خىتايدىكى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» تەشۋىقاتىنىڭ قۇربانى-ئۇيغۇر ئۇسسۇلى

0:00 / 0:00

ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدا بۇ يىل ئاپرېلدىن باشلاپ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىيات يىلى» نامىدا تۈرلۈك سىياسىي تەشۋىقات پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. ئەنە شۇ پائالىيەتلەرنىڭ بىر مۇھىم مەزمۇنى ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى ئۇسسۇلىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىلىۋاتقان «كىچىك ئالما ئۇسسۇلى» نىڭ ھەرقايسى جايلاردا تېخىمۇ كېڭىيىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئۇسسۇل مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ ناخشا ۋە ئۇسسۇل ئەنئەنىسى ئۇلارنىڭ ئۇزاق تارىختىكى مەدەنىيەت مۇساپىسىنىڭ ۋە ئۇ بېسىپ ئۆتكەن جەرياننىڭ رېئاللىقتىكى ئەڭ جانلىق ئىنكاسى ئىكەن. مۇشۇ سەۋەبتىن دۇنيادىكى ھەممىلا مىللەتتە ئۇسسۇل ۋە ناخشا ئەنئەنىسى بولغان ئەمەس. بۇ ھال تاكى زامانىمىزغا قەدەر ئۇيغۇر ئۇسسۇلىدىكى بىر يېگانە ئالاھىدىلىك سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ كەلمەكتە ئىكەن. شۇ سەۋەبتىنمۇ ئۇيغۇرلار دىيارى يىللاردىن بۇيان خىتايدا ھەممىگە تونۇشلۇق شەكىلدە «ناخشا-ئۇسسۇل ماكانى» دەپ تەرىپلىنىپ كەلمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئۇسسۇل مەدەنىيىتىنى قايسى دەرىجىدە قوغداپ كەلگەنلىكىنى ب د ت نىڭ مائارىپ ۋە پەن-مەدەنىيەت كومىتېتىغا «ئۇيغۇر مەشرىپى» نى «ئىنسانىيەتنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكى» گە كىرگۈزۈش ئىلتىماسى سۇنغانلىقى ئارقىلىق ئىپادىلەپ كەلمەكتە. ھالبۇكى، ئۇيغۇرلار رايونىدا بولسا كەڭ ئۇيغۇر ئاممىسى مەھەللىمۇ-مەھەللە ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ئۇسسۇلىنى ئەمەس، بەلكى خىتاي مۇزىكىسى ئاساس قىلىنغان مېخانىك شەكىلدىكى «كىچىك ئالما ئۇسسۇلى» ئويناشقا سەپەرۋەر قىلىنماقتا. بۇ بولسا ئۆز نۆۋىتىدە دائىرىلەرنىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» پائالىيىتىدە بىر مۇھىم تەشۋىقات ئۆلچىمى بولۇپ ئورۇن تۇتماقتا. ئاۋسترالىيەدىكى سېدنىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ لېكتورى دېيۋىد بروفېي بۇ نۇقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلغان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىرى.

ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى يېقىنقى بىرنەچچە يىلدا ئىزچىل ھالدا «كىچىك ئالما ئۇسسۇلى» نامىدا زور كۆلەملىك ئۇسسۇل مۇسابىقىلىرى ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭغا مەجبۇرىي شەكىلدە قاتناشتۇرۇلغان دۆلەت خىزمەتچىلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلاردىن باشقا ئالاھىدە كۆزگە تاشلىنىدىغىنى دىنىي زاتلار بولغان ئۇيغۇر ئىماملارنىڭ سەھنىلەردە ئۇسسۇلغا سېلىنىشى ئىكەن. ئۇچتۇرپان ناھىيىسىدە تەشكىللەنگەن بۇ پائالىيەتنى ھازىر ھەرقايسى يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئارقا-ئارقىدىن تەقلىد قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. دېيۋىدنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى ئۇسسۇلىدىكى دىن بىلەن مەدەنىيەتنىڭ بىرلىشىپ كېتىش ھادىسىسى خىتايلارنى ھەممىدىن بەك بىئارام قىلغان ھەمدە مۇشۇ سەۋەبتىن «كىچىك ئالما ئۇسسۇلى» نى ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى ئۇسسۇلىنىڭ ئورنىغا دەسسەتمەكچى بولغان.

بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان ئۇيغۇر مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى دوكتور قاھار بارات خىتاي ھاكىمىيىتى ئۆزلىرى پەيدا قىلغان سىياسىي كرىزىسنى يوشۇرۇش ئۈچۈن بۇ ھادىسىلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

دېيۋىدنىڭ قارىشىچە، 2014-يىلى تارقىتىلغان «كىچىك ئالما » ناخشىسى ئەسلىدە خىتايدا كىشىلەرنىڭ غايەت زور دەرىجىدە ئالقىشىغا ئېرىشكەن ئاممىباب مۇزىكا ئىجادىيىتى. ئەمما ئۇيغۇرلار رايونىدا مەزكۇر ناخشا «ۋەتەنپەرۋەرلىك» تېكىستى ئاساسىدا قايتىدىن تەرجىمە قىلىنىپ، خىتاي دۆلىتىنىڭ سىياسىي مەقسىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇلماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلار رايونىدا ئاممىۋى ئۇسسۇل پائالىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇشقا كۈچەپ كېتىشىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە دېيۋىد بۇنىڭ ئۇيغۇرلار جەمئىيىتىدە مۇھىم تېما بولۇپ قېلىۋاتقان دىنىي ئېتىقاد ھادىسىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. خىتاي دائىرىلىرى «دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش» نامىدا تەشۋىق قىلىۋاتقان پائالىيەتلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد جەھەتتىكى «ئەسەبىيلىكى» نىڭ بىر ئىپادىسى سۈپىتىدە بىر قىسىم ئۇيغۇر ئاممىسىنىڭ ناخشا ۋە ئۇسسۇلدىن ئۆزىنى تارتىشىنى مىسال كەلتۈرىدۇ.

قاھار بارات ئەپەندى بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، كومپارتىيىنىڭ دىننى چۈشەنمەسلىكى سەۋەبلىك مۇشۇنداق بىر ئەخمىقانە قارارنى ئالغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ھازىر خىتاي ھاكىمىيىتى كىشىلەرنى ئۇسسۇل ئويناشقا ئىلھاملاندۇرۇش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ «دىنىي ئەسەبىيلىك» ئىدىيىسىنى يوقاتماقچى بولغان. ئەمما بۇ ئۇسسۇل ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئۇسسۇلىنى ئەمەس، بەلكى «كىچىك ئالما» مۇزىكىسى ئاساسىدىكى خىتايچە ئۇسسۇلنى ئاساس قىلغان. تېخىمۇ كۈلكىلىك بولغىنى دىنىي زاتلارنىڭ مۇشۇنداق بىمەنە ئۇسسۇل ئويناشقا زورلىنىشى ئىكەن. قاھار بارات ئەپەندى بۇ خىلدىكى دىنىي زاتلارنى ئۇسسۇلغا سېلىشتەك قىلمىشلارنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىلىق بولۇش ئەمەس، ئەكسىچە تەتۈرىسىگە خەلقنىڭ ھاكىمىيەتكە بولغان نەپرىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ھازىر ئۇيغۇر تورداشلار ئارىسىدا كەڭ تارقالغان بىر قىسىم خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرچە ناخشا ئېيتىپ ئۇيغۇرچە ئۇسسۇللارنى ئويناۋاتقانلىقى ھەققىدىكى قىسقا فىلىملارنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئۈلگىلىك ئىشلار سۈپىتىدە داۋراڭ قىلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە سورىغىنىمىزدا، دېيۋىد بۇنىڭ ھەيران قالىدىغان ئىش ئەمەسلىكىنى، بۇنىڭدىكى مۇھىم مەسىلە ئۇنىڭغا قانداق مۇئامىلە قىلىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئالاقىدار ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر «كىچىك ئالما ئۇسسۇلى» ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ ھەرقايسى يېزا-قىشلاقلىرىغا شىددەت بىلەن كېڭىيىۋاتقان بولۇپ، بۇ يىلقى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى يىلى» تەشۋىقاتىدا ئۇنىڭ سالمىقىنىڭ ئېشىپ بارىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.