ئىلگىرىكى كۈنلەردە ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ئىنكاسلىرىغا ئاساسەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر قىسىم ئالىي مەكتەپلەرگە قاراتقان تېلېفون زىيارەتلىرىمىزدىن، ھازىر بارلىق ئالىي بىلىم يۇرتلىرىنىڭ مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلار ئاشخانىلىرى بىلەن خىتاي ئاشخانىلىرىنىڭ بىرلەشتۈرۈلگەنلىكى دەلىللەنگەن ئىدى، بۇ جەرياندىكى ئۇچۇر ئىزدەش داۋامىدا ئالىي مەكتەپلەردە خىتاي ئوقۇغۇچىلار بىلەن باشقا مىللەت بالىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى بوشلۇقنى تارايتىش ئۈچۈن ئېلىنىۋاتقان تەدبىرلەر ئىچىدە «مىللىي-خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمە ياتىقى» نى ئومۇملاشتۇرۇشنىڭمۇ ئىنتايىن جىددىي يولغا قويۇلۇۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى.
يەنى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، تارىم ئۇنىۋېرسىتېتى، يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئالىي بىلىم يۇرتلىرىنىڭ تور بەتلىرىدىكى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، بۇ مەكتەپلەردە «مىللىي-خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمە ياتىقى» ئومۇملاشتۇرۇلۇپ بولغان.
ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مائارىپ ئۇچۇرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى 2014-يىلى 1-نويابىر «ئالىي مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپلىرىدە مىللىي-خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمە ياتىقىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۇقتۇرۇشى» نى تارقاتقان بولۇپ، ئۇقتۇرۇشقا ئاساسەن 2015-يىللىق بىرىنچى ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي ۋە باشقا مىللەتلەر ئارىلىشىپ ئوقۇيدىغان بارلىق مەكتەپلەرنىڭ ياتاقلىرىنىڭ بىرلەشمە ياتاق قىلىپ ئۆزگەرتىلىشى تەلەپ قىلىنغان ئىكەن. شۇنداقلا بۇ تەدبىرنى پۈتۈن رايون مىقياسىدىكى ئوتتۇرا ۋە ئالىي تېخنىكوم ۋە ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئومۇملاشتۇرۇشنى 2018-يىلى كىرىشتىن بۇرۇن تاماملاش شەرت قىلىنغان.
«شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تورى» تارقاتقان ئۇچۇرغا قارىغاندا، 2015-يىلى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتتا،ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە مائارىپ نازارىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بىلەن «مىللىي ئوقۇغۇچىلار بىلەن خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار ئارىلىشىپ ياتىدىغان بىرلەشمە ياتاقلارنى كېڭەيتىش خىزمىتى مەخسۇس يىغىنى» ئېچىلغان بولۇپ، يىغىندا «ئوقۇغۇچىلار ياتىقىنى ئارىلاش ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش ھەر قايسى مىللەتلەر ئۆز-ئارا ئۆرپ-ئادىتىنى ئۆگىنىش، چۈشىنىشنى، دوستلۇقىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدىغان مۇھىم تەدبىر» دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋە بۇنىڭ ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ پىلانلىق ئورۇنلاشتۇرۇش، نۇقتىلاردا سىناق قىلىش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىللە ئوقۇش تۇرمۇش، ئۆرپ-ئادەت جەھەتلەردە ئۆز ئارا سىڭىشىش ئەھۋالىنى ۋە تەسىرى ھەمدە بۇنىڭغا قارىتا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىنكاسلىرى، ئۆزگىرىشلىرىنى ئىگىلەش، راي سىناش ھەمدە ئىنچىكە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئېلىنغان قارار ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.
دەرۋەقە، خىتايچە «مىللەتلەر مائارىپى تەتقىقاتى» ژۇرنىلىدا 2009-يىلىدىن باشلاپ «مىللىي-خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمە ياتىقى» تېمىسىدىكى نەچچە ئونلىغان تەتقىقات ماقالىلىرى ئېلان قىلىنغانلىقىنى تور سەھىپىلىرىدىن ھازىرمۇ كۈتۈش مۇمكىن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھەتتا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ستۇدېنتلارغا قارىتا مەخسۇس «شىنجاڭدىكى خەنزۇ ۋە مىللىي ستۇدېنتلار مۇناسىۋىتىنى تەكشۈرۈش جەدۋىلى» نى تارقىتىپ راي سىناش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى.
ۋەھالەنكى، ئىنكاسلاردىن مەكتەپلەردە بارغانچە كۈچەيتىپ ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۇ خىل تەدبىرلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى، ئۆرپ-ئادىتى، كىشىلىك ھوقۇقى، قانۇنىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىش بەدىلىگە يۈرگۈزۈلۈۋاتقانلىقى مەلۇم. يېقىندا ئامېرىكىغا كەلگەن بىر ئۇيغۇر ستۇدېنت قىز، ئىلگىرى ئۆزىنىڭمۇ مەكتەپ تارقاتقان شۇنداق راي سىناشقا قاتناشقانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ قىز ئۇيغۇر ئېلىدە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش جەريانىدا تۇرمۇش ئادەتلىرى ۋە كۆز قاراشلىرى تۈپتىن پەرقلىق خىتاي ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىر ياتاقتا يېتىشقا مەجبۇرىي ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىكەن. ئۇنىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە، ياتاقتا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىلەن باشقا ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا ھېچقانداق ئىختىلاپ كۆرۈلمىسىمۇ، ئەمما بۇ خىل بىرلەشمە ياتاقلاردا خىتاي ئوقۇغۇچىلار ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنى پەقەتلا چۈشەنمەيدىغان ۋە ئۇلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىگە ھۆرمەت قىلماي ھەتتا كەمسىتىدىغانلىقى ئۈچۈن ئىختىلاپ، نارازىلىق ئۈزۈلمەيدىكەن. ھالبۇكى بۇ تەدبىرنى مەجبۇرىي يۈرگۈزۈۋاتقان مەكتەپ تەشكىلى بولسا «مىللىي-خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمە ياتىقىدا» چىققان ئىختىلاپ ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ نارازىلىقلىرىنى ئادالەتسىزلىك بىلەن باستۇرۇپ كەلمەكتە ئىكەن. بۇ قىز ستۇدېنت يەنە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىشقا ئاشۇرىمىز دەپ سۈنئىي ھالدا يولغا قويغان بۇ خىل تەدبىر بەلگىلىمە ستۇدېنتلارنىڭ تۇرمۇشى، ئۆگىنىشى، كەيپىياتى ۋە روھىي ساغلاملىقىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئۆز ئارا ھۆرمەتلەش ۋە چۈشىنىشنى ئاساس قىلمىغان بۇ خىل مەجبۇرىي بىرلەشتۈرۈشنىڭ ئەمەلىيەتتە مىللەتلەر ئارىسىدىكى زىددىيەتلەرنىڭ مەنبەسى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ قىز ئوقۇغۇچىنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ دەل ئەكسىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ «مىللىي-خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمە ياتىقى» نى كۈچەيتىش تەشۋىقاتلىرىدا بولسا بۇ تەدبىرنىڭ ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىقنى ئازايتىپ، ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خىتاي تىلىنى ئۆگىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە. ئۇلارنىڭ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بىللە ئېجىل- ئىناق بولۇشىغا تۈرتكە بولۇۋاتقانلىقىنى تەشۋىق قىلماقتا ئىكەن. «خەلق تورى» نىڭ بۇ ھەقتىكى 2015-يىلى 26-ئىيۇن تارقاتقان «بىر تىزىق مارجان، بىر دەستە گۈلدەك ئۆتۈۋاتقان ساۋاقداشلار» دەپ تېما قويغان يۈرۈشلۈك خەۋىرىدە، خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىنىڭ «مىللىي-خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمە ياتىقى» نى يولغا قويۇش ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلغان بولۇپ، ئىلگىرى ئارىلاش ياتاقلار 5% كىمۇ بارمايدىغان بۇ مەكتەپتە، شۇ يىلى «ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى ئارىلاش يېتىش» ئەھدىنامىسىنى تۈزۈپ، بۇ تەدبىرنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتكەندىن كېيىن بولسا بىرلەشمە ياتاق 255 كە يېتىپ، 50% ئوقۇغۇچىنىڭ ئارىلاش ياتىدىغان بولغانلىقى كۆرسىتىلگەن. خەۋەردە يەنە ئارىلاش ياتاقتا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىتاي ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىر ياتاقتا يېتىش جەريانىدا، خىتاي تىلى سەۋىيىسى ئۆسۈپ نەزەر دائىرىسى كېڭەيدى دەپ خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئىجابىي تەسىر كۆرسەتكەنلىكى تەشۋىق قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىتاي ئوقۇغۇچىلارغا بولغان تەسىرى ھەققىدە بولسا پەقەت «شەڭ شيا، گەنسۇلۇق بولۇپ، نان، قوي گۆشى ۋە لەڭمەن يەپ كۆنمىگەن. ئۇيغۇرلار بىلەن بىر ياتاقتا تۇرغاندىن كېيىن شېڭ شيا دائىم گۈلسەنەم، خانزۆھرە، زۇمرەتلەر بىلەن بىللە تاماق يەپ، بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن قوي گۆشى بىلەن لەڭمەنگە ئامراق بولۇپ قالغان» دەپ جۈملە قىستۇرۇپ قويغان.
ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەردىن، كانادادىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى رۇقىيە تۇردۇش خانىم، ئىلگىرى خىتايدا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش جەريانىدا، خىتاي ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىر ياتاقتا يېتىپ ئوقۇشقا مەجبۇر بولغان ئۇيغۇر ستۇدېنتنىڭ بىرى. رۇقىيە خانىم ئالىي مەكتەپلەردە ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى بىرلەشمە ياتاققا ئورۇنلاشتۇرۇش تەدبىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرگە قاراتقان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى بىلەن باغلاپ مۇلاھىزە قىلىپ، «مىللىي مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ-ئادەت، دىنى ئېتىقاد جەھەتتىن ھېچقانداق بىر ئوخشاشلىقى بولمىغان، ھەتتا ھوقۇق جەھەتتىن باراۋەر بولمىغان ئىككى مىللەتنى سۈنئىي ھالدا تۇغقان بولىسەن، دوست بولىسەن دېيىش ھېچقانداق ئىجابىي ئۇنۇم بەرمەيدۇ» دېگەن قاراشلىرىنى بايان قىلدى.