خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى مەزگىلدىن بۇيان ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇر دىيارىدا يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى تاشقى دۇنيادىن يوشۇرۇپ، ئۆزىنىڭ رايوندا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قاتتىق سىياسىي باستۇرۇشلىرىنى ئاتالمىش «رادىكاللىق ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەش» دەپ تەشۋىق قىلىپ كەلگەن ئىدى.
خىتاينىڭ ھىندونېزىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى 25-سېنتەبىر كۈنى «جاكارتا پوچتىسى» گېزىتىدە «شىنجاڭ بەك ياخشى جاي» دېگەن تېمىدا بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنىڭ ھۆرمەت قىلىنىۋاتقانلىقى ۋە قوغدىلىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنىي پائالىيەتلىرىنى ئوچۇق-ئاشكارا ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ھەمدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى كىشىلەرنىڭ بۇنداق تۇرمۇشتىن ئىنتايىن رازى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ يۇقىرىقى سۆزلىرى ئارقىلىق خەلقئارانىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىگە قارىتا چۈشەنچىسىنى بۇرمىلاشقا ئۇرۇنغان.
ئۆتكەن ھەپتە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى ئامېرىكىنىڭ «تاشقى مۇناسىۋەتلەر كېڭىشى» دە نۇتۇق سۆزلىگەن. ئۇ نۇتقىدا «قايتا ئۆزگەرتىپ تەربىيەلەش لاگېرلىرى» نى ۋاسىتىلىك ئېتىراپ قىلىپ، بۇنداق لاگېرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قىلىپ بېرىۋاتقان ياخشى ئىشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ گەرچە لاگېر مەسىلىسىنى تولۇق ئىنكار قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما «شىنجاڭ مەسىلىسى» نىڭ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى ئىكەنلىكىنى، ئۆزلىرىنىڭ چەتئەللەرنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشمىغىنىدەك، چەتئەللەرنىڭمۇ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىقىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتكەن.
خىتاينىڭ رايوندىكى ۋەزىيەتنى بۇنداق بۇرمىلاش ھەرىكىتى 2-سېنتەبىر كۈنى «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «خىتاي ئۆزىنىڭ شىنجاڭ سىياسىتىگە قارىتا مەيدانغا چىققان ئەيىبلەشلەرگە ئىجابىي ئىنكاس تارقىتىشقا ئۇرۇنماقتا» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدىمۇ ئورۇن ئالغان. ماقالىدە ئامېرىكىنىڭ نۆۋەتتە خىتايغا قاراتقان قاتتىق پوزىتسىيەسى ۋە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى ئەيىبلەشلىرىگە قارىتا خىتاينىڭ قايتۇرغان يۇمشاق ئىنكاسلىرى تەپسىلىي بايان قىلىنغان.
مەلۇم بولغىنىدەك خىتاي ئۆزىنىڭ ھازىرغا كەلگۈچە «زوراۋان كۈچلەر» ۋە «بۆلگۈنچىلەر» نىڭ تەھدىتىگە ئۇچراپ كەلگەنلىكىنى جار سېلىش ئارقىلىق بەزى كىشىلەرنى ئاتالمىش «كەسپىي تەربىيەلەش» كۇرسلىرىغا قاتناشتۇرۇپ، ئەسەبىيلىكنىڭ ئەۋج ئېلىپ كېتىشىدىن ساقلىنىۋاتقانلىقىنى تەشۋىق قىلىپ كەلگەن.
ھىندونېزىيەدىكى خىتاي باش ئەلچىسى شىياۋ چىيەن «جاكارتا پوچتىسى» گېزىتىدىكى باياناتىدا مۇنداق دېگەن: «غەربتىكى بەزى كىشىلەر ۋە ئورگانلار ‹قوش ئۆلچەم› نى قوغلىشىپ، ئاتالمىش ‹قايتا تەربىيەلەش لاگېرى› ئۈستىدىن قالايمىقان قىياس قىلىپ، پاكىتنى قەستەن بۇرمىلاشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ئاشقۇنلۇقتىن ساقلىنىش، تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىكنى تەشۋىق قىلىشتىكى تىرىشچانلىقىنى خاتا چۈشىنىپ قېلىۋاتىدۇ.»
بۇنىڭدىن باشقا خىتاينىڭ ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ليۇ شىياۋمىڭمۇ «مالىيە ۋاقتى» ۋە «ئىقتىسادشۇناس» گېزىتىگە خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىغا قاراتقان سىياسىتىنى ياقلاپ ماقالە ئېلان قىلغان.
«خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارادا ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى بۇرمىلاپ كۆرسىتىشىنى قانداق چۈشىنىشكە بولىدۇ» دېگەن نۇقتىدىن ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ئادۋوكات نۇرىي تۈركەل ئەپەندى خىتاينىڭ بۇنداق تەتۈر تەشۋىقات ئېلىپ بېرىشىنىڭ ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان باستۇرۇش سىياسىتىنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنى كونترول قىلىش، چەتئەللىك ئاخباراتچىلارنى ئۇيغۇر دىيارىغا زىيارەتتە بولۇشىغا يول قويماسلىق قاتارلىق ھەرىكەتلەر ئارقىلىق يوشۇرۇپ كەلگەن بولسىمۇ، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى نۇرغۇن مۇھىم ئەربابلار بايانات ئېلان قىلىش ۋە نۇتۇق سۆزلەش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن خىتاينى قاتتىق تەنقىد قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو 13-نۆۋەتلىك يىللىق سايلىغۇچىلار ئۇچرىشىشىدا سۆزلىگەن نۇتقىدا خىتاينىڭ مىليونلارچە ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرىكىتىنى «دەھشەتلىك خورلاش» دەپ ئىزاھلىغان ئىدى.
ئالدىنقى ئايدا جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىدا خىتاي ھۆكۈمىتى بىر قانچە چەتئەل مۇخبىرلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، ئۆزىنىڭ ھەرىكىتى توغرىسىدا چۈشەنچە بەرگەن. يىغىندا خىتاي دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى لى شىياۋجۈن بېلگىيە، فىرانسىيە ۋە باشقا بىر قىسىم ياۋروپا دۆلەتلىرىدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى تىلغا ئېلىپ، ئىسلامىي ئاشقۇنلۇقنى تەنقىد قىلغان. يىغىندا ئىلمىي خادىملارنىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىغا قارىتا بىرەر تەنقىدى پىكرىنىڭ بار-يوقلۇقىنى سورالغاندا خىتاينىڭ بەش نەپەر ئاتالمىش تەتقىقاتچىسى يېقىنقى مەزگىلدە ئۆزلىرىنىڭ شىنجاڭغا بارمىغانلىقىنى ئېيتىپ، جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان. شۇنىڭ بىلەن بىر قاتاردا يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى نۆۋەتتىكى قاتتىق قول تەدبىرلىرىنىڭ ئۈنۈمى توغرىسىدىكى سوئالغا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدا ھېچقانداق «تېررورلۇق ھەرىكىتى» نىڭ يۈز بەرمىگەنلىكىنى، ئۇ يەرنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ ھازىر ئىنتايىن مۇقىملىقىنى قەيت قىلغان.
بۇنىڭغا ئەگىشىپلا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى لې يۈچېڭ ئۆتكەن ھەپتە «مالىيە ۋاقتى» گېزىتىگە سۆز قىلىپ، ھەرقانداق بىر دۆلەتنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئامانلىقى ۋە خەلقىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى، خىتاينىڭ شىنجاڭنىڭ ئىككىنچى سۈرىيەگە، لىۋىيەگە ۋە ياكى ئىراققا ئايلىنىپ قېلىشىغا قەتئىي يول قويمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرىقىدەك يالغانچىلىقلىرىنىڭ غەلىبە قىلىش-قىلالماسلىقىغا قارىتا مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى ھېنرىي شاجېسكىمۇ ئۆز پىكىرىنى بايان قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تەشۋىقاتىنى بۇرۇنمۇ قىلىپ كەلگەن، بىراق بەكمۇ ئۇتۇق قازىنىپ كېتەلمىگەن ھەم خەلقئارانىمۇ قايىل قىلالمىغان. چۈنكى ئۇ تەشۋىقاتلىرى ئېنىقلا خىتاينىڭ دۆلەت ئاخبارات تەشۋىقات ئورگانلىرىنىڭ ئېلانىغا ئوخشاپ قالغان. بۇ خىل تەشۋىقات بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ خەلقئارا بىلەن تالىشىش ياكى قايىل قىلىش مەقسىتىدىكى قورال ئەمەس، بۇ بىر سىياسىي قورال. خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئۇيغۇر، قازاققا ئوخشاش خىتاينىڭ زۇلۇمىنى باشتىن كەچۈرگەن كىشىلەرنىڭ گۇۋاھلىق سۆزىگە ئېتىبار بەرمەيۋاتىدۇ. ئۇ پەقەت بۇ سىياسىي قورالدىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى خەلقئاراغا پەردازلاپ كۆرسىتىۋاتىدۇ.»
0:00 / 0:00