«مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېكايە پائالىيىتى» مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسىنى قوزغىدى

0:00 / 0:00

25-ئىيۇل چارشەنبە كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت تورىدا «‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېكايە پائالىيىتى› بۇلاقتاغ رايونىغا كىردى، بۇلاقتاغدىكى كىچىك ئىشلار مىللەتلەر ئىناقلىقىنى ئىسپاتلىدى» سەرلەۋھىلىك خەۋەر بېسىلدى.

مەزكۇر خەۋەردە ئۈرۈمچى بۇلاقتاغ رايونى، يەنى خىتايچە شۈيموگۇ رايونىدىكى 6 نەپەر ئاتالمىش «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نەمۇنىسى» ئۆزلىرىنىڭ «قوشماق تۇغقانلىرى» بىلەن بولغان «ئىناق تۇغقاندارچىلىق» مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى «تەسىرلىك ھېكايىلەر» نى بايان قىلغانلىقى مەدھىيەلەنگەن.

خەۋەردە ئۈرۈمچى شەھەرلىك رادىئو ئىستانسىسىنىڭ خىتاي دىكتورى لىن لى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولغان «قوشماق تۇغقان ئىنىسى» ئابلەتنىڭ ئۆيىنىڭ ئاچقۇچىدىن بىر نۇسخىنى ئۆزىگە كۆپەيتىپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئابلەتنىڭ ئۇنىڭغا «بىز تۇغقانلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرى بولغان ئىكەنمىز، ئەلۋەتتە مېنىڭ ئۆيۈم سىزنىڭ ئۆيىڭىز» دىگەنلىكى، 8 ياشلىق نۇتۇق سۆزلىگۈچى جى شۇۋەنننىڭ ئاپىسى ئاغرىپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغاندا ئۇنىڭ بىر سىنىپتا ئوقۇيدىغان قازاق پارتىدىشى ئۇلاشنىڭ ئاپىسىنىڭ ئۇنىڭغا ئۆز بالىسىدەك قارىغانلىقى قاتارلىق ھېكايىلەرنى ئۆزلىرىنىڭ «ئىناق تۇغقاندارچىلىق تەسىراتلىرى» قىلىپ سۆزلەنگەنلىكى نەقىل قىلىپ ئېلىنغان.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، يېقىندىن بۇيان خىتاي تاراتقۇلىرىدا ئاتالمىش «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» مەدھىيەلىنىدىغان بۇ خىل تەشۋىقات خەۋەرلىرى بارغانچە كۆپەيمەكتە ئىكەن. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي تاراتقۇلىرىدا «ئۇيغۇر دىيارىدا ۋەزىيەت مۇقىم، مىللەتلەر ئىناق ياشاۋاتقانلىقى» تەشۋىق قىلىنسىمۇ، بۇ خىل خەۋەرلەرنىڭ كۆپىيىشى ئەمەلىيەتتە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بارغانچە كەسكىنلىشىۋاتقان ئۇيغۇر ۋەزىيىتىدىكى ئەندىشىسىنى ئىپادىلەيدىكەن.

ئېلشات ھەسەن ئەپەندى يەنە مەزكۇر پائالىيەتتىكى ئاتالمىش «قوشماق تۇغقانلار» بايان قىلغان تەپسىلاتلار ھەققىدە توختىلىپ، ئۇيغۇر دىيارىدا تەشۋىق قىلىنىۋاتقان خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر ۋە قازاق ئائىلىلىرىگىچە كىرىپ «تۇغقاندارچىلىق يەتكۈزۈش» ھەرىكىتىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق مىللەتلەرگە بولغان نازارەت ۋە تەقىب قىلىشنىڭ يەنە بىر ئۇسۇلى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

چەتئەلگە چىقىشتىن ئىلگىرى ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچىدە ياشىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بىر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۈرۈمچىنىڭ كان رايونى بولغان تىكقۇدۇق مەھەللىسى ئۇيغۇرلار مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان رايونلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ بالىلىق دەۋرىنى ئۆتكۈزگەن تىكقۇدۇق مەھەللىسى تاكى2000-يىللارغا قەدەر ئۇيغۇرلار مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان رايون بولغان ئىكەن. مەزكۇر رايوندا ئىلگىرى ئولتۇراقلاشقان خىتايلار ئىنتايىن ئاز بولۇپ، ئۇنىڭ بالىلىقى مەزكۇر رايوندىكى قويۇق ئۇيغۇر مۇھىتى ئىچىدە ئۇيغۇر خوشنىلىرىنىڭ بالىلىرى بىلەن كۆڭۈللۈك ئۆتكەن ئىكەن.

بۇ خانىم بايانىدا يەنە 2009-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئەسلىدىكى كان قۇدۇقلىرىنى تاقاش، شەھەر قۇرۇلۇشى نامىدا پىلانلىق ھالدا كونا كۆمۈر كان رايوندىكى ئۇيغۇرلارنى كۆچۈرۈش، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىدىن كېلىپ ئۈرۈمچىدە تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى «نوپۇسى يوق» دېگەن باھانىدە قوغلاش، ئىلگىرىكى ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنى چېقىپ يېڭىدىن خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى تارقاقلاشتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ خانىم يەنە ئۆزى چەتئەلگە چىققاندىن كېيىن ئۈرۈمچىدىكى دوستلىرىدىن ئاڭلىغان ئەھۋاللارنى بايان قىلىپ، 2016-يىلدىن كېيىن ۋەزىيەت تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تۈركۈم-تۈركۈملەپ تۇتقۇن قىلىنىپ ئاتالمىش «تەربىيىلەش مەركەزلىرى» گە ئېلىپ كېتىلگەنلىكى، شۇ قاتاردا ئۆزىنىڭ ۋەتەندە قالغان تۇغقانلىرىنىڭمۇ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئاڭلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىلگىرى ئۈرۈمچىنىڭ بۇلاقتاغ رايونىدا بىر مەزگىل ياشىغانلىقى ئۈچۈن مەزكۇر رايوننىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن يەنە بىر خانىم، ئۇيغۇرلار مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقىنى ئۈچۈن ئۇيغۇر ئۆرۈپ-ئادىتى ۋە دىنىي مۇھىتى قويۇق بولغان بۇلاقتاغ، يامالىق تېغى قاتارلىق رايونلاردا ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇرلارنىڭ زور كۆپ قىسمىنىڭ 2014-يىلىدىن باشلاپلا قاتتىق نازارەت ئاستىغا ئېلىنىپ، 2016-يىلدىن كېيىن ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ تۇتقۇن قىلىنغان رايونغا ئايلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ باشقىلاردىن دىنىي ئېتىقادى كۈچلۈك بولغان ھەدىسى ۋە مەھەللە مەسچىتىگە قارايدىغان قېيىن ئاكىسىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى ئاڭلىغان ئىكەن.

ئۇ ئۈرۈمچىنىڭ ئۇيغۇرلار مەركەزلىشىپ ئولتۇرغان رايونلىرىدا ياشاۋاتقان ئاھالىلەرنىڭ خىتاي تەشۋىقاتىدىكىدەك «مىللەتلەر ئىناق ۋەزىيەتتە ئەمەس بەلكى ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت كەسكىنلەشكەن، بىر بىرىدىن ئەنسىرەش ۋە قورقۇش ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقى» نى تەسەۋۋۇر قىلىش مۈمكىنلىكىنى تەكىتلىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندىمۇ ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە ئۆز قارىشىنى بىلدۈرۈپ، خىتاي خەۋەرلىرىدە يېقىندىن بۇيان خىتاي دائىرىلىرىنىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى كۆپەيتكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

ئۇ بايانىدا دائىرىلەرنىڭ نۆۋەتتە بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى ئاتالمىش «تەربىيىلەش مەركەزلىرى» نامىدىكى جازا لاگېرلىرىغا سولاپ، ئۇيغۇر سەرخىللىرىغا ھەر خىل سىياسىي جىنايەتلەرنى ئارتىپ تۈرمىلەرگە قاماۋاتقانلىقىنى، تۈرمە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك پائالىيەتلىرىنىڭ قاتمۇ-قات نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.