بۈگۈن مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىنىڭ 50 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ياپونىيە ۋەتەنداشلىقىدىكى موڭغۇل پروفېسسور ياڭ خەييىڭ ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل رايونلىرىدا تېخىچە مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىنىڭ ئاخىرلاشمىغانلىقىنى بايان قىلدى.
يېقىندا ياپونىيەدە ياپونىيە شىزۇكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ياڭ خەييىڭنىڭ باش مۇھەررىرلىكىدە «خىتايدىكى مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى ۋە خەلقئارا جەمئىيەت» ناملىق سەككىز بابتىن تەركىب تاپقان ئىلمىي ماقالىلەر توپلىمى نەشر قىلىنغان ئىدى.
مەزكۇر ماقالىلەر توپلىمىنىڭ سەككىزىنچى بابى پروفېسسور ياڭ خەييىڭنىڭ قەلىمى بىلەن «ئۇيغۇرلاردىكى مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» دېگەن سەرلەۋھە ئاستىدا يېزىلغان بولۇپ، بىز مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىنىڭ 50 يىللىقى تولغان بۈگۈنكى كۈندە، مەزكۇر ماقالىلەر توپلىمىنىڭ باش مۇھەررىرى «ئۇيغۇرلاردىكى مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» ناملىق ماقالىنىڭ ئاپتورى پروفېسسور ياڭ خەييىڭ بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.
ئۇ ئالدى بىلەن بىزنىڭ: «سىز نېمە ئۈچۈن مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئالاھىدە قەلەم تەۋرىتىشنى لايىق كۆردىڭىز؟» دېگەن سوئالىمىزغا «خەلقئارا جەمئىيەت ۋە ياكى خىتاي جەمئىيىتىدە بولسۇن، ماۋ زېدۇڭ تەۋرەتكەن مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى دېيىلگەندە، ھەمىشە كىشىلەر بېيجىڭ، شاڭخەي، ۋۇخەن قاتارلىق شەھەرلەردىكى خىتاي مىللىتىنىڭ مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدا زور ئاپەتلەرگە ئۇچرىغانلىقىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرىدۇ. بىراق، ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بۇ ئىنقىلابتا قانچىلىك تالاپەتلەرگە ئۇچرىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. خىتايدىكى تەتقىقاتچىلارمۇ ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى دەۋرىدىكى كەچۈرمىشلىرى ھەققىدە ھېچقانداق تەتقىقات ماتېرىياللىرىنى ئېلان قىلغان ئەمەس. پەقەتلا، ئۇلار ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى يەنى بىڭتۇەندىكى خىتايلار توغرىسىدىلا تەتقىقات ئېلىپ بارغان. شۇڭا مەن مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا تەپسىلىي توختىلىشنى ۋە بۇ ھەقتە تەتقىقات ئېلىپ بېرىشنى لايىق كۆردۈم» دەپ جاۋاب بەردى.
بىز ئۇنىڭدىن:«سىز ئۇيغۇرلارنى مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدا زادى قانچىلىك زۇلۇمغا ئۇچرىدى دەپ قارايسىز؟» دەپ سورىغىنىمىزدا ئۇ، بۇ ھەقتە توختىلىپ: «90-يىللاردىن كېيىن خىتايدا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا كۆپلىگەن كىتابلار نەشر قىلىنغان بولسىمۇ، ئۇنىڭدا مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا نېمە ۋەقەلەرنىڭ يۈز بەرگەنلىكى توغرىسىدا توختالماي پەقەتلا، بىڭتۇەننىڭ ئۇيغۇر رايونىنى قۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا قوشقان تۆھپىلىرى تىلغا ئېلىنغان. لېكىن، خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى، بىڭتۇەن ۋە خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان باستۇرۇشلىرى مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى، ئىسلام دىنىنى قانداق ۋەيران قىلغانلىقى كۆرسىتىلمىگەن» دېدى.
پروفېسسور ياڭ خەييىڭ سۆھبىتىمىز جەريانىدا:«سىزگە ئېيتسام، ھەممىدىن بەكرەك قىزىقارلىقى يېقىندىن بۇيان خىتايدا ئېلان قىلىنغان بەزى ماتېرىياللاردا ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدىن باشلاپلا تېررورلۇق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى تىلغا ئېلىۋاتىدۇ ۋە ھازىرقى سىياسەتكە باغلاپ ئۇيغۇرلارنى ئەزەلدىنلا تېررورچى قىلىپ كۆرسەتمەكچى بولۇۋاتىدۇ. بىراق،ئۇيغۇرلارنى تېررورچى دەۋاتقان پەقەتلا خىتاي. لېكىن خەلقئارا جەمئىيەت باشقىچە قاراشتا. راستىنى ئېيتقاندا، ئۇيغۇرلارنى مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدا قوراللىق قارشىلىق ھەرىكەتلەرگە ئۇيۇشتۇرغان خىتاي سىياسەتچىسى ۋاڭ ئېنماۋنىڭ قارىشىدىكى سىياسىي گۇرۇھلار بولۇپ، ئۇلار ئۇيغۇرلارنى شۇنداق قىلىشقا كۈشكۈرتكەن ئەمەسمىدى» دېدى.
ئۇ سۆزىدە:«مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدا بىڭتۇەن ئۇيغۇرلارنى قانداق باستۇرۇپ قانداق ئۆلتۈرگەنلىكى ھەققىدە خىتاي تەتقىقاتچىلىرى ھازىرغىچە بۇ ھەقتە ھېچقانداق ماقالە ئېلان قىلمىدى. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدا خىتايلار ئىسيانچى ۋە قوغدىغۇچىدىن ئىبارەت ئوخشىمىغان سىياسىي كۆز قاراشلاردا بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا يەنىلا ئىتتىپاقلىشىپ بىرلىكتە ئىش كۆرگەن ئىدى» دەيدۇ.
بىز ئاخىرىدا پروفېسسور ياڭ خەييىڭدىن: «سىز مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىنىڭ 50 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن كەڭ رادىئو ئاڭلىغۇچى ئۇيغۇرلارغا نېمە دېمەكچى؟» دېگىنىمىزدە،ئۇ: «خىتايدا گەرچە مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، بىراق ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل رايونلىرىدا مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى تېخى داۋاملىشىۋاتىدۇ. خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇللارنى بۆلگۈنچى، تېررورچى دېگەندەك ناملار بىلەن قاتتىق باستۇرۇپ،ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت، مائارىپ، ئىقتىساد ۋە باشقا جەھەتلەردىن باش كۆتۈرۈشىگە يول قويماۋاتىدۇ» دېدى.
پروفېسسور ياڭ خەييىڭنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ مەزكۇر ماقالىسىنى تاماملاش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا ئىلگىرى كېيىن بولۇپ ئۈچ قېتىم زىيارەت ۋە تەتقىقاتىغا بارغان.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.