مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار «مىللىيلار بىلەن خەنزۇلارنى ئۆز-ئارا تويلىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈش چارىسى» گە ئېتىراز بىلدۈردى

0:00 / 0:00

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر بىلىم ئادەملىرى ۋە دىنىي ساھەدىكى سەرخىللەر چەرچەن ناھىيەلىك دائىرىلەرنىڭ مەزكۇر «چارە» نى ئېلان قىلىشىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىگە قاراتقان باستۇرۇشىنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا ئوتتۇرىغا چىقىشى دەپ قارىماقتا.

ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان تېببىي پەنلەر دوكتورى جۈرئەت ئوبۇل ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى:

«مەزكۇر چارىنىڭ رەسمىي ھۆججەت سۈپىتىدە ئېلان قىلىنىشى، ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقىتىشقا ئۇرۇنۇش قارا نىيىتىنىڭ يەنىمۇ ئاشكارىلىنىشى ھېسابلىنىدۇ. ئەسلىدە نىكاھ بىر جۈپ بىر ئىندىۋىدۇئال شەخسنىڭ مۇھەببەت ۋە ئائىلە قۇرۇش يولىدىكى ئەركىن تاللىشى ھېسابلىنىدۇ، ئەمما شەخسلەرنىڭ نىكاھ مۇناسىۋىتى ئۆزلىرى تەۋە بولغان ئىجتىمائىي توپ ۋە مىللەتنىڭ مىللىي ۋە دىنىي ئەنئەنىلىرىنىڭ مۇئەييەن چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە، يەنى ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدە مىللىي ۋە دىنىي زۇلۇم چېكىگە يەتكەن بىر پەيتتە بۇنداق چارىنى ھۆكۈمەت ھۆججىتى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىرىشى، ئۇلارنىڭ قارا نىيىتىنىڭ قايسى دەرىجىگە يەتكەنلىكىنى ئوچۇق كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ. بۇ بىزنى مىللىي مەۋجۇتلۇق ئۈچۈن پۈتۈن مىللەت گەۋدىمىز بىلەن كەسكىن ئويلىنىشقا چاقىرىدۇ…»

ئىسلام ئىلمى بويىچە دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلاردىن ئالىمجان بوغدا ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلار بىلەن تويلىشىشىنىڭ دىنىي ياكى مىللىي نۇقتىدىن بولسۇن، قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان ھادىسە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى:

«ئۇيغۇرلار 10 ئەسىردىن بۇيان ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن مىللەت. ئۇيغۇرلار تارىختىن بۇيان خىتايلارنىڭ دىنىي ۋە مىللىي زۇلۇمىغا ئۇچراپ كەلگەن مىللەت. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زاماندىكى كۆپ قېتىملىق مىللىي ئازادلىق قوزغىلاڭلىرى ۋە كۈرەشلىرى ئالدى بىلەن خىتاي ھۆكۈمرانلىرىنىڭ دىنىي زۇلۇمىغا قارشىلىق كۆرسىتىشتىن باشلانغان. شۇنداق بولغاچقا ئۇيغۇر خەلقى مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتى بىلەن تارىختىن بۇيان خىتايلار بىلەن تويلىشىشقا قارشى تۇرۇپ كەلگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، يېقىندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى دىنسىزلاشتۇرۇش ھەمدە ئۇلارنىڭ ئىسلام ئەقىدىسىنى بېسىش سىياسىتى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قاتتىق نارازىلىق قوزغىماقتا. ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس دەستۇرى بولغان قۇرئان كەرىمىدىكى ئايەتلەرنىڭ روھى بويىچە دىنغا ئىشەنمەيدىغان ياكى ئىسلام دىنىغا قارشى تۇرىدىغان خىتايلار بىلەن ئۆز ئىختىيارىچە تويلىشىشى مۇمكىن ئەمەس. بۇ، ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقىتىشىنىڭ بىۋاسىتە ئىپادىسى.»