خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدا ئۇدا 33 يىل ئېلىپ بارغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئېيى سىياسىي تەربىيە پائالىيىتىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، بۇ يىلنى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى يىلى» قىلىپ بېكىتكەن ئىدى. نۆۋەتتە خىتاي «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش تەرەققىيات ۋە مۇقىملىق، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم تەدبىر» دەپ تەشۋىق قىلماقتا. دەل مۇشۇ پەيتتە خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مېھمانخانىدا ياتاق ئېلىشىنىڭ ئىلگىرىكىدەكلا چەكلىنىۋاتقانلىقىغا دائىر بىر كۆرۈنۈش ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقىلىپ كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى، پىكىر قاتقۇچىلار بۇنى ئۇيغۇرلارنى كەمسىتىش ۋە چەتكە قېقىشنىڭ خىتايدا ئومۇمىيلىققا ئايلانغانلىقىنىڭ ئىسپاتى دەپ مۇلاھىزە قىلماقتا.
مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى شوئارى «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيىسى، «بەشنى تونۇش» ھەممە ئۇيغۇرغا ئۇزۇن يىلدىن بۇيان تونۇشلۇق، خىتاي بۇ خىل تەشۋىقاتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ ئۇيغۇر رايونىدا ئەمدى بۇ بىر يىلنىمۇ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتى يىلى» قىلىپ بېكىتتى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 28-مارت مەخسۇس يىغىن ئېچىپ جايلار، تارماقلار، ئورۇنلارنىڭ بۇنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى قويۇق كەيپىياتىنى يارىتىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدى. خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ 2014-يىلى ئۇيغۇر ئېلىغا كېلىپ، ئاپتونوم رايون دائىرىلىرىنىڭ خىزمەتلىرىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە: «شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ ئاممىۋى خىزمەت مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دىنلار ئىناقلىقى» دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.
ھالبۇكى، مۇلاھىزىچىلەرنىڭ قارىشىچە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت سۈنئىي كەيپىياتنىڭ خىتايدا پەقەت ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىلەنلا چەكلىنىۋاتقانلىقى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىقاتىغا خىلاپ ئەھۋاللارنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردە داۋاملىشىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.
يېقىندا بەزى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا خىتاينىڭ مەلۇم بىر ئىچكىرى ئۆلكىسىدىكى مەلۇم مېھمانخانىدا ياتاق ئاچالمىغانلىقىدىن نارازى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ يانفوندا تارتقان كۆۈرۈنۈشلىرى بۇ نۇقتىنى تېخىمۇ يورۇتۇپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان.
تاراتقۇلاردا مۇنازىرە قوزغىغان بۇ كۆرۈنۈشتە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكىرى خىتايدىكى مەلۇم بىر شەھەردىكى شىاڭيۇن مېھمانخانىسىدا ياتاق ئاچماقچى بولۇپ كىملىكىنى كۆرسىتىشى بىلەنلا رەت قىلىشقا ئۇچرايدۇ. دەسلەپ بىكار ئۆي بار دېگەن ئايال كۈتكۈچى بۇ مېھمانلارنىڭ ئۇيغۇرلۇقىنى بىلىپلا «ياتاق تۈگەپتۇ» دەپ يولغا سالماقچى بولىدۇ، ئاشكارا كەمسىتىشكە ئۇچراۋاتقانلىقىنى سەزگەن ئۇيغۇرلار قايىل بولمايدۇ ۋە «خەنزۇلار شىنجاڭغا كەلسە ئاش، تامىقى، ياتىدىغان يېرى، ئۆيى ھەممىە نېمىسىنى بېرىۋاتىمىز، بىزگە نېمىشقا ياتاق بەرمەيسىلەر» دەپ نارازىلىق بىلدۈرىدۇ.
مېھمانخانىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى بولسا كېرەك يەنە بىر خىتاي ئەر «شىنجاڭلىق» لارغا ياتاق بەرمەسلىك توغرىلىق ج خ تارماقلىرىنىڭ بەلگىلىمىسى بارلىقىنى، شۇڭا ياتاق ئېچىپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئاشكارا ئېيتىدۇ ۋە ئۇيغۇرلارنى قايىل قىلىش ئۈچۈن مېھمانخانىنىڭ دىرېكتورى بىلەن تېلېفونلىشىپ «ئۇلار شىنجاڭلىقكەن، ئۇيغۇر مىللىتىدىن ئىكەن، ياتاق بېرىلمەيدۇ دېسەم ئۇنىماي تۇرۇۋالدى، قانداق قىلىمەن؟» دەپ سورايدۇ ۋە بىر دەم تۇرغاندىن كېيىن يەنە دوكلات قىلىپ «مەن ئۇقتۇرۇش بار، بىزنىڭمۇ ئامالىمىز يوق» دەپ چۈشەندۈردۈم، ئەمما ئۇلار ئۇنىماي تۇرۇۋالدى دەپ قايتىلايدۇ.
ئۇ، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق كەيپىياتىنى بېسىش ئۈچۈن چۈشەندۈرۈپ باقىدۇ ۋە بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ «ئاۋۋال بىزگە ياتاق ئېچىپ بەر، يول قويمايدىغانلار كەلگەندە ئۆزىمىز چۈشەندۈرەيلى» دېگىنىگە قارىماي بەرىبىر ياتاق ئېچىپ بېرىشكە ئۇنىمايدۇ....
ئەمەلىيەتتە بۇ خىل «شىنجاڭلىق» يەنى ئۇيغۇرلارغا ياتاق بەرمەسلىكتەك، ئۇيغۇرلارنى ئادەتتىكى ئاممىۋى مۇلازىمەتلەردىن مەھرۇم قالدۇرۇش، كەمسىتىش ئەھۋاللىرى ئۇزۇندىن بۇيان خىتاينىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئوخشاشلا داۋام قىلىپ كەلگەنلىكى ئىلگىرىمۇ ئىنكاس قىلىنغان ئىدى.
ئىستانسىمىزنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىنكاسلىرىغا ئاساسەن، ئىلگىرى خىتاينىڭ جېنجۇ ۋە گۇاڭجۇ شەھىرىدىكى مېھمانخانىلارغا قاراتقان تېلېفون زىيارەتلىرىدە مېھمانخانا كۈتكۈچىلىرىدىن «شىنجاڭ كىملىكى بارلار يېتىشقا بولمايدۇ، قوبۇل قىلالمايمىز. خىتاي بولسا بولۇۋېرىدۇ. لېكىن خىتاي بولمىغان باشقا ئاز سانلىق مىللەت بولسا قوبۇل قىلىنمايدۇ» دېگەنگە ئوخشاش جاۋابلارغا ئېرىشكەن ئىدۇق. ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، «شىنجاڭلىقلارنى قوبۇل قىلماسلىق»تىن ئىبارەت بۇ خىل بەلگىلىمە 2008-يىلىدىكى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىدىن تارتىپ ئومۇميۈزلۈك ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم شۇنداقلا دائىرىلەر، ھەر قېتىم ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ياكى ئىچكىرى خىتايدا ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ۋەقەلىرى يۈز بەرگەن ھامان ۋە ياكى خىتاينىڭ چوڭ يىغىن ياكى سىياسىي سەزگۈر پەيتلىرىنى باھانە قىلىپمۇ بۇ خىل ئۇقتۇرۇش چىقىرىشنى داۋام قىلماقتا.
چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەر بولسا، ئىچكىرى خىتاي شەھەرلىرىدە ئۇيغۇرلارغا ياتاق ئېچىپ بەرمەسلىكتەك بىر ئاددىي، ئەمما دائىم ئۇچرايدىغان ۋەقەلىك ئۇيغۇرلار خىتايدا ئۇچراۋاتقان كەمسىتىشنىڭ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۆزىنىڭ پۇقراسى دەپ تونۇمىغانلىقىنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئەقەللىي ھوقۇق مەنپەئەتلىرىنىڭمۇ دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنىڭ يېتەرلىك ئىسپاتى دەپ تەنقىد قىلماقتا.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى، ئامېرىكىدا ياشايدىغان نۇرمەمەت مۇساباي ئەپەندى بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تېگى-تېگىدىن بۇزۇۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزى» دەپ تەنقىد قىلدى، نۇرمەمەت ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، «خىتاي ھۆكۈمىتى كەمسىتىش خاراكتېرلىك سىياسەتلىرى ئارقىلىق خىتايلارغا چوڭ خىتايچىلىق تەرغىباتىنى كۈچەيتىپ نەدىلا بولسا ئۇيغۇرلارنى بېسىۋاتىدۇ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى شوئارىنى ئۇيغۇر ئېلىدىلا ئۇيغۇرلارغىلا ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ، شۇنداقلا بۇنى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈنلا قىلىۋاتىدۇ. خىتاي ئۆلكىلىرىدە بولسا، ئۇيغۇرلارنى كەمسىتىش داۋام ئېتىۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئاغزىدا تەشۋىق قىلىشنىڭ ئورنىغا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقان، كەمسىتىۋاتقانلارنى قانۇنى جاۋابكارلىققا تارتىشى كېرەك، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قۇرۇق شوئار بىلەن ئىشقا ئاشۇرالمايدۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئالدى بىلەن خاتا سىياسەتلىرىنى تۈزىتىپ، ئەمەلىي تەدبىرلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى كەمسىتىشنى توختىتىشى، باراۋەر مۇئامىلە قىلىشى، قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئەتىنىڭ قوغدىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىتايدا ھېچقاچان ئىشقا ئاشمايدۇ».