ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان مىللىي مەدەنىيەت كۈنلىرى پائالىيەتلىرى، زەيتىنبۇرنۇ شەھەر باشلىقى مۇرات ئايدىننىڭ ئېچىلىش نۇتقى بىلەن باشلاندى.
بۇ پائالىيەت تۈركىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىن زەيتىنبۇرنۇغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقان ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ مىللىي مەدەنىيەتلىرىنى تونۇشتۇرۇش، ئۆز-ئارا تونۇشۇش، ئارىلىشىپ مۇناسىۋەت قۇرۇپ ئۆتۈشى مەقسىتىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان.
9 كۈن داۋام قىلىدىغان بۇ پائالىيەت 10-ئاينىڭ 1-كۈنى باشلانغان بولۇپ، ھەر كۈنى كەچ تەرەپتە، ناخشا ئېيتىش، ئۇسۇل ئويناش، شېئىر ئوقۇش، نۇتۇق سۆزلەش قاتارلىق پائالىيەتلەر بىلەن داۋام قىلىۋاتىدۇ.
بۇ پائالىيەتتە تۈركىيە ۋە تۈرك دۇنياسى ئۈچۈن پائالىيەت قىلىدىغان زەيتىنبۇرنۇدىكى 24 ئىجتىمائىي جەمئىيەت كۆرگەزمە ئاچقان بولۇپ، كۆرگەزمىدە ھەر قايسى مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيەت، ئۆرپ-ئادەتلىرى، يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك، چالغۇ ئەسۋابلىرىنى تونۇشتۇرۇپ كەلمەكتە.
بۇ پائالىيەتكە ئۇيغۇر دىيارىدىن كېلىپ زەيتىنبۇرنۇدا ئولتۇراقلاشقان قازاقلار قاتنىشىپ كۆرگەزمە ئاچتى. مەركىزى زەيتىنبۇرنۇغا جايلاشقان قازاق تۈركلىرى تەلىم-تەربىيە ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، قازاق تۈركلىرى ۋەخپى قاتارلىق جەمئىيەتلەر ئايرىم-ئايرىم كۆرگەزمە ئېچىپ قازاقلارنىڭ مەدەنىيەت، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى تونۇشتۇردى.
پائالىيەتتە زەيتىنبۇرنۇ شەھەر باشلىقى مۇرات ئايدىن سۆز قىلىپ، بۇ پائالىيەتتە 24 جەمئىيەتنىڭ 9 كۈن بويىچە پائالىيەت كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇرات ئايدىن مۇنداق دېدى: «بۇ پائالىيەتنىڭ تۇنجى كۈنى تۈرك دۇنياسىدىن، شەرقىي تۈركىستاندىن، ئاتا يۇرتىمىزدىن نەچچە يىللار ئىلگىرى كېلىپ زەيتىنبۇرنۇدا ئولتۇراقلاشقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ جەمئىيەتلىرى بۇ يەردە پائالىيەت كۆرسىتىدۇ. مەن بۇ يەردە 9 كۈن بويىچە بىزلەر بىلەن بىرلىكتە بولىدىغان زەيتىنبۇرنۇ خەلقىگە ۋە 24 ئاممىۋى تەشكىلاتقا تەشەككۈر ئېيتىمەن.»
زەيتىنبۇرنۇ مەدەنىيەت كۈنلىرى پائالىيىتى مۇناسىۋىتى بىلەن بىر قانچە پارچە ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەنگەن بولۇپ، بۇنىڭ بىر بۆلۈمى مەخسۇس ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، جۇغراپىيىسى، مەدەنىيەت، ئۆرپ-ئادەتلىرى ۋە ھازىرقى ئەھۋالىنى تەسۋىرلىگەن.
بۇ ھۆججەتلىك فىلىمدا مۇرات ئايدىن بىلەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخاننىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى پىكىر-قاراشلىرىغىمۇ يەر بېرىلگەن.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ پائالىيەتكە ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، زەيتىنبۇرنۇ شەھەرلىك ھۆكۈمەت مەدەنىيەت پائالىيەت مۇدىرىغا ئىلتىماس سۇنغان بولسىمۇ، بۇ يىل كېچىكىپ قالغانلىقى سەۋەبىدىن قاتنىشالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە كېلەر يىلى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مەخسۇس ئورۇن ئاجرىتىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.
بىز بۇ پائالىيەتلەر توغرىسىدا پىكىر-قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن پائالىيەتتە كۆرگەزمە ئاچقان قازاق تۈركلىرى تەلىم-تەربىيە ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ پەخرى رەئىسى ياقۇپجان ۋە رەئىسى سەركان دېنچتۈرك بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.