مىسىردا ئۇستازسىز قالغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار گاڭگىراپ قالغان

0:00 / 0:00

مىسىر قاھىرەدىكى ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى خىتاي پاسپورت سىياسىتىنى قويۇپ بەرگەن مەزگىلىدە، تەلەپ قىلىنىدىغان ھەق ۋە شەرتلىرىدىكى ئەۋزەللىكلىرى بىلەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى كۆپلەپ قىزىقتۇرغان. نەتىجىدە، يېقىنقى 2، 3 يىلدىلا مىسىردا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 5، 6 مىڭغا يەتكەن.

ئىقتىسادىي كىرىمى تۆۋەن ئۇيغۇر دېھقان بالىلىرىغا نىسبەتەن چەتئەللەردە ئۇنىۋېرسىتېتقا ئوقۇشقا كېرىش ھەرگىزمۇ ئاددىي ئىش ئەمەس ئەلۋەتتە.

ئىلىم ئېلىش پۇرسەتلىرىنى ئىزدەپ بۇ دۆلەتكە كەلگەن بىر قانچە ئۇيغۇر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ نام شەرىپىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن بىز ئېيتىپ بېرىشىچە، ئوقۇشقا كەلگەن ئۇيغۇرلار دەسلەپ تىل ۋە باشقا جەھەتلەردىن قىينالغىنى ئۈچۈن 10، 20 سى بىر ئۇستازنىڭ يېتەكچىلىكىدە بولۇپ، ئوقۇپ كەلگەن.

ئەپسۇسكى، يېقىنى بىر ئاي مابەينىدە ئۆز ئۇستازلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەھدىتلىرى ۋە باشقا ئېنىقسىز سەۋەبلەر بىلەن قاھىرەدىن ئارقىمۇ-ئارقا ئايرىلىشى بىلەن مەزكۇر بىلىمگاھقا كىرىپ ئوقۇۋاتقىنىدىن ئۆزىنى شەرەپلىك ۋە بەختلىك ھېس قىلىپ كەلگەن بۇ بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلىم تەھسىل ئىشلىرى سۇغا چىلىشىشقا باشلىغان.

تۇرمۇش پۇلى ئۈزۈلگەن بالىلار ئېغىر كۈندە

بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز ۋەزىيىتى ھەققىدە بەرگەن مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، دەل بۇ پەيتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئوقۇغۇچىلارغا ئۇلارنىڭ ئاتا ئانىلىرىنى ۋاسىتە قىلىپ تۇرۇپ يۇرتىغا دەرھال قايتىپ كېلىشكە مەجبۇر قىلغان.

ئۇستازلىرىدىن ئايرىلغاننىڭ ئۈستىگە يەنە بىر تەرەپتىن ۋەتەندىكى ئاتا-ئانىلارنىڭ بىخەتەرلىكىدىن تەشۋىشتە قالغان ئوقۇغۇچىلار ئارقا-ئارقىدىن يۇرتلىرىغا قايتىشقا باشلىغان. ھالبۇكى، ئىلىم تەھسىل قىلغاندىن باشقا ھېچقانداق گۇناھى يوق ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جازالىشىغا ئۇچرىغانلىقى ۋە بەزى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەتكەندىن كېيىن خىتاينىڭ ئايروپورتلىرىدا ئىز دېرەكسىز يوقاپ كېتىۋاتقانلىقىدەك خەۋەرلەر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرلۈك تەھدىتلىرىگە ئۇچرىسىمۇ مىسىردا ئېرىشكەن ئوقۇش پۇرسەتلىرىنى تاشلاشقا كۆزى قىيماي ئىككىلىنىپ تۇرغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردا زور تەشۋىش پەيدا قىلغان.

ئارقىدىنلا ئائىلىسىدىكىلەر يوللىغان ئازغىنە تۇرمۇش پۇلى بىلەن مىسىردا تۇرمۇشىنى قامداپ كېلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئالاقىسىنىڭ ئۈزۈپ تاشلىنىشى بىلەن داۋاملىق ئوقۇش ۋە مىسىردا ياشاشقا بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان دەرىجىگە يەتكەن.

ئامما، ئەزھەردىكى مۇھەممەد ئىسىملىك بىر تۇڭگاننىڭ بايانلىرىدىن قارىغاندا، ئوخشاش مۇسۇلمان، ئوخشاش خىتاي پۇقراسى بولسىمۇ، مىسىردىكى تۇڭگانلار بولسا خىتاي ھۆكۈمىتى ياكى بىرەر ئورۇن تەرىپىدىن قايتىپ كېلىش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش ئالمىغان، ئۇلار يەنىلا ھېچقانداق توسالغۇسىز ئوقۇشىنى بۇرۇنقىدەكلا خاتىرجەم داۋام قىلغان.

بۇ تۇڭگان ياش نىڭشادىن كېلىپ ئەزھەردە ئوقۇۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قايتىپ كېتىش ھەققىدە ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغان ياكى تاپشۇرۇۋالمىغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ: «مەن نېمىشقا ئۇنداق ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالاتتىم، ئۇ دېگەن جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئىشى، تۇڭگان ساۋاقداشلار قايتقىنى يوق تۇرۇۋاتىمىز» دەپ جاۋاب بەردى.

كرىزىسقا ئۇچرىغان ئوقۇغۇچىلارلا ئەمەس

ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىنكاسىغا قارىغاندا، ئۈستى-ئۈستىلەپ كەلگەن قىيىنچىلىقلار ۋە توسقۇنلۇقلارغا باش ئەگمىگەن بۇ جايدا ئىلىم ئېلىش غايىسىدىن ۋاز كەچمىگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارمۇ نۆۋەتتە ئىقتىسادىي كىرىمى ئۈزۈلۈپ قېلىشتەك رىيالنى كرىزىسقا يۈزلەنگەن. ئىقتىسادىي قىيىنچىلىققا يولۇققان بالىلار، قوللىنىۋاتقان تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى، ئائىلە سايمانلىرىدىن باشقا ھەتتا ساقلاپ كەلگەن قىممەتلىك كىتابلىرىنىمۇ توردا سېتىشقا چىقارماقتا ئىكەن. شۇنداقلا ئوقۇغۇچىلار يۈزلەنگەن بۇ خىل ئىقتىسادىي كرىزىس، قاھىرەدە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بولۇپمۇ ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر ۋە ھەر خىل مۇلازىمەت كەسپى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارغا بىۋاسىتە تەسىر قىلغان، تۇيۇقسىز خېرىدارلىرىدىن ئايرىلغان ئاشخانا، دۇكان، ناۋايخانىلارمۇ ئارقىمۇ ئارقا تاقالماقتا ئىكەن.

3 يىلدىن بۇيان ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىغا يېقىن جايدا ئۆز ئالدىغا ئاچقان كىچىك ئاشخانىسىدا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ئىسسىق ئۆي تائاملىرى بىلەن تەمىنلەپ كەلگەن بىر خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئازلاپ كېتىشى بىلەن ئىجارە چىقىملىرىنى كۆتۈرەلمەي ئاشخانىسىنى تاقاشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى، كىرىمنىڭ ئازىيىشى بىلەن بىر بېشىغا بالىلىرىنى بۇ جايدا داۋاملىق ئوقۇتۇشىنىڭمۇ قىيىنغا توختاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى:

تۈركىيە كرىزىستىن قۇتۇلۇشنىڭ بىردىن بىر يولىمۇ؟

ئىگىلىشىمىزچە، ئاتا- ئانىسىدىن، ۋەتىنىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر بولغان، ئىقتىسادىدىن ئايرىلغان، ئۈمىدسىزلىك ۋە تۈرلۈك روھىي بېسىم ۋەھىمىلەرگە يەم بولۇۋاتقان بۇ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار مىسىردىن ئايرىلىپ تۈركىيەدىن پاناھ ئىزدەشكە باشلىغان.

ھالبۇكى، نېمە ئىش قىلىشىنى، نەگە بېرىشنى بىلەلمەي ئىزتىراپ چېكىۋاتقان مىسىردىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تۈركىيەدىن ئىبارەت ئىشەنچ قىلغان بۇ يولمۇ ئويلىغاندەك ھەممىلا ئۇيغۇرغا ئوچۇق ئەمەس ئىكەن. قانۇنلۇق ۋىزا رەسمىيەتلىرى تولۇق تۇرۇپمۇ -8 ئاپرېل تۈركىيە چېگراسىدىن كىرىشى رەت قىلىنغان بىر ئۇيغۇر شۇنداق دەيدۇ.

بۇنداق ئىزتىراپ، تەشۋىشلىك ۋە ۋەھىمىلىك كۈنلەردە چارىسىز قالغان مىسىردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەزىيىتى نۆۋەتتە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىدا ئورتاق ئەندىشە قوزغىماقتا.
ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بۇ ئوقۇغۇچىلارغا ھېسداشلىق، تەسەللى ۋە نەسىھەتلەر ئۈزۈلمەي يوللانماقتا. شۇنداقلا يېقىنقى كۈنلەردە ئۇيغۇر ۋەخپى ھەمدە ئىجتىمائىي سىياسىي تەشكىلاتلارنىڭ ھەتتا بىر قىسىم ساخاۋەت ئىگىلىرىنىڭ مىسىردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىش يوللىرىنى ئىزدەۋاتقانلىقى، ھەتتا تۈركىيەدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر تەشكىلاتلارنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا مەخسۇس ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، مىسىردىن تۈركىيەگە كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش پروگراممىلىرىنى يولغا قويۇپ بولغانلىقىمۇ مەلۇم.

ئەپسۇسكى يېقىنقى كۈنلەردە، تېخى مىسىردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەزىيىتىدە بىر بۇرۇلۇش بولماي تۇرۇپ، رادىئومىزغا ئوقۇش ۋە بىلىم ئېلىش ئۈچۈن مىسىردىن باشقا جايلارغا كەلگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ ئوخشاشلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇرتىغا قايتىش ھەققىدىكى ۋاسىتىلىك تەھدىتلىرىگە ئۇچراۋاتقانلىقى ھەققىدە ئىنكاسلار كەلمەكتە.

كېيىنكى ئاڭلىتىشلىرىمىزدا بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلىرىمىزغا داۋاملىق دىققەت بەرگەيسىلەر.