16-ئۆكتەبىر توكيودىكى قەدىمكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن بىرى بولغان مېيجى ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى دېگەن نېمە» ناملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا خىتايدا يۈز بەرگەن مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدا ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقى توغرىسىدا بەزى سوئاللار ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
توكيودىكى مېيجى ئۇنىۋېرسىتېتىدا چاقىرىلغان «خىتايدىكى مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى دېگەن نېمە» ناملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنى، مەزكۇر مەكتەپنىڭ خىتاي تەتقىقات مەركىزىنىڭ مەسئۇلى،پروفېسسور تەتقىقاتچى سۇزۇكى تەشكىللىگەن بولۇپ، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان پروفېسسور سۇزۇكى يىغىننىڭ ئېچىلىش مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ:«خىتايدا يۈز بەرگەن مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى ۋە ماھىيىتىنى ياپونىيە خەلقىگە تەپسىلىي ئاڭلىتىش ئۈچۈن بۇ قېتىمقى يىغىننى تەشكىللىدۇق» دېدى.
پروفېسسور سۇزۇكىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يىغىن پۈتۈن بىر كۈن داۋام قىلغان بولۇپ، يىغىندا مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىغا دائىر تەتقىقات ماقالىلىرىنى ئوقۇغان پروفېسسور، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ يېڭى ئۇچۇرلىرى يىغىن ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتقان، ئامېرىكىدىن كەلگەن خىتاي مۇتەخەسسىسلەرنىڭ خىتاي ئارخىپ-ھۆججەتلىرىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسەتكەن دەلىل-ئىسپاتلىرى يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىغان.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا ئامېرىكا نيۇسكۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەخرى تەتقىقاتچىسى، سابىق خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى پەلسەپە تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى شۈ ياۋيۈ، يوكوھاما شەھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى 21-ئەسىر خىتاي تەتقىقاتى مەركىزىنىڭ مەسئۇلى سۇسۇمۇ يابۇكى، كالىفورنىيە شتات ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ لوس ئانجىلىس شۆبىسىنىڭ پروفېسسورى سۇڭ خۇڭيى، ياپونىيە سەنشۇ ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى ماسائاكى، تسۇچىيا قاتارلىق مۇتەخەسسىسلەر ئىشتىراك قىلغان ۋە بۇ ھەقتە ئىزدەنگەن يېڭى تەتقىقات ماقالىلىرىنى ئوقۇغان.
يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى تۇرمۇھەممەت ھاشىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكىدىن كەلگەن خىتاي مۇتەخەسسىس شۈ ياۋيۈ مەدەنىيەت ئىنقىلابىنىڭ ئېلىپ بېرىلىش سەۋەبلىرى ئۈستىدە توختالغان.
ئامېرىكىلىق خىتاي مۇتەخەسسىس سۇڭ خۇڭيىنىڭ مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى دەۋرىدىكى گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە توختالغان.
تۇرمۇھەممەت ھاشىمنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا خىتايدىكى مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدا ئۇيغۇر، تىبەت رايونلىرىدا قانداق ۋەقەلەرنىڭ يۈز بەرگەنلىكى توغرىسىدا ئامېرىكىدىن كەلگەن خىتاي مۇتەخەسسىسلىرىدىن بەزى سوئاللار سورالغان.
يىغىن ئارىلىقىدىكى دەم ئېلىشتا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئامېرىكىلىق خىتاي مۇتەخەسسىس شۈ ياۋيۈ ئەپەندى مۇنداق دېدى: «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئارخىپ-ھۆججەتلىرىدىكى بىزگە ئۇچرىغان گۇاڭشى ئاپتونوم رايونىغا ئائىت ھۆججەتلەرگە ئاساسەن، بۇ قېتىمقى دوكلاتنى تەييارلىدۇق. ھازىرچە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا ئائىت ھۆججەتلەر ئۇچرىمىدى. ئەلۋەتتە مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدا ئۇيغۇر، تىبەتلەرمۇ قاتتىق زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان. شۇڭا بىز كېيىنكى تەتقىقاتلىرىمىزدا بۇ ھەقتە ئىزدىنىپ كۆرىمىز.»
ئىگىلىشىمىزچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ياپونىيەدىكى كۆپلىگەن ئالىي مەكتەپلەرنىڭ خىتاي تەتقىقاتى مەركەزلىرى 1966-يىلى خىتايدا يۈز بەرگەن مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىنىڭ 50 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نۇرغۇنلىغان تەتقىقات ماقالىلىرىنى ئېلان قىلىش بىلەن بىرگە، چەتئەللەردە ياشاۋاتقان بىر قىسىم خىتاي مۇتەخەسسىسلىرىنى ئالاھىدە تەكلىپ قىلىپ مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىغا ئائىت خىتاي ئارخىپ-ھۆججەتلىرىدىكى بىر قىسىم مەلۇماتلارنى ئاشكارىلىماقتا.
ياپونىيەدىكى بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ياپونىيەدە مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىغا دائىر تەتقىقاتلارنىڭ كۆپلەپ ئېلىپ بېرىلىشى، ھازىرقى ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ياپونىيە سىياسىيونلىرىنىڭ نەزىرىدە خىتاي كومپارتىيەسىنى باشقۇرۇشتا ماۋ زېدۇڭچە ئىش تۇتۇۋاتىدۇ دەپ قارىلىۋاتقان شى جىنپىڭنىڭ كەلگۈسى سىياسىي يۆلىنىشىنى تەتقىق قىلىشتا كۆپ پايدىلىق دەپ ھېسابلىنىدىكەن.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.