يازغۇچى مىرزاھىد كېرىمىنىڭ ئوغلى دادىسىنى تۇتقىلى كەلگەن ساقچىلار بىلەن «تاكاللاشقان» لىقى ئۈچۈن تۇتۇلغان

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018.11.29
haji-mirzahid-kerimi.jpg ئۇيغۇر ئېلىدا تونۇلغان، ھازىر قەشقەردە ياشاۋاتقان ئاتاقلىق شائىر ۋە يازغۇچى ھاجى مىرزاھىد كېرىمى. (ئورنى ۋە ۋاقتى ئېنىق ئەمەس)
RFA/Qutluq

ئەدىب مىرزاھىد كېرىمنىڭ 11 يىللىق كېسىلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋىرىمىز ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرى رادىيومىزغا ئۇچۇر يوللاپ، مىرزاھىد كېرىمىنىڭ ئوغلى نۇرئامان مىرزاھىدنىڭمۇ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ تۇتۇلۇشىغا دادىسىنى تۇتقىلى كەلگەن ساقچىلار بىلەن «گەپ تالاشقانلىقى» نىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى مەلۇم قىلدى.

رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاستا بايان قىلىنىشىچە، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىدىن دەم ئېلىشقا چىققان ئاتاقلىق ئەدىب مىرزاھىد كېرىمىنى بۇ يىل 5‏-ئايدا تۇتقىلى كەلگەن ساقچىلار ئۇنى قوپاللىق بىلەن ئېلىپ ماڭغان چېغىدا مىرزاھىد كېرىمىنىڭ نەق مەيداننى كۆرۈپ تۇرغان ئوغلى نۇرئامان مىرزاھىد ساقچىلارغا دادىسىنىڭ ياشىنىپ قالغانلىقى ۋە سالامەتلىكىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى ئېيتىپ، ئۇنىڭغا سىلىقراق مۇئامىلە قىلىشنى تەلەپ قىلغان. بۇ چاغدا ساقچىلار ئۇنىڭغا «سېنىڭمۇ داداڭغا چېتىلىۋالغۇڭ بارمۇ؟» دەپ تەھدىت ئارىلاش سوئال قويغان. نۇرئامان بۇ گەپنى قىلغان ساقچىغا «چېتىلىۋالغۇم يوق، ئەمما تېنىپمۇ كەتمەيمەن؛ چۈنكى مەن بىر ئىنسان بالىسى» دەپ جاۋاب بەرگەن. بۇ چاغدا ساقچىلار «ئەمىسە، سەن بىلەنمۇ كۆرۈشۈپ قالغۇدەكمىز» دەپ يەنە بىر تەھدىت سېلىپ قويۇپ چىقىپ كەتكەن.

ئىنكاستىن يەنە مەلۇم بولۇشىچە، بۇ نۇرئامان مىرزاھىدنىڭ دادىسىنى تۇتقىلى كەلگەن ساقچىلار بىلەن تۇنجى قېتىم گەپ تالىشىپ قېلىشى ئەمەس ئىكەن. ساقچىلار ئۆتكەن يىلى مىرزاھىد كېرىمىنى تۇنجى قېتىم سوراققا ئېلىپ ماڭغىنىدا ئوغلى نۇرئامان مىرزاھىد ساقچىلاردىن دادىسىنىڭ نېمە گۇناھ ئۆتكۈزگەنلىكىنى سورىغان. ساقچىلار بۇ سوئالغا جاۋاب بەرمىگەندىن كېيىن نۇرئامان ئۇلارغا «دادامنىڭ بۇرۇن 20 يىل تۈرمە ئازابى چەككىنى يەتمىدىمۇ؟» دەپ چېچىلغان. بۇ چاغدا ساقچىلار نۇرئامان مىرزاھىدنى ئىدىيەسىنى ساغلام تۇتۇش ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇپ چىقىپ كەتكەن. بىز بۇ ئەھۋالنىڭ توغرىلىقىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن قەشقەردىكى ئالاقىدار ساقچىخانىلارغا تېلېفون قىلدۇق. ساقچى خادىملىرى نۇرئامان مىرزاھىدنىڭ ساقچىلار بىلەن نېمە دەپ گەپ تالاشقانلىقىدىن خەۋىرى يوقلۇقىنى ئېيتتى، ئەمما ئۇنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئىنكار قىلمىدى.

قەشقەردىكى ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ بايان قىلىشىچە، ئەدىب مىرزاھىد كېرىمىنىڭ ئىككى پەرزەنتى بار بولۇپ، ئوغلى نۇرئامان مىرزاھىد قەشقەردە كىيىم-كېچەك سودىسىنى ئاساس قىلىپ تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئىكەن.

ئۆتكەنكى ئېنىقلاشلىرىمىزدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2015‏-يىلى قەشقەردە ئەدىب مىرزا كېرىمىگە تون كىيدۈرۈش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇلغان. مىرزاھىد كېرىمنىڭ تۇتۇلۇش ۋە 11 يىللىق كېسىلىشىگە يازغان ۋە تەھرىرلىگەن كىتابلىرىدىن باشقا يەنە ئۇنىڭ شۇ مۇراسىمدا قىلغان سۆزىمۇ بىر سەۋەب بولغان ئىكەن. شۇ قېتىملىق مۇراسىمغا ئۇنىڭ ئوغلى نۇرئامان مىرزاھىدمۇ قاتناشقان ئىكەن. ئەمما نۇرئامان ئۇ كۈنكى مۇراسىمدا سۆز قىلمىغان. شۇڭا ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەر ئۇنىڭ تۇتۇلۇشىغا مۇراسىمنىڭ سەۋەب قىلىنمىغانلىقى، پەقەت ئۇنىڭ ساقچىلار بىلەن گەپ تالىشىپ قېلىشىنىڭ باھانە قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۆتكەن يىلى باشلانغان لاگېرلارغا يىغىۋېلىشتىن ئىبارەت زەربە دولقۇنىنىڭ مۇھىم ئۆزگىچىلىكلىرىدىن بىرى، كۆپ ساندىكى ئائىلىلەردىن بىردىن كۆپ كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىدۇر. زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا مۇتەخەسسىسلەر مىللىي ۋە دىنىي كىملىك زەربە نىشانى بولغانلىقى ئۈچۈن بىر ئائىلىدىن بىر قاچە كىشىنىڭ تۇتۇلۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسە، يەرلىك دائىرىلەر لاگېرلارنى تولدۇرۇش ئۈچۈن يۇقىرىدىن تۆۋەنگە سان بەلگىلەپ بەرگەنلىكى، شۇڭا سان تولدۇرۇش ئۈچۈن ساقچىلارنىڭ ھەرخىل باھانىلەر بىلەن ئادەم تۇتۇۋاتقانلىقىنى دەلىللىگەن ئىدى. ھەتتا قاراقاش ئاقسارايدىكى بىر كەنت سېكرېتارى يۇقىرىدىن كەنت نوپۇسىنىڭ 40 پىرسەنتىنى تەربىيەلەشكە ئاپىرىش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى پاش قىلغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.