خىتاي بىر قىسىم چەتئەل مۇخبىرلىرىنى لاگېرلارنى زىيارەت قىلدۇرغان ۋە «ئىسلامنى خىتايچىلاشتۇرۇش» قانۇنى ماقۇللىغان

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتى بىر گۇرۇپپا چەتئەل مۇخبىرلىرىنى تەشكىللەپ، ئۇلارنى قەشقەر، خوتەن ۋە قاراقاش قاتارلىق 3 جايدىكى «قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نى زىيارەت قىلدۇرغان.

«گېرمانىيە ئاۋازى» نىڭ 7-يانۋاردىكى رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەرلىرىدىن نەقىل ئېلىپ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بىر گۇرۇپپا چەتئەل مۇخبىرلىرىنى تەشكىللەپ، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ قەشقەر، خوتەن ۋە قاراقاش 3 جايدىكى ئالدىن تەييارلانغان «قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نى زىيارەت قىلدۇرغان.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، بۇ «قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دىكى تۇتقۇنلارنىڭ ھەممىسىلا ئۇيغۇر بولۇپ، ئۇلار مۇخبىرلارنى ئۇسسۇل ئويناپ خۇشال-خۇرام ھالدا قارشى ئالغان. ئوخشىمىغان 2 لاگېردىكى بىر قىز، بىر ئوغۇل مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، «ئۆزلىرىنىڭ ئىلگىرى ئەسەبىيلىك ئىدېئولوگىيەسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى، قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرىدە تەلىم ئالغاندىن كېيىن بۇ كېسەلدىن خالاس بولغانلىقىنى، تەربىيەلىنىپ مەلۇم سەۋىيەگە يەتكەندە قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى» بايان قىلغان.

مۇخبىرلار «قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دىكى بىر سىنىپقا كىرگەندە مۇئەللىمنىڭ خىتاي تىلىدا «توي-تۆكۈن ۋە نەزىر-چىراغلاردا ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناشنى چەكلەش رادىكاللىقنىڭ ئىپادىسى» دەپ دەرس ئۆتۈۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان. مۇخبىرلار بۇ لاگېرلارنىڭ ئىچىدىكى مەنزىرىلەردىن ئىلگىرى ئۆزلىرى ئاڭلىغان قاتتىق تەقىب مۇھىتىنى بايقىمىغان.

خەۋەردە تىلغا ئېلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قورچاق رەئىسى شۆھرەت زاكىر مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، ئۇ «قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دە تەلىم ئېلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ قانۇن ۋە خىتاي تىلى ئۆگىنىش ئارقىلىق ئەسەبىيلىكتىن ئۇزاقلاشتۇرۇلغانلىقىنى، «قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرى» گە كىرىدىغانلار سانىنىڭ بۇندىن كېيىن تەدرىجىي ئازىيىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئەمما ئۇ لاگېرلارنىڭ تاقىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئاچمىغان ھەمدە تۇتقۇنلارنىڭ سانى توغرىسىدا مەلۇمات بەرمىگەن. ئۇ سۆزىدە «1 مىليون دېگەن سان ئاڭلىماققا قورقۇنچلۇق بولۇپلا قالماي، بەلكى ئەمەلىيەتكە ھەم ئۇيغۇن ئەمەس، بۇ پۈتۈنلەي بىر ئىغۋا،» دېگەن.

خەۋەردە، چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ ئۆزلىرى زىيارەت قىلغان بۇ «قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نىڭ ئالدىن-ئالا تەييارلىق قىلىنغانلىقى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىدىن گۇمانلانغانلىقى، خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىدە كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان خەلقئارا بېسىمدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن مۇشۇنداق بىر تەدبىرنى يولغا قويۇشقا مەجبۇر بولغانلىقى، ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە خىتاينىڭ يەنە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ 12 نەپەر دىپلوماتلىرىنى جازا لاگېرلىرىنى زىيارەت قىلدۇرماقچى بولۇۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

بۈگۈن جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى بويىچە ياۋروپا پارلامېنتىدىكى بىر ھەپتىلىك زىيارىتىنى باشلىغان د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ چەتئەل مۇخبىرلىرىنى ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرىنى زىيارەت قىلدۇرۇشتىكى غەرىزى ھەققىدە قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى. ئۇ ئالدى بىلەن خەلقئارانىڭ كۈچلۈك بېسىمى نەتىجىسىدە خىتاينىڭ ئاخىرى جازا لاگېرلىرى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر قالغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ سۆزىدە يەنە خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىنى «قايتا تەربىيەلەش مەركىزى» دەپ پەردازلاش ھىلىسىنىڭمۇ ئۇزۇنغا بارماي بەربات بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنىڭ ئەمدى يوشۇرۇش بىلەنمۇ، پەردازلاپ كۆرسىتىش بىلەنمۇ دۇنيا جامائىتىنىڭ نەزىرىدىن قاچۇرغىلى بولمايدىغان بىر خەلقئارالىق مەسىلىگە ئايلانغانلىقىنى ئىپادە قىلدى.

«فىرانسىيە ئاۋازى» نىڭ 7-يانۋاردىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، 5-يانۋار كۈنى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئىنگلىزچە تور بېتىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىكى 8 ئىسلام دىنىي جەمئىيەتلىرى خادىملىرىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن 5 يىللىق «ئىسلامنى خىتايلاشتۇرۇش» پىلانىنى ماقۇللىغانلىقى ئېلان قىلىنغان. ئەمما بۇ 8 ئىسلام جەمئىيەتلىرىنىڭ زادى قايسى جەمئىيەتلەر ئىكەنلىكى ۋە 5 يىللىق «ئىسلامنى خىتايلاشتۇرۇش» پىلانىنىڭ كونكرېت مەزمۇنى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىگەن.

«ئەل-جەزىرە» تېلېۋىزىيە قانىلى تۈنۈگۈن بۇ ھەقتە تارقاتقان پروگراممىسىدا خىتاينىڭ ئىسلام دىنىنىڭ مەۋجۇتلۇق مۇھىتىنى بارغانسېرى تارايتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

د ئۇ ق دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكىنىڭ رەئىسى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى خىتاينىڭ «ئىسلامنى خىتايچىلاشتۇرۇش» سىياسىتىنىڭ ماھىيەتتە «ئىسلامغا جەڭ ئېلان قىلغانلىق» بولىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.