ئۇيغۇر رايونىدا «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى» پەيدا قىلغان بىر قىسىم قوشۇمچە ئاقىۋەتلەر ئاشكارىلاندى

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر رايونىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرى ھەققىدە ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا ئالاقىدار خادىملار خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرىغا ئەكېتىلگەنلەرنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا قىلىۋاتقان ئاتالمىش غەمخورلۇقلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

دېيىلىشىچە، لاگېرلار سەۋەبلىك يېزىلاردا ئەمگەك كۈچى قالمىغانلىقتىن، دائىرىلەر، تەتىلگە كەلگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە تۆۋەنگە چۈشكەن كادىرلاردىن پىدائىيلار گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، ئاھالىلەرنىڭ دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى شۇلارغا قىلدۇرغان. ئاھالىلەر قەرز كوپىراتىپتىن ئالغان قەرزىنى تۆلەشكە ئامالسىز قالغاچقا، ئۇلارغا بېرىلگەن قەرزنىڭ ئۆسۈمىنى تۆۋەنلەتكەن.

خىتاي دائىرىلىرى خەلقئارا سەھنىلەردە، ئۇيغۇر رايونىدا تەسىس قىلغان يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى كەسپىي تەربىيە ئورنى دەپ سۈپەتلەۋاتقان ۋە ئۇنىڭ خەلققە قۇلايلىق يارىتىپ بېرىۋاتقانلىقىنى تەشۋىق قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ بىر «جازا لاگېرلىرى» ئىكەنلىكى ئۇنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە كۆرسەتكەن ھەر خىل تەسىرلىرىدىن ئاشكارىلىنىپ تۇرماقتا.

مەلۇم بولۇشىچە، قەشقەرنىڭ مەلۇم بىر يېزىسىدا، نوپۇسنىڭ 50% ئى ئاتالمىش تەربىيەلەشكە ئەكېتىلگەنلىكى ئۈچۈن، مەھەللىلەردە ئەمگەك كۈچى ئاساسەن قالمىغان. ئالاقىدار خادىملاردىن بىرى ھۆكۈمەتنىڭ ئاتالمىش تەربىيەلەشكە ئەكېتىلگەنلەرنىڭ ئائىلىسىنى تاشلىۋەتمىگەنلىكى؛ ئۇلارنىڭ دېھقانچىلىق ئىشلىرىغا ياردەملىشىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى. بۇ خادىمنىڭ دېيىشىچە، دائىرىلەر ئاھالىلەرنىڭ تۈرلۈك پەسىل خاراكتېرلىك دېھقانچىلىق ئىشلىرىدىن باشقا، ئۆي رېمونت قىلىش ئىشلىرىغا قەدەر جىسمانىي ئەمگەكلەرنى «پىدائىيلار» گۇرۇپپىسىغا قىلدۇرغان. بۇ پىدائىيلار گۇرۇپپىسى يۇرتىغا قايتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە تۆۋەنگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپا ئەزالىرىدىن تەشكىللەنگەن.

يەنە ئالاقىدار خادىملارنىڭ پاش قىلىشىچە، يىغىۋېلىش لاگېرلىرى پەيدا قىلغان يامان ئاقىۋەتلەردىن بىرى يېزىلاردىكى قەرز كوپىراتىپلىرى ئىلگىرىكى يىللاردا تارقاتقان قەرزلەرنى يىغىۋېلىشقا ئامالسىز قالغان. كوپىراتىپلار لاگېردا جان ئۈزگەنلەرنىڭ قەرزىنى سۇغۇرتا شىركەتلىرىگە تۆلەتكۈزگەن، ئەمما قالغانلىرىنىڭ قەرزىنىڭ ئۆسۈمىنى تۆۋەنلىتىشكە مەجبۇر بولغان.

يېزىدىكى مەلۇم بىر ساقچى خادىمى، ھۆكۈمەتنىڭ ئاتالمىش تەربىيەلەشتىكىلەرنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارغا بېرىلگەن قەرزنىڭ ئۆسۈمىنى تۆۋەنلەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۆتكەن يىلى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ئائىلە ئايالى، ئۆزىگە پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياردەم قىلىپ ئۇن ۋە كۆمۈر بىلەن تەمىنلەۋاتقانلىقىنى ۋە دېھقانچىلىق ئىشلىرىغا قارىشىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى، ئەمما بۇ ئايال تەۋە كەنتنىڭ ساقچىسى بۇ ئايالغا ياردەم قىلىۋاتقان بۇ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئۇنىڭ يولدىشى، بەش ئوغلى ھەم بىر كۈيئوغلىنى لاگېرغا ئەكەتكەنلىكىنى ۋە مەزكۇر ئائىلىنى پۈتۈنلەي ئەمگەك كۈچىدىن ئايرىۋەتكەنلىكىنى پاش قىلغان ئىدى.