ئامېرىكىدىكى تۇڭگان زىيالىيسى ما خەييۈننىڭ گۇاڭجۇدا لېكسىيە سۆزلەش پىلانى بىكار قىلىندى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018.06.21
ma-xeyyun-305.jpg ئامېرىكا ماريلاند شتاتى فروستبۇرگ شتات ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ پروفېسسورى، خىتايدىكى مۇسۇلمانلار ۋە ئۇيغۇر مەسىلىلىرىنىڭ تۇڭگان تەتقىقاتچىسى ما خەييۇن ئەپەندى.
ما خەييۈن ئۆزى تەمىنلىگەن

ئامېرىكىنىڭ مارىلاند شتاتىدىكى فروستبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ياردەمچى پروفېسسورى ما خەييۈن ئەسلى 21‏-ئىيۇن كۈنى خىتاينىڭ گۇاڭجۇ شەھىرىدىكى جىنەن ئۇنىۋېرسىتېتى تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن «جۇڭگودا ئىسلام» دېگەن تېمىدا لېكسىيە سۆزلىمەكچى بولغان. بىراق جىنەن ئۇنىۋېرسىتېتى لېكسىيە سۆزلەش ۋاقتىغا بىر قانچە كۈن قالغاندا تۇيۇقسىز لېكسىيەنى بىكار قىلغان. ما خەييۈننى لېكسىيە سۆزلەشكە تەكلىپ قىلغان ساھىپخان ئورۇن جىنەن ئۇنىۋېرسىتېتى تىل -ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورى ياۋ شىنيوڭ بولۇپ، ئۇ خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە بەرگەن ئۇچۇرىدا لېكسىيەنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ بىكار قىلىنىش سەۋەبىنى چۈشەندۈرمىگەن.

خىتاينىڭ «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» 19‏-ئىيۇن كۈنى تارقاتقان بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە لېكسىيە ما خەييۈننىڭ ئامېرىكا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە «خىتاينىڭ ئېتنىك ۋە دىنىي سىياسىتىنى تەنقىد قىلغانلىقى ۋە بۆلگۈنچىلىكنى قوللىغانلىقى» سەۋەبلىك بىكار قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ما خەييۈن ئىلگىرى «ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى» قاتارلىق ئامېرىكىدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى سىياسىتىنى تەنقىدلەپ، خىتاينىڭ سىياسىتىنىڭ تېررورلۇق ۋە ئاشقۇنلۇق بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوقلىغىنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى سىياسىتىنى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى تۇڭگانلارغا كېڭەيتىۋاتقانلىقى، بۇ سىياسەتلەرنىڭ خىتاي «ئاساسى قانۇنى» غا خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

«يە شارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ قەيت قىلىشىچە، جىنەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ما خەييۈننى لېكسىيە سۆزلەشكە تەكلىپ قىلىشى دەرھال خىتاي ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا مۇنازىرە قوزغاپ، ما خەييۈنگە قارشى ھۇجۇم باشلانغان. خىتاينىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورى- ئۈندىداردىكى مۇنازىرىلەرنىڭ بىرىدە ما خەييۈن «خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنى قارىلىغان خىتايغا قارشى زىيالىي» دەپ ئەيىبلىنىپ، جىنەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ «ئۇنىڭدەك بىر پروفېسسورنى لېكسىيە سۆزلەشكە تەكلىپ قىلغانلىقى» ئەيىبلەنگەن.

بۈگۈن، يەنى 21-ئىيۇن كۈنى بىز جىنەن ئۇنىۋېرسىتېتىغا تېلېفون قىلىپ، لېكسىيەنىڭ بىكار قىلىنىش سەۋەبىگە ئالاقىدار تەپسىلاتلارنى سۈرۈشتۈرگەن بولساقمۇ، لېكىن دائىرىلەر بۇنىڭغا چۈشەنچە بېرىشنى رەت قىلدى. جىنەن ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي قوغداش باشقارمىسىنىڭ بىر مەسئۇل خادىمى زەردە بىلەن: «سەن قەيەرنىڭ، سەن دېگەن بۇنداق بىر ۋەقەنى ئاڭلاپ باقماپتىمەن. مەن ئاڭلاپ باقمىدىم. سەن دېگەن بۇ نەرسىلەرنى مەن بىلمەيمەن. قانداق ئىش بولسا بولسۇن، بۇ نومۇرغا تېلېفون قىلما. بۇ نۆۋەتچى تېلېفون. سەن بۇنى سورىساڭ بولمايدۇ. ئۇنداق ۋەقە يۈز بېرىپ باقمىدى،» دەپ تېلېفوننى قويۇۋەتتى.

بەزى ئانالىزچىلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، پروفېسسور ما خەييۈن مۆتىدىل بىر ئىلمىي خادىم بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ چەكلىنىشى خىتايدا پەرقلىق پىكىرلەرگە ھېچقانداق سەۋر-تاقەت قىلىنمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن. ئامېرىكا خۇدسۇن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى دوكتور خەن ليەنچاۋ مۇنداق دەيدۇ: «مەن ما خەييۈننى بىلىمەن. ئۇ ناھايىتى مۆتىدىل بىر ئىلمىي خادىم. ئۇنىڭ خىتاي دىنىي سىياسىتىگە قاراتقان تەنقىدى ئوبيېكتىپ. ئۇنىڭ ھېچنېمىنى كۆپتۈرۈۋەتكىنى يوق. ئۇ پەقەت مەسىلىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلگەن. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنى كەسكىن تەنقىد قىلىپ كەلگەنمۇ ئەمەس. ئۇنى خىتاينىڭ دىنىي مەسىلىسىنى ئىلمىي نۇقتىدىن تەتقىق قىلىدىغان ئەقىل-ئىدراكلىق ئىلمىي خادىم دېسەك بولىدۇ. ئۇ دىنىي مەسىلىدە خىتايدىكى ھەر قايسى مىللەتلەر قانداق قىلىپ بىرگە مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدۇ، دېگەن بۇ نۇقتىنى چىقىش قىلىپ كەلگەن. ئۇنىڭ بىلەن بىر بىر قانچە پروگراممىلارغا قاتناشقان. ئۇ پىكىردە ناھايىتى مۆتىدىل بىر زىيالىي ئىدى. مۇشۇنداق بىر ئادەمنىڭ تەكلىپنامىسىنىڭ بىكار قىلىشىنىڭ ئۆزى خىتايدا ھەرقانداق بىر پەرقلىق پىكىرگە يول قويۇلمايدىغانلىقىنىڭ ئىسپاتىدۇر.»

لېكىن بەزى كۆزەتكۈچىلەر جىنەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ لېكسىيەنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى «خىتاي جامائەت پىكىرى» نىڭ بېسىمىدا بىكار قىلىشى تېخىمۇ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئامېرىكىدىكى تۇڭگان زىيالىيسى سۇلايمان گۇيى ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، بۇ ۋەقە خىتايدا مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ قانچىلىك خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەكتەپ دائىرىلىرىنىڭ پەرقلىق پىكىردىكى بىر ئىلمىي خادىمنى تەكلىپ قىلىپ لېكسىيە سۆزلەتسە، بۇنىڭ خىتايدىكى ئىدېئولوگىيەگە زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئويلىشى تەبىئىي. بۇ كىشىلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكى مەسىلە. لېكىن يەنە بىر نۇقتىدىن ئالغاندا، ئىسلام خىتايدىكى 4 چوڭ دىن ئىچىدە ئەڭ ئېغىر كەمسىتىشكە ئۇچراۋاتقان دىن. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار باشقا مىللەتلەرگە قارىغاندا قاتتىق ئېزىلىۋاتىدۇ. بىز شۇنى ئويلاپ باقايلى، ئەگەر ما خەييۈن مۇسۇلمان بولمىغان بولسا، ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ گېپىنى قىلمىغان بولسا، ئۇ بىر خىتاي زىيالىيسى بولۇپ، بۇددىزمنى تەتقىق قىلغان بولسا بۇ مۇئامىلىگە ئۇچرامتى. گەرچە ما خەييۈننىڭ دىنىي مەسىلىدىكى پىكىر ناھايىتى مۆتىدىل بولسىمۇ، لېكىن مەيلى خىتاي ھۆكۈمىتى بولسۇن، مەيلى خىتاي خەلقى ياكى زىيالىيلار بولسۇن ئۇنىڭغا سەۋر-تاقەت قىلالمىدى. بۇ بىزگە خىتايدا مۇسۇلمانلارنىڭ ۋەزىيىتى ئىنتايىن خەتەرلىك ۋە مۈشكۈل ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.»

دوكتور خەن لياۋچاۋنىڭ قارىشىچە، بۇ ۋەقە خىتايدا پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ پۈتۈنلەي بوغۇپ تاشلىنىپ، پۈتۈن نەرسە بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە ئايلاندۇرۇلغانلىقىنى ئىپادىلەيدىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «خىتايدا ھېچقانداق پىكىر ئەركىنلىكى يوق. خىتاي بىر ساقچى دۆلىتىگە ئايلىنىپ قالدى. بولۇپمۇ ئۇ شىنجاڭدا پۈتۈن نەرسىنى بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە ئايلاندۇرۇپ قويدى. ئۇ پۈتۈن نەرسىدە بىخەتەرلىكنى چىقىش قىلىدىغان بولدى. بۇ ئەھۋالدا پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. سەن دىنىي مەسىلىنى قويۇپ تۇرۇپ، مۇھىتنى قوغداش، يېمەكلىكلەر بىخەتەرلىكى دېگەندەك مەسىلىلەرگە پىكىر قىلساڭمۇ، زەربىگە ئۇچرايسەن.»

لېكىن سۇلايمان گۇيى ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي جەمئىيىتىدىكى مۇسۇلمانلارغا قارشى خاھىشنىڭ كۈچىيىشىنى نوقۇل غەربتىكى «ئىسلام قورقۇنچى» نىڭ تەسىرى ۋە كومپارتىيەنىڭ خىتاي مىللەتچىلىكىنى تەرغىب قىلىشىدەك ھازىرقى سىياسەتكىلا باغلاپ قويۇشقا بولمايدىكەن. ئۇ بۇ خاھىشنىڭ 2000 يىللىق خىتاي تارىخىغا چېتىلىدىغانلىقى، كومپارتىيەنىڭ پەقەت بۇ خاھىشنى سۇيىئىستېمال قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

«يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە جىنەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ لېكسىيەنى خىتاي ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدىكى تەنقىد ۋە نارازىلىقنىڭ بېسىمىدا بىكار قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن جىنەن ئۇنىۋېرسىتېتى ھازىرغا قەدەر لېكسىيە كىمنىڭ بېسىمىدا بىكار قىلىنغانلىقىغا ھېچقانداق چۈشەنچە بەرمىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.