دوكلات: خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا سىستېمىلاشقان كەمسىتىش سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتىدۇ

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى پەيشەنبە كۈنى دۇنيادىكى يۈز نەچچە دۆلەتنىڭ 2012‏-يىلدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلدى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2013-01-31
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
خىتايدا ياسىمەن ئىنقىلابىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كوچىلاردا چارلاپ يۈرگەن ساقچىلار. 2011-يىلى 27-فېۋرال. بېيجىڭ.
خىتايدا ياسىمەن ئىنقىلابىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كوچىلاردا چارلاپ يۈرگەن ساقچىلار. 2011-يىلى 27-فېۋرال. بېيجىڭ.
AFP

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، كېيىنكى 10 يىلدا خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ۋە شەھەرلىشىش تەرەققىياتى مۇقىم قەدەم بىلەن راۋاجلانغان بولسىمۇ، بىراق كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىدا چوڭ ئۆزگىرىش بولمىغان. ئىجتىمائىي تۇراقسىزلىق كۈچىيىپ، تىبەت، ئۇيغۇر ئېلى قاتارلىق جايلاردا زور كۆلەملىك مىللىي توقۇنۇش پارتلىغان. خىتاي ھۆكۈمىتى بىخەتەرلىك ئاپپاراتلىرىنى كۈچەيتىپ، ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇللارغا باستۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزگەن.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى دوكلاتىدا خىتاينىڭ 2012 ‏-يىلدىكى ئومۇمىي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى، ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە توختىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر پارتىيە ئىستىبداتلىقىدىكى ھاكىمىيەت سىستېمىسى ئارقىلىق پىكىر قىلىش، يىغىلىش، دىنىي ئەركىنلىكنى چەكلىگەنلىكى، مۇستەقىل ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى مەنئى قىلىپ، پۈتكۈل قانۇن ئورگانلىرىنى داۋاملىق كونترول قىلىپ تۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ھۆكۈمەتنىڭ يەنە، ئاخبارات، تور ۋە نەشرىيات ساھەسىگە چەكلىمە قويۇپ، تىبەت، ئۇيغۇر ئىلى ۋە ئىچكى موڭغۇل قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدا قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزۈپ كەلگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

دوكلاتتا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىپ: «ھۆكۈمەت تېررورلۇق ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇر ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتا كەڭ سىستېمىلاشقان مىللىي كەمسىتىش سىياسىتى يۈرگۈزدى. دىنىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتلەردە ئۆزىنى ئىپادىلەش كەسكىن توسقۇنلۇققا ئۇچرىدى. سىياسىي غەرەزلىك قولغا ئېلىش ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت ھادىسە بولۇپ قالدى» دەپ كۆرسەتكەن.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى كېننىس روسنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتايدا بەزى ئىجابىي ئالامەتلەر كۆرۈلۈشكە باشلىغان بولسىمۇ، بىراق ئۇيغۇر، تىبەت ۋە سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ ئەھۋالى ئۆزگەرمىگەن.

ئۇ پەيشەنبە كۈنى دوكلات ئېلان قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن چاقىرىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: بۇ جەھەتتىكى ئىجابىي سىگنالنىڭ بىرى يېقىندا ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تۈزۈمىنىڭ بىكار قىلىنىدىغانلىقىدىن جىددىي بېشارەت بېرىلىشىدۇر. ساقچى كىشىلەرنى سوتنىڭ رۇخسىتىسىز تۇتۇپ تۇرالايدىغان بۇ خىل تۈزۈم راست بىكار قىلىنسا، بۇ زور ئىجابىي قەدەم بولۇپ قالىدۇ. بىراق، بىز بۇنى داۋاملىق كۆزىتىمىز. يەنە بىر ئىجابىي تەرەققىيات ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىنىڭ بىر سىياسىي كۈچكە ئايلىنىشىدۇر. خىتايدا 400 مىليون تور قوللانغۇچى بار. ئۇنىڭ تەسىرىدە ھۆكۈمەت خەلقنىڭ تەلەپلىرىگە ئىنكاس قايتۇرۇشقا باشلىدى. ئۆتكەن ھەپتە بېيجىڭنىڭ ھاۋا بۇلغىنىشىنى ئاشكارا مۇنازىرە قىلىشقا يول قويۇلدى. بۇ ئىلگىرى بولۇپ باقمىغان ئەھۋال. بۇنىڭدىن بۇرۇن «جەنۇب ھەپتىلىك خەۋەرلەر گېزىتى» ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ھۆكۈمەت قىسمەن يول قويغان. يەنە تېز سۈرئەتلىك پويىزنىڭ سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسى، ھامىلىدار ئايالنىڭ 8 ئايلىق بالىسىنى چۈشۈرۈشكە مەجبۇرلىنىش ۋەقەلىرىنىڭ غۇلغۇلا قوزغاپ، ھۆكۈمەتنىڭ پوزىتسىيىسىنى ئۆزگەرتىشى ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىنىڭ كۈچى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ھۆكۈمەت ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىنى قاتتىق كونترول قىلسىمۇ، بىراق يۇقىرىقى ھادىسىلەر كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ. بىراق، بەزى ئەنئەنىۋى ئېغىر مەسىلىلەر يەنىلا ئەينەن مەۋجۇت. تىبەتلەرنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى ئالساق يېقىندىن بۇيان 100 گە يېقىن تىبەت ئۆزىنى كۆيدۈردى. شىنجاڭدا ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن مەۋجۇت مەسىلىلەردە ئۆزگىرىش بولمىدى. ليۇ شياۋبو داۋاملىق تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتىدۇ.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە ئېتنىك قۇتۇپلىشىش ئېغىرلاشقان. ئۇيغۇر ئاھالىلىرىدىكى ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت ئەندىشە تۇيغۇسى بۇ خىل ئېتنىك قۇتۇپلىشىشنى ئىلگىرىلەپ كۈچەيتكەن. ھەممە يەرنى مەخپىي ساقچىلارنىڭ قاپلاپ كېتىشى، ئىز-دېرەكسىز غايىب بولۇپ كېتىشلەر ۋە قانۇننى سىياسىيلاشتۇرۇشنىڭ چېكىدىن ئېشىپ كېتىشىدەك ئامىللار بۇ خىل ئۈمىدسىز مۇھىتنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، 2009 ‏-يىلى يۈز بەرگەن ئۈرۈمچى«5-ئىيۇل ۋەقەسى» ئېتنىك قۇتۇپلىشىشنىڭ كۈچىيىشىدە مۇھىم رول ئوينىغان.

دوكلاتتا، «5‏-ئىيۇل ۋەقەسى» دە قولغا ئېلىنغان ۋە ئىز دېرەكسىز غايىب بولغانلار ھەققىدە توختىلىپ: ھۆكۈمەت قالايمىقانچىلىقتىن كېيىن قولغا ئېلىنغان يۈزلەرچە كىشىنىڭ ھېسابىنى بەرمىدى. تۇتقۇنلارنىڭ خورلانغانلىق ۋە تەن جازاسىغا ئۇچرىغانلىق قىلمىشىنى تەكشۈرمىدى. ۋەقەدە ئۆلگەنلەرنىڭ كۆپ قىسمى خىتايلار، دەپ ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن ۋەقەدە ئۆلگەن قولغا ئېلىنغانلارنىڭ ھەقىقىي سانى ۋە ئۆلگەنلەرنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلمىدى» دەپ كۆرسەتكەن.

خىتاي ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئىزچىل كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان بولۇپ، دىئالوگ كۆپ ھاللاردا يېپىق ئۆتكۈزۈپ كەلگەن. كېننىس رۇس پەيشەنبە كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقى -خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىنى تەنقىد قىلدى.

ئۇ: بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بەزى سىياسەتلىرىدىن ئۈمىدسىزلەندۇق. خىتاينى ئالساق ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايغا سۈرەنسىز دىپلوماتىيە ئۇسۇلىنى يولغا قويۇۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تىپىك مىسالى بولالمايدۇ. ئۇلار داۋاملىق بۇ خىل سۈرەنسىز دىئالوگنى قانات يايدۇرۇپ كەلدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىل دىئالوگ شەكلىنى ياخشى كۆرەتتى. چۈنكى ھېچكىم ئۇنىڭ مەزمۇنىدىن خەۋەردار بولالمايتتى. خىتاي خەلقى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ سۆھبەتتە نېمىلەردىن دېگەنلىكىنى بىلمەيتتى. بۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىياتىنى ئالغا سۈرۈش مەسىلىسىدە جىددىي ئەمەسلىكىنىڭ ئىپادىسىدۇر. ئەگەر ئۇلارنىڭ ھەقىقەتەن بىر نەرسىنى ئۆزگەرتىش نىيىتى بولسا، ئۇ ھالدا خىتاي خەلقىگە ئاشكارا خىتاب قىلىش كېرەك. چۈنكى خىتاي خەلقى ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىدىغان ئاساسلىق ئامىل، دېدى.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى دوكلاتىدا يەنە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنى چېقىپ، پۇقرالارنى مەجبۇرى كۆچۈرۈش سىياسىتىنى تەنقىد قىلغان.

دوكلاتتا ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاينىڭ 2010‏-يىلى يولغا قويغان ئومۇميۈزلۈك تەرەققىيات سىياسىتىنىڭ ئەڭ كۆرۈنەرلىك تەرىپى ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي پەرقنى ئازايتىپ، ئېتنىك گۇرۇھلارنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، بۇ ئارقىلىق بۆلگۈنچىلىك خاھىشىنى يوقىتىش بولسىمۇ، بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى مەھەللىلىرىنى چېقىپ، ئاھالىلەرنى باشقا جايغا كۆچۈرۈش ۋە مەجبۇرىي تارقاقلاشتۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزگەن. بۇ سىياسەت بىلەن تەڭ شىنجاڭدىكى كۆچمەن چارۋىچىلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت