ياۋروپا ئىتتىپاقىدا «جازا لاگېرلىرى» توغرىسىدا قارار ماقۇللانماقچى

0:00 / 0:00

ياۋروپا پارلامېنتى ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا قارار لايىھەسىنى ماقۇللاش ئالدىدا تۇرماقتا.

بۈگۈن فىرانسىيەنىڭ ستراسبۇرگ شەھىرىدىكى ياۋروپا پارلامېنتى مەركىزىگە يېتىپ بارغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ بىلدۈرۈشىچە، 4-ئۆكتەبىر كۈنى ياۋروپا پارلامېنتى ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا قارار لايىھەسى ماقۇللىماقچى ئىكەن. مەزكۇر قارار لايىھەسى غەرب دۇنياسىدا تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا قوبۇل قىلىنغان رەسمىي قارار لايىھەسى بولۇپ قالىدىكەن.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جازا لاگېرلىرىنى تاقاش توغرىسىدا ياۋروپا پارلامېنتىدا مەزكۇر قارار لايىھەسىنىڭ دۇنياغا كېلىشى ھەم ماقۇللىنىشى ئۈچۈن د ئۇ ق ئۇزۇن مۇددەت زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن ئىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ ماس قەدەمدە تاكى بۈگۈنكى كۈنگىچە بۇنىڭغا قارشى بارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، توسقۇنلۇق قىلىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى زىيارىتىمىز ئەسناسىدا بۇ قارار لايىھەسىنىڭ مەزمۇنى ھەققىدە توختىلىپ، مەزكۇر قارار لايىھەسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي زۇلۇمىغا ئائىت كونكرېت ۋە ئەمەلىي تېمىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

مەلۇم بولغىنىدەك، ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى ئامېرىكىدا كۆپ قېتىم تىلغا ئېلىنغاندىن سىرت، ب د ت دا بۇ يىل 6-ئايدا چاقىرىلغان كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 38-نۆۋەتلىك يىغىنىدا ھەمدە 8-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ب د ت ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتېتىنىڭ 96-نۆۋەتلىك يىغىنلىرىدا، شۇنداقلا 9-ئاينىڭ 18-كۈنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 39-نۆۋەتلىك يىغىنىنىڭ 4-بۆلۈمىدە ھەمدە 1-ئۆكتەبىر ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 39-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىنىڭ داۋامىدا ب د ت خادىملىرى، غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى ياكى ياۋروپا ئىتتىپاقى نامىدىن 4 قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ، تېخى ھېچبىر دۆلەت ياكى خەلقئارالىق بىرلىكلەر تەرىپىدىن بۇ ھەقتە رەسمىي قانۇن لايىھىسى ماقۇللانمىغان ئىدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ قارارى ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىگە نىسبەتەن غەرب دۇنياسىدا بارلىققا كەلگەن زور ئىجابىي قەدەم بولۇپ، بۇ نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدىكەن ۋە خىتايغا نىسبەتەن ئېغىر سىياسىي بېسىم پەيدا قىلىدىكەن. خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىنى يوشۇرۇش ياكى ئىنكار قىلىشتەك ساختىكارلىقىغا ئوچۇق ھەم ئەجەللىك خاتىمە بېرىلىدىكەن.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ قارارلىرى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 28 دۆلەتنىڭ تولۇق قوشۇلۇشى بىلەن قوبۇل قىلىنىدىكەن. 18-سېنتەبىر ئاۋسترىيە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 39-نۆۋەتلىك يىغىنىدا جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ۋاكالىتەن ئوتتۇرىغا قويۇشتىن ئىلگىرى ياۋروپا پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى بۇ ئىتتىپاققا ئەزا بولغان 28 دۆلەتنىڭ بىرمۇ بىر ماقۇللىغىنى ئالغان. ناۋادا 1 دۆلەت رەت قىلغان بولسا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ب د ت دا ئۇيغۇر دىياردىكى لاگېرلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى مۇمكىن ئەمەسكەن.

د ئۇ ق نىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى خادىمى رايىن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىم خىتاينىڭ توسقۇنلۇقى بىلەن ياۋروپا پارلامېنتى خادىملىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى توغرىسىدىكى مەزكۇر قارار لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش پىكرى بەزى دۆلەتلەرنىڭ توسالغۇسىغا ئۇچرىغان. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «12-سېنتەبىر ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ رەئىسى ستراسبۇرگدا چاقىرىلغان ئومۇمىي يىغىنىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىنى ئاشكارا ئەيىبلىگەن ئىدى. بۇ قېتىم ياۋروپا پارلامېنتى جازا لاگېرلىرى توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى ماقۇللىماقچى بولۇپ، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ پىكىرىنى ئالغاندا دەسلەپتە ھەممىسى دېگۈدەك قوشۇلدى. ئەمما خىتاينىڭ پاراكەندىچىلىكى بىلەن ئارىلىقتا بەزى دۆلەتلەر تۇيۇقسىز ئارىسالدى بولۇپ قالدى. جىددىي ئىچكى مۇجادىلىلەر نەتىجىسىدە ئاقىۋەت خىتاينىڭ تەسىرى سۈپۈرۈپ تاشلىنىپ، ئەتە ستراسبۇرگدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئومۇمىي يىغىندا بۇ لايىھەنى رەسمىي ئوتتۇرىغا قويۇشتا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىندى.»

ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ بۇ قارار لايىھەسىدە يەنە خىتاي-ياۋروپا مۇناسىۋەتلىرىگە ئائىت تېمىلارغىمۇ ئورۇن بېرىلگەن ھەمدە ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشى تەشەببۇس قىلىنغان.

د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ 3-ئۆكتەبىر ستراسبۇرگ شەھىرىگە يېتىپ كېلىشى مەزكۇر قارار لايىھەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇ 4-ئۆكتەبىردىكى ئومۇمىي يىغىندا بۇ لايىھە قاراردىن ئۆتكەندىن كېيىن، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بەزى مۇھىم رەھبەرلىرى ۋە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا يەنە سۆھبەتلەر ئۆتكۈزۈپ، ئۇلارنى لاگېرلارغا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ يېڭى مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلەيدىكەن.