ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى «داھىي» لار كۆلەڭگىسى ۋە مىللەتلەرنىڭ «ئىتتىپاقلىقى» (2)
2017.04.18

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ھەربىي ۋە ساقچى كۈچلىرىنىڭ توختاۋسىز كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، بېيجىڭدىكى ئالىي رەھبەرلىك قاتلىمىنى سۆيۈش مەركەز قىلىنغان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» تەشۋىقاتىمۇ جىددىي يولغا قويۇلماقتا. بۇ سەۋەبتىن خىتاي ھۆكۈمىتى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىۋاتقان «ئىتتىپاقلىق» تېمىسىنىڭ ھەقىقىي مەقسىتى ئىزچىل ھالدا زىددىيەتلىك سوئاللارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇ ساھە بىلەن تونۇشلۇق بولغان بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ خىل زىددىيەتلىك مەسىلە ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. تۆۋەندە دىققىتىڭلاردا بولىدىغىنى مۇخبىرىمىز ئەزىزنىڭ بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي مەلۇماتلىرى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرقايسى مىللەتلەر ئارىسىدا «ئىتتىپاقلىق» مۇناسىۋىتى ئورنىتىش ھەققىدىكى چاقىرىقلىرى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان ئاڭلىنىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭدا تەكىتلەنگەن مەركىزىي نۇقتا «مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىكىنى ۋە ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش»بولۇپ كەلگەن. ھالبۇكى بۇ خىل تەشۋىقات پائالىيىتىنىڭ يادرولۇق مەزمۇنى ئەمەلىي خىزمەت ۋە تۇرمۇش ھالقىلىرىدا ئومۇملاشمىغانلىقى ئۈچۈن جەمئىيەتتە ئىناقلىق ۋە تىنچلىق بەرپا قىلىشنىڭ ئورنىغا ئەكسىچە ئۈنۈم بەرگەن، ھەتتا بەزىدە يامانلىشىپ ئىجتىمائىي داۋالغۇشلارغا سەۋەب بولغان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» تەشۋىقاتىنىڭ ئەمەلىيەتتە مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدا ئىناقلىق بەرپا قىلىش ئورنىغا ئۇيغۇرلارنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرقانداق شەكىلدىكى ھۆكۈمرانلىق ئەندىزىلىرىگە بويسۇنۇشقا كۆندۈرۈشنى نىشان قىلغانلىقىنى، بۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇرلار جەمئىيىتىدىكى ئومۇمىي ئىجتىمائىي نارازىلىقنىڭ 1985-يىلىدىكى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىدە ئەكس ئەتكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.
ئامېرىكا فروستبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ما خەييۈن خىتايدىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتى ھەققىدە بىۋاسىتە ئىزدىنىپ كۆرگەن، شۇنداقلا ئالاقىدار مۇھىتنى باشتىن كەچۈرۈپ باققان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىرى. ئۇنىڭ پىكرىچە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» خىتايدەك بىر چوڭ دۆلەت ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان تەدبىرلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئەمما ھازىر بۇنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ئەسلى نىشاندىن پۈتۈنلەي باشقىچە بولغان رەۋىشتە داۋام قىلماقتا. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئەسلىدە كۆپ تەرەپلىمە مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ. بۇنىڭدا ھەرقانداق مىللەت، يەنى ئۇ بەكلا كىچىك مىللەت بولسۇن ياكى بەكلا چوڭ مىللەت بولسۇن، ئادەتتىكى مىللەت بولسۇن ياكى قايسىلا مىللەت بولسۇن ھەممىلا ئادەم ئۆزئارا ھۆرمەت ئاساسىدا ئىتتىپاقلىشىش تەكىتلىنىدۇ. بۇنىڭ ھېچقانداق خاتاسى يوق، ئەلۋەتتە. ھەرقانداق چوڭ دۆلەت، ھەتتا ئامېرىكىمۇ ئوخشاش بولمىغان ئىرقلار ئارىسىدا بۇ خىل ئىتتىپاقلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇۋاتىدۇ. ئەمما خىتايدىكى ‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى› نىڭ ئۆزىگىلا خاس بولغان ‹ئۆزگىچىلىك› لىرى مەۋجۇت: بۇنىڭ بىرىنچىسى، ھازىر بۇ خىل ئىتتىپاقلىق تەشۋىقاتى خىتاينىڭ چېگرا رايونلىرىدىلا، يەنى ھازىر ئاساسەن شىنجاڭ، تىبەت قاتارلىق جايلاردا يولغا قويۇلۇۋاتىدۇ. ئەمما بۇ جايلاردىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىر تەرەپلىمە ھالدا ھەرقاچان ئاز سانلىق مىللەتلەرنى خىتايلارغا بويسۇنۇشقا، ئۇلارنىڭ بۇيرىغانلىرىنى بەجا كەلتۈرۈشكە، خىتايلارنى سۆيۈشكە، شۇ ئارقىلىق ئۆز ھاياتلىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشقا ئۈندەۋاتىدۇ. بۇ كىشىلەرگە خۇددى ئاشۇ مىللەتلەر خىتايلار بىلەن ئىتتىپاقلاشمايۋاتقاندەك بىر تۇيغۇ بېرىدۇ. ئىككىنچى، مېنىڭچە بۇ خىلدىكى ‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى› تەشۋىقاتى دۆلەتنىڭ سىياسىتى بولغاندىكىن ئۇ ئالدى بىلەن بېيجىڭ، شاڭخەي، شۇنداقلا باشقا ئۆلكىلەردىكى خىتايلار ياكى باشقا مىللەتلەر ياشاۋاتقان جايلاردا تولۇق ئىجرا بولۇشى ھەمدە تەشۋىق قىلىنىشى لازىم. بۇ ھەممە ئادەم بىلىدىغان ئەقەللىي قائىدە. ئەمما ‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى› نى بىر مىللەتنى مەدەنىيەت ۋە سىياسىي جەھەتتىن گۇمان نىشانى قىلىشقا، يەنە كېلىپ بۇنىڭغا بىر رەھبەرنى سۆيۈش ھەمدە ئۇنى ئۇلۇغلاش مەزمۇنىنى تېڭىشقا بولمايدۇ. بۇ ئاشكارا ئىغۋاگەرچىلىك قىلغانلىققا، شۇنىڭدەك كىشىلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى ھاقارەت قىلغانلىققا باراۋەر».
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەنمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان قاراشتا بولۇۋاتقان زىيالىيلارنىڭ بىرىدۇر. ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدا خىتايلار بىلەن بىرلىكتە خىزمەت قىلىش ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرگەن ھالدا خىتاي دائىرىلىرى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇۋاتقان «مىللەتلەر ئىتتىپاقى» تەشۋىقاتىدا ماھىيەتلىك ھەمدە ئەڭ زور دەرىجىدە كەمچىل بولۇۋاتقان «باراۋەرلىك» ئامىلى تۈپەيلىدىن بۇ خىلدىكى تەشۋىقاتنىڭ «مەڭگۈ ئىشقا ئاشماس ۋەدە» بولۇپ قالىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.
پروفېسسور ما خەييۈننىڭ پىكرىچە خىتايدىكى مەملىكەتنى باشقۇرۇش مېخانىزىمىدا مەۋجۇت بولۇۋاتقان سانسىزلىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى دەل ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» تەشۋىقاتى ئىكەن. ئۇنىڭ پىكرىچە ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرى يەنە بېيجىڭدىكى يۇقىرى قاتلام «داھى» لارنى خۇشال قىلىش ئۈچۈن ئىزچىل ھالدا تۆۋەندىكىلەرنى بېسىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ كەلمەكتە ئىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «شۇڭا مۇشۇ نۇقتىدىن ئالغاندا شىنجاڭدىكى يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ يۇقىرىغا خۇشامەتكويلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىۋېلىش تەس ئەمەس. يەنە كېلىپ بۇنى يەنە يەرلىكتىكى ئەمەلدارلارنىڭ يەرلىكتە يولغا قويۇۋاتقان خۇشامەتچىلىك سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى دېيىشكىمۇ بولىدۇ. شۇڭا بۇنى تامامەن خىتاينىڭ دۆلەت سىياسىتى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان دەپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ. بۇ بىر ئالاھىدە ئەھۋال بولۇپ، تىبەت ۋە شىنجاڭدا ئالاھىدە ئېغىر بولۇۋاتقان بىر تۈرلۈك مەسىلە. شۇڭا ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا بۇ خىلدىكى ئاتالمىش ‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى› تەربىيىسى دەل ھازىرقىنىڭ ئەكسىچە يۆنۈلۈشتە ماڭسا توغرا بولىدۇ. بولمىسا ھازىرقىدەك يۇقىرىنىڭ دېگەنلىرى بىر خىل بولۇش، تۆۋەندە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىرى يەنە بىر خىل بولۇشتەك ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتىلغان ھاقارەت، ھۇجۇم، چەكلەش ئەھۋاللىرى يامراپ كېتىدۇ. قىسقىسى ھازىرقى ئەھۋالدا بىز شىنجاڭ رايونىنى خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرى بىلەن سېلىشتۇرساق شىنجاڭنى بىر ‹ئالاھىدە رايون› دېيىشكە بولىدۇ. قانۇن جەھەتتىن ئالغاندىمۇ ئۇ ھازىر خىتايدىن بەكلا ئۇزاقلاپ كېتىۋاتىدۇ».
تۈرلۈك ئۇچۇر مەنبەلىرى ئۇيغۇرلار دىيارىدا يولغا قويۇلۇۋاتقان بۇ خىلدىكى «ئىتتىپاقلىق تەربىيىسى» نىڭ يىللاردىن بۇيان تاق يۆنىلىش بويىچە مەجبۇرىي داۋام قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. رادىئومىز ئىلگىرى بۇ مەسىلە ھەققىدە يەرلىكتىكى ئۇيغۇر دېھقانلاردىن پىكىر ئالغاندا رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن بىرەيلەن ئۆزىنىڭ ئىلگىرى ئۆزبېكىستان تەرەپ رادىئوسىنىڭ تېلېفون زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندىكى ئەھۋاللارنى ئەسلىگەن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۆزبېكىستان رادىئوسىنىڭ ئۆزىدىن «ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئىتتىپاقمۇ؟» دەپ سورىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئەھۋاللارنى تونۇشتۇرۇپ «بىز ئىتتىپاق بولۇشىمىز لازىم، ئەگەر ئىتتىپاق ئۆتمىسەك بىزنى ئېتىپ تاشلايدۇ» دەپ جاۋاب بەرگەنلىكىنى تىلغا ئالغان ئىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى بۇ خىلدىكى «ئىتتىپاقلىق تەربىيىسى» نى توختىماستىن ھەرقايسى ساھەلەرگە ۋە يېزا-قىشلاقلارغا قەدەر كېڭەيتىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇنىڭدىكى ماھىيەتلىك مەسىلىلەردە بىرەر ئۆزگىرىشنىڭ بولىدىغانلىقى ھەققىدە ھازىرچە ھېچقانداق بېشارەت يوق ئىكەن.