28-ئۆكتەبىر تيەنئەنمېنگە ئاپتوموبىل بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا قارىتا باشقۇرۇشى تېخىمۇ كۈچەيمەكتە ۋە يولسىزلاشماقتا. بۇ ئەھۋال شۇ جايلاردىكى ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي ھۆكۈمەت خادىملىرى ئارىسىدا ھەرخىل سۈركىلىش ۋە توقۇنۇشلارنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. تيەنئەنمېن ھۇجۇمى يۈز بېرىپ بىر ھەپتىدىن كېيىن ئەنخۇيدا، 3 ھەپتىدىن كېيىن گۇاڭجۇدا ئۇيغۇر يايمىچىلار بىلەن خىتاي بازار باشقۇرغۇچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن. ئوخشاش ۋەقە تۈنۈگۈن شېنجېندا يۈز بەرگەن.
رادىئومىز خىتايچە بۆلۈمىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ۋەقە شېنجېن شەھىرىنىڭ شىلى بازىرى پىڭشەن رايونىنىڭ 1-يولى ئۈستىدە يۈز بەرگەن. ۋەقە بازار باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئۇ يەردە كاۋاپدان قويۇپ تىجارەت قىلىۋاتقان بىر ئۇيغۇرنى قوغلىشى بىلەن كېلىپ چىققان. شەھەردىكى ئاھالىلەردىن بىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، بازار باشقۇرغۇچىنىڭ قوپاللىقىغا نارازى بولغان بۇ ئۇيغۇر تىجارەتچى بازار باشقۇرغۇچىغا پىچاق كۆتۈرۈپ ئېتىلغان. خادىملار توپلىشىپ بۇ تىجارەتچىنى ئۇرغان ۋە يارىلاندۇرغان. شۇ ئارىلىقتا بۇ ئۇيغۇر تىجارەتچىنىڭ ئەتراپىدا تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان باشقا دوستلىرى دەرھال توپلانغان.
توپلانغان ئۇيغۇرلار يارىلانغان قېرىندىشىغا يان بېسىپ خادىملار بىلەن تاكاللاشقان ۋە خادىملارنىڭ ئورۇننى بىكارلاش بۇيرۇقىنى رەت قىلغان. ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى گەپ تالىشىش، تارتىشىش-ئىتتىىرىش ۋە ئېتىلىش، ھۇجۇم قىلىشىش بىر مەھەل داۋام قىلىپ قاتناش توسۇلۇپ قالغان. مىڭلارچە كىشى قاتناش قىستاڭچىلىقىغا ئۇچرىغان. ئاھالىلەر ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەنلىكى ھەققىدە مۇخبىرغا ئېنىق ۋە پاكىتلىق مەلۇماتلارنى بەرگەن بولسىمۇ، ۋەقەدە ئېغىر يارىلانغان تەرەپ ۋە سان ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىگەن. ۋەقەنىڭ خاراكتېرى، كېلىپ چىقىش سەۋەبى ۋە ئىپادىلىنىش شەكلىدىن قارىغاندا، تىپىك بىر مىللىيلىككە ئىگە. شۇڭا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى بۇ ھەقتە رادىئومىزدا پىكىر بايان قىلىپ، خىتاينى ئاگاھلاندۇردى.
باياناتچى دىلشات رىشىت 10 نەچچە كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان شاۋگۇەن ۋەقەسى توغرا بىر تەرەپ قىلىنمىغاچقا، بىرقانچە يۈز ۋە بەلكىم بىرقانچە مىڭ كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان 5-ئىيۇل ۋەقەسى كېلىپ چىققانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتتى.
مۇخبىر: تۈنۈگۈن شېنجېندا ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر بىلەن خىتاي بازار باشقۇرغۇچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش بوپتۇ، بۇ ۋەقەدىن قۇرۇلتاينىڭ خەۋىرى بولدىمۇ، بولغان بولسا ئىنكاسى نېمە؟
باياناتچى: خەۋىرىمىز بار، بۇ تۇنجى قېتىم يۈز بېرىۋاتقان ئىشمۇ ئەمەس. ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى ۋە جەريانىدىن قارىغاندا، تىپىك مىللىي ۋە سىياسىي بىر ۋەقە. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ تىرىكچىلىكتىن ئىبارەت بۇ ئەقەللىي ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشى ۋە ئۇلارنى ھاياتىدىن ئۈمىدىسىزلەنگەن ھالدا قارشىلىق كۆرسىتىشكە مەجبۇرلىماسلىقى كېرەك.
دىلشات رىشىت يەنە سۆزىدە، خىتاي دائىرىلىرى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئۇيغۇرلارغا مۇئامىلە قىلىۋاتقاندا، ئۇيغۇر رايونىدا ئاتالمىش ئېچىش ۋە گۈللەندۈرۈشكە قاتنىشىۋاتقان مىليونلارچە خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ قىلمىشلىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىققا چاقىردى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئەگەر خىتاي دائىرىلىرىدە ئەقەللىي بىر ئەخلاق پرىنسىپى بولغان بولسا، يەر ئاستى-يەر ئۈستى بايلىقلىرى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بىرقانچە يۈز ياكى بىرقانچە مىڭ ئەزاسىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدە كاۋاپچىلىق بىلەن كۈن كەچۈرۈشىگە كەڭچىل مۇئامىلە قىلغان، ئۇلارنى يۇقىرى تەلەپلەرنى قويۇش ئارقىلىق، تىرىكچىلىكتىن چەكلىمىگەن بولاتتى.
مۇخبىر: خىتاي تەرەپ بەلكىم بەلگىلەنگەن يەردە تىجارەت قىلىشى كېرەك، بەلگىلەنمىگەن يەردە تىجارەت قىلىشقا دۇنيانىڭ ھېچقانداق يېرىدە يول قويۇلمايدۇ دېيىشى مۇمكىن، بۇ نۇقتىدا سىلەرنىڭ پىكرىڭلار نېمە؟
باياناتچى: ئەگەر كوچىدا يايمىچىلىق قىلىش قانۇنسىزلىق دەپ قارالسا، قانۇنسىزلىقنىڭ ئەڭ چوڭى شەرقى تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ يەر ئاستى--ئۈستى بايلىقلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرادىسىگە قىلچە پەرۋا قىلىنماستىنلا بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ ئاپتونوم قانۇنى بويىچە بولغاندىمۇ يەرلىك خەلقنىڭ بۇ زېمىننىڭ بايلىقلىرىدىن پايدىلىنىش ھەققى بار. دېمەك ئۇ يەردە يۈز بېرىۋاتقان چوڭ قانۇنسىزلىقلار سەۋەبىدىن بۈگۈن ئۇيغۇرلار خىتاي ئۆلكىلىرىدە يايمىچىلىق قىلىشتەك جاپالىق بىر ھاياتقا مەجبۇرلىنىپ قالغان. خىتاي ئۇيغۇرلارنى قانۇنسىزلىق بىلەن ئەيىبلەشنىڭ ئالدىدا ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان قانۇنسىزلىقلىرىنى توختىتىشى كېرەك.
دىلشات رىشىت خىتاي ئۆلكىلىرىدە يايمىچىلىق قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئادالەتسىز سىياسىتىنىڭ، جۈملىدىن كۆچمەن ئېقىنىنىڭ قۇربانلىرى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. دىلشات رىشىتنىڭ قارىشىچە، خىتاي كۆچمەنلىرى سەۋەبىدىن ئىشىدىن، يېرىدىن، ئۇرۇق-تۇغقان، مەھەللە جامائىتىدىن ئايرىلىپ قالغان بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇچرىغان تەڭسىزلىكلەرگە ئىسيان كۆتۈرمەي، خىتاي ئۆلكىلىرىدە جان بېقىپ تۇرۇشى، ئەسلىدە خىتاينىڭ ئۆز مەنپەئەتىدىن قارىغاندىمۇ قەدىرلىنىشكە، رىغبەتلەندۈرۈلۈشكە تېگىشلىك بىر ئەھۋال؛ ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى پۈتۈنلەي چارىسىز دەپ قارىغاچقا، يولسىزلىقنىڭ ئۈستىگە يولسىزلىق قىلماقتا. دىلشات رىشىت ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرنىڭ بازار باشقۇرغۇچىلارغا پىچاق بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىشى ئۈستىدە توختىلىپ، « بىر مىللەت قانۇن ئارقىلىق مەنپەئەتىنى قوغدىيالمىغان ئەھۋالدا ئۆزىدە بار ئىمكانى، بار كۈچى بىلەن قوغدايدۇ » دېدى. دىلشات رىشىتنىڭ قارىشىچە، ئەگەر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ھەقىقىي ئاپتونوم بولغان بولسا، بۇ ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىققان، بۇ مەسىلىلەردە ئۇلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن سۆز قىلغان بولاتتى. دىلشات رىشىت بۇ تۈر مەسىلىلەردە خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى ئەيىبلەش بىلەن بىرلىكتە، خەلقئارا جامائەتنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ھەر جەھەتتىن بوغۇش، يوقىتىش سىياسىتىگە دىققەت قىلىشقا ۋە مۇناسىپ تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، رايوندا كەڭ-كۆلەملىك توقۇنۇشلارنىڭ، تراگىدىيەلىك ئاقىۋەتلەرنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا چاقىردى.