خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئات بەيگە مەيدانى ۋە يامالىق تېغى رايونى قاتارلىق باشقا يۇرتلاردىن ئۈرۈمچىگە كېلىپ تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا چېقىپ-تۈزلەشتىن سىرت يەنە، مەخسۇس، تام قوپۇرۇپ، رېشاتكىلىق مەھەللە قۇرۇش چارىسى قوللانغان ئىدى.
يېقىندا چەتئەلگە چىققان بىر ئۇيغۇر نام-شەرىپىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن ئۇچۇر بېرىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ خىل ئۇيغۇر مەھەللە رايونلىرىنى رېشاتكىلىق قورشاۋغا ئېلىپ باشقۇرۇشنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇب، شىماللىرىغىچە كېڭەيتىپ «ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ قاتتىق تەقىب ئاستىغا ئېلىۋاتىدۇ» دەپ مەلۇم قىلدى.
يەرلىك دائىرىلەردىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمىزمۇ بۇنىڭ مۇقىملىق مەسىلىسى ئۈچۈن ئېلىۋاتقان تەدبىر ئىكەنلىكى دەلىللىدى.
يېقىندىن بۇيان رادىئومىزغا ئۇيغۇرلار ھەققىدە كەلگەن ئۇچۇرلاردىن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلارنى تەقىب ئاستىغا ئېلىۋاتقانلىقى، يەرلىك مەخسۇس يول يۈرۈشنى باشقۇرۇش نىزاملىرىنى ئېلان قىلىپ، مەھەللە كومىتېتلىرىنىڭ ئېغىزى، كەنت، ناھىيە شەھەرلەرنىڭ كىرىش-چىقىش پونكىتلىرىنى قۇرۇپ، مەھەللىلەردە تەكشۈرۈش، تەقىب قىلىش كۈچەيتىلىپ، ئۆتكەن-كەچكەن ماشىنا-ئاپتوموبىللارنى تەكشۈرۈش، پراۋا، كىملىك رەسمىيەتلىرىنى سۈرۈشتۈرۈش يولغا قويۇلغانلىقى مەلۇم ئىدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلار چەتئەلگە چىقىش،شەھەر ئاتلاش تۇرماق، ئۆز مەھەللىسىدىن يەنە بىر مەھەللىگە، ئۆز كەنتىدىن باشقا كەنتكە بېرىشىنىڭمۇ مۈشكۈل بولۇۋاتقانلىقىدىن شىكايەت قىلماقتا.
بۈگۈن رادىيومىزغا بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭ بىلگەنلىرى ھەققىدە مەلۇمات يەتكۈزگەن، يېقىندا ئۈرۈمچىدىن چەتئەلگە چىققان بىر ئۇيغۇر، چەتئەلگە چىقىشتىن ئىلگىرى ئۆزىنىڭ خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىغا بارغانلىقى، بولۇپمۇ غۇلجا، قەشقەر، ئاقسۇ، خوتەن قاتارلىق شەھەرلەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق ناھىيىلەردىمۇ ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان مەھەللىلەرنىڭ ئېگىز رېشاتكىلىق قورشاۋلارغا ئېلىنغانلىقى ۋە ئېلىنىۋاتقانلىقى، مەخسۇس تەكشۈرۈش پونكىتلىرىنىڭ كۆپەيتىلگەنلىكى، بەزى «مۇقىمسىز» رايون تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن مەھەللە ۋە رايون ئەتراپىغا بولسا، قوراللىق ساقچى قىسىملارنى ئورۇنلاشتۇرغانلىقى، 24 سائەت چارلاش يولغا قويۇلغانلىقى، بۇنىڭ رايوننى ۋەھىمە ۋە راھەتسىز بىر كەيپىياتقا كىرگۈزۈۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنداق ئىشلارغا نارازى بولسىمۇ سۈكۈتتە تۇرۇشقا مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقى قاتارلىقلارنى ئىنكاس قىلدى.
5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئات بەيگە مەيدانى ۋە يامالىق تېغى رايونى قاتارلىق ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلارنى باشقۇرۇش خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدىغان مەسىلىگە ئايلانغان. خەۋەرلەردىن دائىرىلەر رايوندىكى ئۇيغۇرلارنى 12 ئاھالىلەر رايونىغا ئايرىپ باشقۇرۇشقا باشلىغانلىقى، دائىرىلەر 2009-يىلى 11-ئايغا قەدەر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىدىكى ئاممىۋى سورۇنلار ۋە پۇقرالار زىچ ئولتۇراقلاشقان رايونلارغا ئاز كەم 47 مىڭ دانە بىخەتەرلىك كۆزىتىش ئاپپاراتى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى. بەيگە مەيدانى ئەسلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇب-شىمالىدىن كېلىپ ئۈرۈمچىدە تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئۇششاق تىجارەتچىلىرى ۋە ھۈنەرۋەنلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلارنىڭ بىرى بولۇپ، 2009-يىلى يۈز بەرگەن 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە بۇ جايدا ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلار ئاساسلىق ھۇجۇم نىشانى قىلىنغان ئىدى.
«شىنجاڭ»گېزىتىنىڭ 2013-يىلى 3-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدىمۇ ئات بەيگە مەيدانىدىكى ھەرقايسى ئاھالىلەر رايونىدا 24 سائەتلىك ئاپتوموبىل بىلەن كوچا ئايلىنىپ چارلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. چارلاش ئەترىتى كۈندۈزلۈك ۋە كېچىلىك نۆۋەت بىلەن ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ» دەپ كۆرسىتىلگەن ئىدى، ئارىدىن 7 يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، بەيگە مەيدانى ئاھالىلەر باشقۇرۇش كومىتېتى مۇقىملىق كۆزىتىش سىستېمىسى يەنىلا چىڭ ئىكەنلىكى، تەڭرىتاغ رايونلۇق مەلۇم مەھەللە كومىتېتى كادىرىنىڭ سۆزلىرىدىن مەلۇم بولدى.
دائىرىلەرنىڭ مۇقىملىق تەدبىرى سۈپىتىدە ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئات بەيگە مەيدانىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قىسمەن رايونلارنى رىشاتكىلىق قورشاۋغا ئېلىپ قاتتىق كونترول ئاستىغا ئالغانلىقىنى دەلىللىگەن بۇ ياش كادىر يەنە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ خىل رېشاتكىلىق رايون قۇرۇپ باشقۇرۇش تەدبىرىنىڭ جەنۇب، شىمالدىكى باشقا شەھەرلەردىمۇ ئېلىپ بېرىلغان-بېرىلمىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا «ئۇ جايلاردا تېخىمۇ چىڭ بولۇشى مۇمكىن» دەپ جاۋاب بەردى.
ئىلگىرى رادىيومىزغا ئوخشىمىغان جايلاردىن ئىنكاس قىلغان ئۇيغۇرلار، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شەھەر قۇرۇلۇشىنى كېڭەيتىش، مۇھىت تۈزەش، خەتەرلىك ئۆيلەردىن كۆچۈرۈش دېگەندەكلەرنى باھانە قىلىپ، خىتايلارنى كۆچۈرۈش ئۈچۈن يەرلىك خەلقنىڭ شەھەر مەركىزىدىكى قورا-جايلىرىنى، ئۆيلىرىنى چېقىپ، ئۇلارنى شەھەر سىرتىدىكى يىراق رايونلارغا كۆچۈشكە مەجبۇرلاۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى.
بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردا خىتاي ھۆكۈمىتى تېررورلۇققا قارشى ھەر خىل قاتتىق تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرىكىتىنى نازارەت ئاستىغا ئېلىپ، يۆتكىلىش ئەركىنلىكىنى كونترول قىلماقتا ئىكەن.
قەشقەر ياۋاغ ساقچىخانىغا قاراتقان تېلېفون زىيارىتىمىزدە، بىر ئۇيغۇر ساقچى ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنى رىشاتكىلىق رايونلارغا بۆلۈپ باشقۇرۇش ئىشلىرى ھەققىدە سورىغان سوئالىمىزغا قوپاللىق بىلەن رەددىيە بېرىپ «ئۇنداق ئىش يوق» دېدى.
ئەمما، دەل شۇ مەھەللىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ئۇيغۇر بولسا، ئۆزىنىڭ ئۆيىنىڭ ھېيتگاھ مەسچىتىنىڭ يان ئىشىكىدىكى رىشاتكىلىق رايوندا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى، ئەمما تەپسىلىي توختىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى.
ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن نۇرمەمەت مۇساباي ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردىكى ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنى قاتتىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش بىلەن رايوندا ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلىپ، خىتاينىڭ بۇ خىل ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك نورمال ياشاش ھوقۇقى ۋە ھاياتىغا قەدەر دەخلى-تەرۇز قىلىدىغان تەدبىرلىرى خىتاينىڭ ئۆز قانۇنلىرىغا، ئىنسان ھەقلىرىگىمۇ خىلاپ دەپ كۆرسەتتى ۋە يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەتلىرىدە كۆچمەن خىتايلارغا ئېتىبار بېرىپ، ئۇيغۇرلارنى چەتكە قېقىشى ئىككى مىللەت ئوتتۇرىسىدا ئېغىر ئىجتىمائىي، ئىقتىسادى تەڭپۇڭسىزلىق پەيدا قىلىپ، مىللىي توقۇنۇش ۋە نارازىلىقلارغا سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.