لاگېر ساقچىسى: «ئوقۇغۇچىلار جۆيلىسىمۇ خاتىرىلەيمىز، تەيەممۇم قىلسا گوباۋغا يوللاپ بېرىمىز»

0:00 / 0:00

قەشقەردىكى بىر لاگېر ساقچىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، توققۇزاقتىكى بىر لاگېردا ئاتالمىش ئوقۇغچىلار كەچ سائەت 10 دىن ئەتىگەن سائەت 6 گىچە ئۇخلاشقا بۇيرۇلىدىكەن.

بۇ 8 سائەت ئىچىدە ھەر ياتاقتىن ئىككىدىن كىشى بىر سائەتتىن نۆۋەت بىلەن ئۆرە تۇرۇپ، ياتاقتىكىلەرنىڭ ئۇخلاش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىدىكەن. بۇ نازارەتچىلەر ئۇخلاۋېتىپ جۆيلىگەنلەرنىڭ سۆزلىرىنىمۇ يېزىپ خاتىرە قالدۇرىدىكەن. يالغاندىن ئۇخلىغان بولۇۋېلىپ تەيەممۇم قىلغانلار ياكى ئىشارەت نامىزى ئوقۇغانلار بايقالسا، ئۇلار لاگېر ساقچىلىرى تەرىپىدىن دۆلەت ئامانلىق ساقچىلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدىكەن.

دىنىي ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئىسلامدا پاكىز سۇ بولمىغان ياكى سۇ ئىشلىتىش شۇ كىشىگە زىيانلىق ۋە خەتەرلىك بولغان ئەھۋال ئاستىدا مۇسۇلمانلار ئۈچۈن تەيەممۇم قىلىش قىلىش، يەنى شەكلەن تاھارەت ئېلىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. يەنە نامازدا رۇكۇ ۋە سەجدە قىلىشقا ئىمكان بولمىغان تەقدىردە نامازنىڭ ئىشارەت بىلەن ئوقۇلۇشى قوبۇل كۆرۈلىدۇ.

قەشقەردىكى لاگېر ساقچىسىنىڭ يۇقىرىقى بايانلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، لاگېردىكى بەزى تەقۋادار تۇتقۇنلار خىتاينىڭ 24 سائەتلىك نازارىتى ئاستىدىمۇ تەيەممۇم قىلىپ ئىشارەت نامىزى ئارقىلىق ئىبادىتىنى داۋاملاشتۇرغان. بۇ ئەھۋاللار بايقىلىپ قالغاندا خىتاي ساقچى كۈچلىرىنىڭ ئەڭ غالجىرلاشقان قىسمى بولغان «گوباۋ»، يەنى دۆلەت ئامانلىق ساقچىلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. دۆلەت ئامانلىق ساقچىلىرىنىڭ ئۇلارنى قانداق بىر تەرەپ قىلغانلىقى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.