نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى «نامسىز مەھبۇسلار» ئارخىپىنى توپلاشنى جىددىي داۋاملاشتۇرماقتا

0:00 / 0:00

نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى «جازا لاگېرلىرى» غا قامالغانلارنى تىزىملاش خىزمىتىدە بۇ يىل ئەتىيازدىن 10-ئاينىڭ 9-كۈنىگىچە لاگېرلارغا قامالغانلار ھەققىدە 1200 گە يېقىن كىشىنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا ئۇچۇر تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.

بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى مەزكۇر خىزمەتكە نېمە ئۈچۈن «نامسىز مەھبۇسلار ئارخىپىنى توپلاش» دېگەن نام قويۇلۇشنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ھەر خىل باھانىلەردە گۇناھسىز ھالدا لاگېرلارغا قامالغان ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى توغرىسىدا ئىسپاتلىق دوكلات تەييارلاپ، دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمدىن خەۋەردار قىلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى يەنە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېرلارغا قامالغان تۇغقانلىرى ھەققىدە بەرگەن بىۋاسىتە گۇۋاھلىقى بىلەن تەييارلىنىۋاتقان دوكلاتلارنىڭ مۇھىملىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ بايانىدا «نامسىز مەھبۇسلار» نامىدا تۈرمىدىكى، جازا لاگېرلىرىدىكى ۋە ياكى يوقاپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ ئارخىپىنىڭ شۇ لاگېرلاردا ئازاب چېكىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ھايات -ماماتىغا مۇناسىۋەتلىك ناھايىتى مۇھىم ئۇچۇرلار ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، بۇ خىل ئارخىپلاشتۇرۇلغان ماتېرىياللارنىڭ خەلقئارادا ئۇيغۇر دەۋاسىنى ئىسپاتلىق ھۆججەت شەكلىدە ئاڭلىتىشتا قانۇنىي ئەھمىيىتى بارلىقىنى، شۇڭا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىزمەتكە يېقىندىن ئاۋاز قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى خادىملىرىنىڭ بۇ يىل ئەتىيازدىن باشلاپ، جازا لاگېرلىرىغا قامالغان مەھبۇسلارنى تىزىملاپ ئارخىپلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ناھايىتى ياخشى ئىشلەپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى تەرىپىدىن ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىپ تولۇقلىنىپ بېرىلىۋاتقان «لاگېرلاردىكى ئۇيغۇر مەھبۇسلار تىزىملىكى» بۇ يىل ياۋروپا ئىتتىپاقى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارالىق تەشكىلاتلار تەرىپىدىن ئېچىلغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدىكى يىغىنلاردا ئوتتۇرىغا قويۇلغان دوكلاتلارغا كىرگۈزۈلگەن.

پەرھات ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى يەنە بۇ يىل 11-ئاينىڭ 6 كۈنى شۋېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە ئېچىلىدىغان ب د ت نىڭ يەنە بىر نۆۋەتلىك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى قاراپ چىقىش يىغىنىدىمۇ ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى توغرىسىدا يەنە بىر قېتىم دوكلات سۇنۇشنى قارار قىلغان بولۇپ، مەزكۇر يىغىندا نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى تەرىپىدىن تەييارلىنىۋاتقان لاگېرلاردىكى ئۇيغۇر مەھبۇسلار تىزىملىكىنىڭ يېڭىدىن تولۇقلانغان نۇسخىسى سۇنۇلىدىكەن ۋە يىغىن مەزگىلىدە ئۇيغۇرلارنىڭ يەنە بىر قېتىملىق زور كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشى ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن.

نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى رەئىسى بەختىيار ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە ئۇلار 6-نويابىرغىچە لاگېرلارغا قامالغان ئۇيغۇرلار سانىنى تىزىملاش خىزمىتىنى جىددىي ئىشلەۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما 10 مىڭ كىشىنىڭ ئارخىپلاشتۇرۇلغان دوكلات شەكلىدىكى تىزىملىكىنى تۇرغۇزۇشتا يەنىلا ھەر خىل قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىماقتا.

بەختىيار ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامالغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ھەققىدە ئىسپات بېرىشتا ئىككىلىنىش ھەتتا جۈرئەت قىلالماسلىق، ئۆزىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەش قاتارلىق پسىخىك توسالغۇلار يەنىلا كۈچلۈك بولماقتا.

نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىدىن مەزكۇر خىزمەتكە مەسئۇل بولغان رەنا ياشار خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار 5-ئۆكتەبىر جۈمە كۈنىگە قەدەر 1100 دىن ئارتۇق ئۇچۇر توپلىغان. ئەمما لاگېرلارغا قامالغانلار ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ بەزىلىرىدە لاگېرغا قامالغانلارنىڭ سالاھىيىتى ئېنىق ۋە كونكرېت بولماسلىق، يەنە بەزىلىرىدە يەتكۈزۈلگەن ئۇچۇرلاردا لاگېرغا قامالغان كىشىنىڭ يۇرتى، كىملىكى، سالاھىيىتى قاتارلىقلار ئېنىق كونكرېت بولماسلىق قاتارلىق ئەھۋاللارمۇ ئېغىر بولغىنى ئۈچۈن بىر قىسىم ئۇچۇرلارنى يەنە دەلىللەشكە توغرا كېلىدىكەن.

ئەمما ئۇ 3-ئايدىن باشلاپ نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى خادىملىرى جىددىي ئىشلەۋاتقان «نامسىز مەھبۇسلار» ئارخىپىنى توپلاشتا يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان يېڭى ئىلگىرىلەشلەر بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 2018-يىلى يىل بېشىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا قۇرغان «جازا لاگېر» لىرىدىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئىسپات بېرىش چاقىرىقىنى ئېلان قىلغان ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلارنى ئۆزى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن «جازا لاگېرى» غا قامالغانلار ھەققىدە ئىسپات بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.