مەلۇمكى، خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتىنىڭ تۇنجى رەئىسى ماۋ زېدوڭ دەۋرىدە يۈرگۈزۈلگەن «تەتۈر ئىنقىلابچىلارنى بېسىقتۇرۇش»، «ئىستىل تۈزىتىش»، «يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى تۇرۇش»، «چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش»، «پولات تاۋلاش» قاتارلىق ھەرىكەتلەر، ئىسلاھاتلار نەتىجىسىدە مىليونلارچە كىشى زىيانكەشلىكلەرگە ئۇچرىغان ئىدى.
ئۇيغۇر تارىخچىلىرىنىڭ قارىشىچە، بۇ ھەرىكەتلەردىن ئۇيغۇر ئېلىمۇ قاتتىق زەرداب چەكتى. بولۇپمۇ، 1949-يىلدىن 70-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇر خەلقى ئۆزىنىڭ ئەڭ ئېسىل پەرزەنتلىرىدىن جۇدا بولدى، ئاچارچىلىقنىڭ دەردىنى تارتتى، باي مەدەنىي يادىكارلىقلىرىدىن ئايرىلدى. ئەنە شۇنىڭ زەردابىنى تارتقان زىيالىيلار ھازىر قازاقىستاندىمۇ بار.
شۇلارنىڭ بىرى ئالماتا شەھىرىدە ئىستىقامەت قىلىۋاتقان ئاسىم تايىروف 1949-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتى ئورنىغاندىن كېيىن كۆپ ۋاقىت ئۆتمەيلا ھەر خىل سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ھەرىكەتلەرنىڭ باشلىنىپ، ئۇلارنىڭ نەتىجىسىدە مىڭلىغان بىگۇناھ خەلقنىڭ، زىيالىيلارنىڭ، ئىلگىرىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى ۋە مىللىي ئارمىيە قاتناشقۇچىلىرىنىڭ ئاچارچىلىقتىن، تۈرمىلەردىكى ۋە ئەمگەك لاگېرلىرىدىكى ئازابلاردىن، قىيناشلاردىن جان ئۈزگەنلىكىنى، چوڭ ئەپسۇسلىنىش بىلەن ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ ئىسلاھاتلار جەريانىدا خىتاي دۆلىتى تەرەققىي قىلماي، ئارقىغا چېكىندى، ناھايىتى خاتا سىياسەتلەرنى قوللاندى. مەسىلەن ‹ئىستىل تۈزىتىش› ھەرىكىتىدە خەقلەرنىڭ ئىستىلىنى تۈزۈتىمىز، مېھنەتكە ئۆگىتىمىز دېگەن ئاساستا بىر-بىرىگە قارشى قويۇپ، تۈرمىلەرگە تاشلىدى، ئىشلەتتى. شۇنىڭ بىلەن كۆپلىگەن ياخشى ئادەملەر، يازغۇچىلار ئىشلىرىدىن ئايرىلدى. بۇ 1956-ۋە 1957-يىللىرى بولغان ئىشلار».
ئاسىم تايىروفنىڭ ئېيتىشىچە، پەقەت ماۋ زېدۇڭنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن مۇنداق ھەرىكەتلەر خېلى بېسىلىپ، خىتاينىڭ ئىچكى ۋە تاشقى سىياسىتىدە بەزى ئۆزگىرىشلەر يۈز بەرگەن ئىدى. ئۇ سۆزىنى يەنە داۋام قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بىراق ئۇلار تەرەققىيات ئېلىپ ماڭغان بىلەن بۇ تەرەققىياتىنىڭ تايىنى يوق. ئىككى مىلياردقا يېقىن ئادەم بولغاچقا دۆلەت ئومۇم جەھەتتىن ئىقتىسادىي بولغان بىلەن، ئادەم سانىغا سېلىشتۇرغان چاغدا مۇشۇ كەمگىچە خىتايدا ئىقتىسادىي تەرەققىيات يوق. مەسىلەن، خىتاينىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر قىلىدىغان، بايلىقى كۆپ يەرلەر ئۇيغۇرىستاندۇر. شۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن خىتاي ھۆكۈمىتى قاتتىق سىياسەت يۈرگۈزۈپ، شۇ يەردىكى بايلىقنى ھەممىسىنى بۇلاپ-تالاۋاتىدۇ».
ئەمدى تونۇلغان يازغۇچى ئابدۇخالىق ماھمۇدوفنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆتمۈش تارىخىدا مۇشۇ كۈنگىچە يېتەرلىك دەرىجىدە ياكى تامامەن يورۇتۇلمىغان ۋەقەلەر كۆپ بولۇپ، ئۇلار توغرىلىق خاتىرە ئەسەر يېزىش ھەر بىر يازغۇچىنىڭ مۇقەددەس پەرزىدۇر. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «1958-ۋە 1962-يىلغىچە بولغان دەۋرىنى يېزىشىمىز كېرەك. ماتېرىياللىرىم بار. مەسىلەن، كوممۇنادا بىر قازان قاينايدۇ، شۇنىڭدىن تاماق ئېلىپ كېلىپ يەيمىز. ئۆيدە بىر نەرسە پىشۇرۇپ يېيەلمەيسەن. تۇرخۇندىن ئىس چىقسا بىرى كۆرۈپ قالسا تەكشۈرىدۇ».
ئا. ماھمۇدوف شۇنداقلا 60-يىللاردىن كېيىن خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ يەنىمۇ داۋام قىلىپ، كۈچەيگەنلىكىنى، 1962-يىلقى غۇلجىدىكى قانلىق ماي ۋەقەسىنىڭ شۇنىڭ بىر ئىسپاتى ئىكەنلىكىنى، ئۇ ۋەقە يۈز بەرگەندە ئۆزىنىڭ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقانلىقىنى ئەسلەپ، مۇنداق دېدى. «بۇ بىزگە يېقىن يەردە قاتناشتا بولدى. بىزمۇ، مۇئەللىملەرمۇ قاتناشتى. ماي ۋەقەسىدىن كېيىن بىزنى تارقىتىۋەتتى، مۇئەللىملەرنىڭ كۆپچىلىكىنى تۇتۇپ كەتتى. شۇ نامايىشقا قاتناشقانلارنىڭ بىرىنى قويماي، رەسىمگە ئالغان ئىكەن. شۇلارنىڭ بارلىقىنى تونۇپ بېرىڭلار دەپ يېزا-يېزىلارغا چىقىرىپ بېرىپتۇ. مېنىڭمۇ رەسىمىم چىقىپتۇ».
0:00 / 0:00