىڭ، ئۇيغۇر ئېلى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر بىلەن قانداق باغلىنىشى بار؟ بۇنىڭغا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئىنكاسى قانداق؟
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتە مۇخبىرىمىزنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى مەمەت توختى ئەپەندىلەر بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىگە ئىشتىراك قىلغايسىلەر.