«مەدەنىيەت ئىنقىلابى» تېمىسى بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر خىتاي ھازىرقى زامان تارىخىدىكى ئۇنتۇلماس قارا داغ سۈپىتىدە كىشىلەرنىڭ ئېسىدىن تېخىچە كۆتۈرۈلۈپ كەتكىنى يوق.
دۇنيادىكى نۇرغۇن ئەللەر پەن-تېخنىكا ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئۇچقاندەك تەرەققىيات مەنزىرىسىگە كىرگەن 1960-1970-يىللاردا خىتايدىن ئىبارەت نوپۇسى ئەڭ كۆپ دۆلەتتە ئېلىپ بېرىلغان بۇ سىياسىي بوران مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ غۇرۇرىنى، كىشىلىك قەدىر-قىممىتىنى ۋە ئىنسانىي ياشاش ئەركىنلىكىنى دەپسەندە قىلغان ئىدى. ماۋ زېدۇڭ «تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن ئىنقىلاب» دەپ تەرىپلىگەن «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» ئەمەلىيەتتە 20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرى ستالىن ھۆكۈمرانلىقىدىكى سېۋەتلەر ئىتتىپاقىدا ئېلىپ بېرىلغان «چوڭ تازىلاش» نىڭ خىتايدىكى شەكلى ئۆزگەرگەن ۋارىيانتى ئىدى. ئۇنداقتا، ئۇيغۇر خەلقى «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» دىن ئىبارەت بۇ ئاپەتلىك يىللارنىڭ قارا بورانلىرىدا قانچىلىك ئېغىر بەدەللەرنى تۆلىدى؟
1966-يىلى يازدا «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» ئالدى بىلەن بېيجىڭدا باشلىنىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا ئۇنىڭ ئەسەبىي قارا بورانلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا يېتىپ كەلگەندە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بېشىغا يەنە بىر مەيدان بالايى-ئاپەتنىڭ يوپۇرۇلۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆپلىگەن كىشىلەر تېخىچە ھېس قىلىپ يەتمىگەنىدى. ماۋ زېدۇڭنىڭ شەخسىي ئىرادىسى بىلەن قوزغالغان بۇ سىياسىي بوراننىڭ ئۇيغۇرلار رايونىدا باشقىچە ئۇسۇلدا قانات يېيىشى ھەمدە يەرلىك مىللەتلەرنىڭ مىللىي قەدىرىيىتىنى بەربات قىلىش يۆنىلىشىگە قاراپ راۋاجلىنىشىنى كىشىلەر تېخىمۇ تەسەۋۋۇر قىلمىغان ئىدى.
ۋەھالەنكى، «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» نىڭ قارا قۇيۇنلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى قاپلىغان چاغدا ئۇيغۇر خەلقى قوش بەدەل تۆلەشكە مەجبۇر بولدى. ئۇلار بۇ جەرياندا بىر تەرەپتىن «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» نامى بىلەن پۈتكۈل خىتايدا ئېلىپ بېرىلغان سىياسىي ھەرىكەتلەرنىڭ قۇربانى بولغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي مىللەتچىلىكىنىڭ زەربە ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ مىللىي كىملىكى ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىسىدىن يىراقلاشتۇرۇلدى. «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» مەزگىلىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مىللەتلەر بىر-بىرىگە قارشى قويۇلدى، مىللىي مەدەنىيەت ئىنكار قىلىنىپ، كەڭ كۆلەمدە خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزۈلدى. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىسلام ئېتىقادى قاتتىق چەكلىمىگە ئۇچراپ، دىنسىزلاشتۇرۇش ۋە قىزىللاشتۇرۇش ھەرىكىتى يولغا قويۇلدى. تېخىمۇ ئېچىنارلىقى شۇكى، بۇنداق چېكىدىن ئاشقان قىلمىشلار مىللەتنىڭ ئۆز ئىچىدىن يېتىشتۈرۈلۈپ چىققان سىياسىي ئاكتىپلارنىڭ قولى بىلەن ئېلىپ بېرىلدى.
«مەدەنىيەت ئىنقىلابى» دىن ئىبارەت بۇ ئاپەتنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا قانداق تارىخىي شارائىتتا باشلانغانلىقى ۋە قانات يايغانلىقى ھەققىدە شۇ دەۋر شاھىتلىرىدىن ئاۋسترالىيىدە ياشاۋاتقان ھۈسەن ئەپەندى ئۆز قاراشلىرىنى بىلدۈردى.
ئون يىللارچە داۋاملاشقان «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» ئۇيغۇرلار ھاياتىدا 20-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىكى ئەڭ مۇدھىش بىر تارىخىي سەھىپىنى ھاسىل قىلدى. پۈتكۈل مىللەت ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ ۋە كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىدتىن مەھرۇم بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە مىللەتنىڭ مەنىۋىيىتىنى تۇتۇپ تۇرغان مىللىي ئەنئەنە ۋە مىللىي روھتىنمۇ يىراقلاشتۇرۇلدى. بولۇپمۇ بىر پۈتۈن مىللەتنى يېتەكلەپ كېتىۋاتقان ھەر ساھەدىكى سەرخىللار، بىلىملىك زىيالىيلار، دىنىي ئۆلىمالار ۋە ئابرۇيلۇق شەخسلەر ئەڭ ئالدى بىلەن زەربە بېرىشنىڭ ئوبيېكتىغا ئايلاندۇرۇلدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە دۇنيا ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان 1960-ۋە 1970-يىللاردا ئۇيغۇر خەلقى خىتايدىكى مىللىي كىملىكى ئەڭ روشەن ئاز سانلىق مىللەت بولۇش سۈپىتى بىلەن مۆلچەرلىگۈسىز ئېغىر بەدەللەرنى تۆلىدى. ھۈسەن ئەپەندى بۇ نۇقتىنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ئاچچىق بىر كەچۈرمىش بىلەن بايان قىلىپ ئۆتتى.
تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىز.