خىتاي دائىرىلىرى يېقىندا رويتېرسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىچىك كۆلەملىك بىر چەتئەل مۇخبىرلىرى گۇرۇپپىسى ۋە شۇنداقلا رۇسىيە، ھىندونېزىيە، تايلاند، قازاقىستان، ھىندىستان، پاكىستان، ئافغانىستان قاتارلىق 12 دۆلەتنىڭ دىپلوماتلىرىنى تەشكىللەپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى ئاتالمىش 3 «كەسپىي تېخنىكا تەربىيەلەش مەركىزى» نى زىيارەت قىلدۇرغان.
خىتاينىڭ «يەرشارى ۋاقتى گېزىتى» ۋە «شىنجاڭ گېزىتى» قاتارلىقلار 7-يانۋار كۈنى تارقاتقان خەۋەرلىرىدە يۇقىرىدىكى بۇ زىيارەتنى «بىر قىسىم غەرب مەتبۇئاتلىرىنىڭ قايتا تەربىيە مەركەزلىرى ھەققىدىكى ئاساسسىز خەۋەرلىرى ۋە ھۇجۇملىرىغا قايتۇرۇلغان جاۋاب» دەپ كۆرسەتكەن.
«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن قارىغاندا، يۇقىرىدىكى دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتلىرى2018-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 30-كۈنىگىچە ئۇيغۇر رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئۈرۈمچى، قەشقەر ۋە خوتەنلەردە زىيارەتتە بولۇپ، ئۇ يەردىكى بىر قىسىم تەربىيەلەش مەركەزلىرىنى ۋە مەسچىتلەرنى زىيارەت قىلغان. خەۋەردە يەنە ئۇلارنىڭ ئىسلام دىنى ئىنستىتۇتىنى زىيارەت قىلغانلىقىمۇ تىلغا ئېلىنغان. «شىنجاڭ گېزىتى» خەۋىرىدە، يۇقىرىدىكى دىپلوماتلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىللەتلەر سىياسىتىدىن، كەسپىي تەربىيەلەش ئورۇنلىرى ئارقىلىق يارىتىلغان ئۈنۈمنى كۆرۈپ قاتتىق تەسىرلەنگەنلىكى، بۇ ئورۇنلارنىڭ شارائىتلىرىنى كۆرۈپ مەدھىيە ئوقۇغانلىقى كۈچەپ تەشۋىق قىلىنغان.
ھالبۇكى، خىتاينىڭ يۇقىرىدىكى تەشۋىقاتلىرى خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقان كۆزەتكۈچىلەرنى قايىل قىلالمىدى. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى دىرېكتورى سوفى رېچاردسون يۇقىرىدىكى زىيارەتكە ئىنكاس قايتۇرۇپ خەلقئارانىڭ خىتاي ئورۇنلاشتۇرغان يۇقىرىدىكى بۇ زىيارەتكە ئالدانماسلىقى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەزەلدىن خەلقئارا جەمئىيەتكە قارىتا «ئويۇن ئوينايدىغان ئادىتى بارلىقىنى ۋە يۇقىرىدىكى بۇ دىپلوماتلارنىڭ زىيارىتىنىڭ ھەرگىزمۇ بىر مۇستەقىل ۋە ئىشەنچلىك تەكشۈرۈشكە ۋەكىللىك قىلالمايدىغانلىقى» نى بايان قىلغان. ئۇ بۈگۈن بۇ ھەقتە رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدىمۇ ئۆزىنىڭ يۇقىرىدىكى بۇ زىيارەتنى قايىل قىلارلىق دەپ قارىمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ سۆزىدە: «قاچان خىتاي ھۆكۈمىتى دىپلوماتلار، كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرى ۋە تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ رايوندا مۇستەقىل ھالدا مەسىلە بار دەپ قارالغان ئورۇنلارنى خالىغانچە زىيارەت قىلىشىغا ۋە ئۇلارنىڭ ھەرقانداق كىشى بىلەن مەخپىي ھالدا سۆھبەتلىشىشىگە، سۆھبەت قىلىنغان كىشىلەرنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ ئۆچ ئېلىشىغا ئۇچرىمايدىغانلىقى كاپالەتكە ئىگە بولمىغۇچە ھۆكۈمەت ئورۇنلاشتۇرغان بۇنداق جەريانلار ئۇ يەردە بولۇۋاتقانلارغا بىر جاۋاب بولالمايدۇ» دېدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويغان «يېپىق تەربىيە لاگېرلىرى» غا ئائىت تەپسىلاتلار ئاشكارىلانغانسېرى بۇ لاگېرلارغا قارىتا مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ھەققىدىكى چاقىرىقلارمۇ كۈچەيگەن ئىدى.
ئۆتكەن يىلى 10-ئايدا كانادا، فىرانسىيە، ئاۋسترالىيە، شىۋېتسىيە، ئەنگلىيە قاتارلىق 15 دۆلەتنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈئەنگوغا خەت يېزىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى سۆزلىشىشنى تەلەپ قىلغان. بىراق بۇ قېتىمقى زىيارەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلار ئىچىدە يۇقىرىدىكى دۆلەتلەرنىڭ بىرمۇ ۋەكىلى يوق بولۇشى كۈچلۈك دىققەت قوزغايدىغان نۇقتىلارنىڭ بىرى.
سوفى خانىم سۆزىدە چېن چۈئەنگو بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلغان دۆلەتلەرنىڭ بۇ زىيارەتكە تەكلىپ قىلىنماسلىقى بىر تاسادىپىيلىق ئەمەس، دەپ كۆرسەتتى. ئۇ سۆزىدە: «ئەگەر خىتاي ھەقىقەتەن دۇنيانى بۇ مەسىلىدە قايىل قىلىمەن دېسە، ئۇ ھالدا ئۇ يەرگە بېرىشنى تەلەپ قىلغان دۆلەتلەرگە رۇخسەت قىلىشى، چەتئەللەردە تۇرۇۋاتقانلارنىڭ خىتايغا قايتىشىغا، مۇستەقىل تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ خالىغان ئورۇنلارغا بېرىپ تەكشۈرۈشىگە يول قويۇشى كېرەك. مەنچە چېن چۈئەنگو بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلغان دۆلەتلەرنىڭ بۇ زىيارەتكە تەكلىپ قىلىنماسلىقى بىر تاسادىپىيلىق ئەمەس. ئۇلار بىلەن يۇقىرىدىكى بۇ زىيارەتكە تەكلىپ قىلىنغان دۆلەتلەر بىر-بىرىدىن ناھايىتى پەرقلىق بولغان دۆلەتلەردۇر» دېدى.
بۈگۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىمۇ بۇ ھەقتە مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى بارلىق لاگېرلارغا قارىتا چەكلىمىسىز زىيارەت ئېلىپ بېرىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ئۇلارمۇ باياناتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يوشۇرغۇدەك بىر ئەيىبى بولمىسا، ئۇ ھالدا ئۆزىنىڭ «مۇۋەپپەقىيەتلىرى» نى كۆرسىتىش ئۈچۈن ھەرقانداق بىر دۆلەت ۋە ياكى ئورگاننىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى خالىغان لاگېرغا چەكلىمىسىز ھالدا بېرىشىغا يول قويۇلۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
0:00 / 0:00