خىتاي زىيالىيلىرى ۋە چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» نى قاتتىق ئەيىبلىشى نەتىجىسىدە، سۈكۈتتە تۇرۇۋالغان خىتاي ھۆكۈمىتى بۈگۈن ئىنكاس قايتۇرۇشقا مەجبۇر بولدى.
ب ب س، گېرمانىيە ئاۋازى قاتارلىق كۆپلىگەن ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ 17-مايدىكى خەۋەرلىرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقنىڭ بېسىمى ئاستىدا «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» نى يەنە بىر قېتىم ئىنكار قىلىشقا مەجبۇر بولغانلىقى بايان قىلىندى.
مەتبۇئاتلاردىكى بايانلارغا ئاساسلانغاندا، 1966-يىلى 16-ماي كۈنى ماۋ زېدۈڭ رەھبەرلىكىدىكى خىتاي مەركىزى كومىتېتى «16-ماي يوليورۇقى» نى چۈشۈرۈپ، ئاتالمىش «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» نى قوزغىغان كۈن بولۇپ، كۈنلەردىن بۇيان خىتاي ئىچى ۋە سىرتىدىكى زىيالىيلار بۇ ھەرىكەتنىڭ بالاسى-ئاپەتلىرىنى ئەسلەپ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا زور غۇلغۇلا قوزغىغان بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى سۈكۈت قىلىپ تۇرۇۋالغان ئىدى.
17-ماي سەھەردە خىتاينىڭ «خەلق گېزىتى» ماقالە ئېلان قىلىپ، «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» نى يەنە بىر قېتىم ئىنكار قىلىشقا مەجبۇر بولغان.
مەدەنىيەت ئىنقىلابىنى ئۆز بېشىدىن كەچۈرگەن شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇرېشىت ھاجى كېرىمى ئەينى يىللاردىكى مالىمانچىلىقلارنى ئەسلەپ ئۆتتى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا ئۇيغۇر ئېلىدە زور تۈركۈمدە «قۇرئانى كەرىم» ۋە باشقا كىتابلار «4 كونا» سۈپىتىدە كۆيدۈرۈپ يوقىتىلغان.
ب ب س نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە تىلغا ئېلىشىچە، خىتاينىڭ زۇۋانى بولغان «خەلق گېزىتى» دە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرادىسى سۈپىتىدە ئېلان قىلىنغان ماقالىدە «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى بولسا، رەھبەرلىك قىلغۇچى خاتا قوزغىغان، ئەكسىلئىنقىلابى گۇرۇھلار پايدىلىنىپ كەتكەن، پارتىيەگە، دۆلەتكە ۋە ھەر مىللەت خەلقىگە ئېغىر بالاسى ئاپەت ئېلىپ كەلگەن بىر مەيدان ئىچكى بۇزغۇنچىلىق ھەرىكىتى بولۇپ، ئۇنىڭ زىيانكەشلىكى ئومۇمىي ۋە ئېغىر» دېيىلگەن.
ب ب س نىڭ 17-مايدىكى «خىتاي ھۆكۈمەت ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بىر كۈن سۈكۈت قىلىپ، يېرىم كېچىدە ماقالە ئېلان قىلىپ مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىنى يەنە بىر قېتىم ئىنكار قىلدى» ناملىق خەۋىرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان ماقالىدە يەنە «ھەر ساھە مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىنىڭ ساۋاقلىرىنى ئەستە چىڭ تۇتۇشى، كومپارتىيىنىڭ مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى توغرىسىدىكى يەكۈنىنى ئىزچىللاشتۇرۇشى، مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى مەسىلىسى باھانىسىدە ئوڭچىل ياكى سولچىل توسالغۇلارنىڭ يارىلىشىدىن قەتئىي ساقلىنىشى ۋە ئۇنى چەكلىشى لازىم» دېيىلگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇيغۇر مىللىتىمۇ ئاتالمىش «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» نىڭ زىيانكەشلىكى ئەڭ ئېغىر دەرىجىدە ئۇچرىغان بىر خەلق سانىلىدىكەن. ئۇيغۇر زىيالىيسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ ئۆتتى.
ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇۋەلى تۇرسۇننىڭ ئەپەندىمنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىمۇ پەرھات مۇھەممەدنىڭ پىكرى بىلەن ئوخشاش. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، مەدەنىيەت ئىنقىلابى جەريانىدا ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۆزىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر زىيالىيلىرى، سەر خىللىرى ۋە مەشھۇر جامائەت ئەربابلىرىدىن ئايرىلغان.
ب ب س خەۋىرىدە تەكىتلىنىشىچە، ئەسلىدە 1981-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» نىڭ بالايىئاپەتلىك بىر ھەرىكەت بولغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ بولغان بولسىمۇ، خىتاي خەلقى ۋە زىيالىيلىرىنىڭ 50 يىللىق خاتىرە مەزگىلىدە بۇ ھەرىكەتنى قايتا ئەسلىشىگە سەۋەب بولغان ئامىل، نۆۋەتتىكى خىتاي جەمئىيىتىنىڭ «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» دەۋرىگە ئوخشاپ قېلىۋاتقانلىقى، شەخسكە چوقۇنۇشنىڭ باش كۆتۈرۈۋاتقانلىقى، شى جىنپىڭنىڭ ماۋنى ئەسلەشنى تەشەببۇس قىلىۋاتقانلىقى، قىزىل ناخشىلارغا سورۇن ھازىرلاپ بېرىۋاتقانلىقى، ماۋغا ئوخشاش ھاكىمىيەتنىڭ پۈتۈن ھوقۇقلىرىنى ئۆز قولىغا مەركەزلەشتۈرۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى ئىكەن.
شۋېتسارىيەدە نەشردىن چىقىدىغان «يېڭى زۈرىكلىكلەر گېزىتى» 14-ماي «بىر كۈچلۈك ئەرنىڭ ۋەھىمىسى» ناملىق ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ، ماقالىدە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ماۋ زېدۇڭدىن كېيىن خىتاي تارىخىدا پەيدا بولغان «ئەڭ كۈچلۈك رەھبەر» ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ ئۆزىنى ماۋ زېدۇڭغا ئوخشاش ھەممە ھوقۇق قولىدا بولغان، ھەممە ئادەم باش ئېگىدىغان، ھېچكىم سىزىقىدىن چىقالمايدىغان بىر رەھبەرگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن تېرىشىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
«بىر كۈچلۈك ئەرنىڭ ۋەھىمىسى» ناملىق بۇ ماقالىدە، شى جىنپىڭنىڭ چېرىكلىككە قارشى تۇرۇش شوئارى ئاستىدا ھاكىمىيەت ۋە ئارمىيە ساھەسىدىن ئۆزىگە قارشى بولغان 1600 دىن ئارتۇق ھوقۇقدارنى تازىلاپ بولغانلىقى، پۈتۈن تەشۋىقات ساھەسىنى كونترولى ئاستىغا ئېلىپ بولغانلىقى، گويا ئىككىنچى بىر مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىنى قوزغاۋاتقانلىقى بايان قىلىنىش بىلەن بىرگە، غەرب قىممەت قارىشىنىڭ تەسىرىنى چەكلەش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن.
پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بۇ قاراشنى قۇۋۋەتلەپ، بۈگۈن شى جىنپىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى خىتاينىڭ مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىنى ئاقلاش ۋە ئۇنىڭ ئىزىنى بېسىش يولىنى تۇتۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
«بىر كۈچلۈك ئەرنىڭ ۋەھىمىسى» ناملىق مەزكۇر ماقالىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى يانۋاردىن باشلاپ يولغا قويۇشنى بەلگىلىگەن «ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارنى باشقۇرۇش نىزامى» نىڭ ئەمەلىيەتتە غەرب پىكىر ئېقىمىنى چەكلەشنىڭ بىر قورالى ئىكەنلىكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تاكى ئالىي مەكتەپ دەرسلىكلىرىگە قەدەر، چەتئەللىكلەرنى يېقىنلىشىشقا بولمايدىغان «ئىشپىيون» قىلىپ كۆرسىتىۋاتقانلىقى، ئاخباراتچىلار، تور يازارلىرى، ئۆكتىچى پىكىردىكىلەرنىڭ ھەممىسىگە «زۇۋانىڭنى يىغ» دەۋاتقانلىقى، غەربلىكلەرنى «دۈشمەن» ساناۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.
ئابدۇۋەلى تۇرسۇن ئەپەندى سۆزىدە يەنە، خىتاينىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئىلىدا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىنىڭ ماھىيەتتە مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدىن پەرقلەنمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
«بىر كۈچلۈك ئەرنىڭ ۋەھىمىسى» ناملىق ماقالىدە يەنە، شى جىنپىڭنىڭ ماۋنى كۆتۈرۈشى، خىتايدا 50 يىل ئىلگىرىكى مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىنىڭ ھاۋاسىنى قايتا يارىتىشى، ئۆزىنىڭ رەسىملىرىنى كوچا-كويلاردا ھەيۋەت بىلەن نامايان قىلىشى، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە تەشۋىقات چولپىنىغا ئايلىنىشى، قىسقىسى، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرەشلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ، ئەمەلىيەتتە ئۆز ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن قوللىنىۋاتقان چارە-تەدبىرلەرنىڭ پارچىسى ئىكەنلىكى قەيت قىلىنىدۇ.