0:00 / 0:00
يېقىندا ئالماتا شەھىرىنىڭ زاريا ۋوستوكا مەھەللىسىدە ئۆتكەن ئىپتار زىياپىتىگە قاتناشقان ئانىلار، خانىم-قىزلار تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاكتىپلىرى ئانا تىل، مىللىي ئۆرپ-ئادەت، مىللەتپەرۋەرلىك روھ، ۋەتەن، مۇستەقىللىق، ئەركىنلىك ھەققىدىكى ئوي-پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆز-ئارا ئورتاقلاشتى.
ئۇلار ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ پائالىيەتكە شۇنداقلا سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى، دۇنيا ئۇيغۇر ئاياللار بىرلىكىنىڭ رەئىسى رىسالەت ئارىپوۋا ۋە خانىم-قىزلار تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ئىشتىراك قىلدى.
زىياپەت قاتناشقۇچىلىرى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.