ئەزھەر ئوقۇغۇچىسى قەيسەر ئابدۇللا دۇبەيدىن قەشقەرگە قايتقانچە غايىب بولغانلىقى مەلۇم

0:00 / 0:00

مىسىردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىزتراپى تېخى داۋام قىلماقتا. 2017-يىلى ئىيۇلدىكى تۇتقۇندىن كېيىن ھازىرغىچە، ھېچ قانداق ئىز-دېرىكى بولمايۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلاردىن باشقا، ئۆزلۈكىدىن ۋە ياكى بېسىمغا ئۇچراپ يۇرتىغا قايتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ئاقىۋىتى يەنىلا ئېنىقسىز.

رادىيومىزغا يېقىندا، قەيسەر ئابدۇللا ئىسىملىك ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىسىنىڭ مىسىردىن دۇبەيگە ماڭغانچە خەۋىرى يوقلۇقى مەلۇم قىلىنغان ئىدى.

بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرغا ئاساسەن مىسىردىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمىزدىن گەرچە قەيسەرنىڭ، قاھىرەدىن ئىمىرات ھاۋا يولى ئارقىلىق دۇبەيگە ماڭغانلىقى ئېنىقلانغان بولسىمۇ، قەيسەر ھەققىدە باشقا يىپ ئۇچى بولمىغان ئىدى.

بۈگۈن، يەنى 7-ماي كۈنى ياۋروپادىن رادىيومىز بىلەن ئالاقىلەشكەن يەنە بىر قىز، ئىسمىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن مەلۇمات بېرىپ ئۆزىنىڭ دۇبەيدە، مىسىردىن كەلگەن قەيسەر ئابدۇللا بىلەن ئۆتكەن يىلىنىڭ بېشىدا بىر قانچە قېتىم ئۇچراشقانلىقىنى، ئەمما ئۇنىڭ دۇبەيدە 20 كۈنچە تۇرغاندىن كېيىن، يۇرتقا قايتىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى.

ھالبۇكى ئۇنىڭ ئالدىدا قەيسەرنىڭ غايىب بولغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەرگۈچى قىزنىڭ ئېيتىشىچە، قەيسەر ئەكسىچە ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ يۇرتىغا قايتماسلىقنى قارار قىلغانلىقىنى، مىسىردا تۇرۇش خەتەرلىك بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ دۇبەي ئارقىلىق باشقا دۆلەتلەرگە كەتمەكچى بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇنداقتا مىسىردىن قېچىپ دۇبەيگە كەلگەن قەيسەر نېمە ئۈچۈن يېرىم يولدا يەنىلا يۇرتىغا قايتىشنى تاللىدى؟

دۇبەيدە قەيسەر بىلەن كۆرۈشكەن بۇ قىزنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ قەيسەرنى دۇبەيدىكى بىر قانچە قېتىم ئۇيغۇر ئاشخانىسىدا بىللە تاماق يېيىش جەريانىدا ئۇچراتقان ھەم پاراڭلاشقان ئىكەن. قەيسەر ئۇنىڭغا ئىنتايىن روھى تۆۋەن كەمسۆز تەسىر بەرگەن.

ئۇ مەزكۇر قىز بىلەن ئاخىرقى قېتىم كۆرۈشكەندە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بېسىمىدا قالغانلىقى سەۋەبلىك قايتىپ كەتمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. كېيىن بۇ قىزنىڭ دوستىدىن قەيسەرنىڭ 2-ئاينىڭ ئاخىرى ئۈرۈمچىگە چۈشكەنلىكى ۋە ئۈرۈمچىدىن قەشقەرگە بارغاندىن كېيىنلا ئۇنىڭ بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ پۈتۈنلەي ئۈزۈلۈپ قالغانلىقى ھەققىدە خەۋەر كەلگەن.

قەيسەر ئابدۇللانىڭ 2016-يىلى ئەزھەرگە ئوقۇشقا كەلگەنلىكى، ئۇنىڭ دادىسى ئابدۇللانىڭ قەشقەردىكى مەلۇم بىر مەسچىتنىڭ ئىمامى ئىكەنلىكى، قەيسەر غايىب بولغان مەزگىلدىن باشلاپ قەيسەرنىڭ دادىسى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئىز-دېرەكسىز ئىكەنلىكى مەلۇم.

قەيسەر ئابدۇللانى دۇبەيدە كۆرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن بۇ قىز، قەيسەر ئابدۇللانى تونۇيدىغان دوستلىرىنىڭ ھازىرغىچە ئۇنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىشنى توختاتمىغانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ھەققىدە ئۆزى بىلىدىغان ئۇچۇرلارنى يەتكۈزۈش قارارىغا كەلگەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ قىز دۇبەيدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇ جايدا قانداق بېسىملارغا ئۇچراۋاتقانلىقى ھەققىدىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، ئۇ، دۇبەيدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قورقۇنچ ۋە بېسىم ئىچىدە ئىكەنلىكىدىن بېشارەت بەردى.

مىسىردىن يۇرتىغا قايتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ لاگېر ياكى تۈرمىلەرگە ئېلىنغانلىقى مەلۇم بولۇپ كەلمەكتە. ئەمما ئۈرۈمچى ۋە قەشقەردىكى خىتاي ئامانلىق دائىرىلىرى ئەزھەر ئوقۇغۇچىسى قەيسەر ئابدۇللانىڭ تەقدىرى ھەققىدە سورىغان سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەرمەي كەلمەكتە.

مىسىردا ناھەق تۇتۇلغان ۋە غايىب بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى دۇنيا ئۇيغۇر ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭمۇ ئىزچىل دىققىتىنى قوزغاپ كەلمەكتە. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ دىنىي ئىشلار كومىتېتى رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ھاجىم بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ مىسىردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار مەسىلىسىنى ئاڭلىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، خىتايغا قايتقاندىن كېيىن غايىب بولغان ۋە قايتۇرۇلغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەقدىرىنى سۈرۈشتە قىلىشنى توختاتمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۇرغۇنجاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، دۇبەي دائىرىلىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ھەمكارلىقى نۆۋەتتە سودا ساھەسىدىن ھالقىغان بولۇپ، شۇ سەۋەبلىك ئۇيغۇرلارنىڭ دۇبەيدە تۇرۇشى ۋە خاتىرجەم ياشىشى زور دەخلىگە ئۇچراپ كەلمەكتە. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىمۇ دۇبەيدە ئۇيغۇرلارنىڭ تەھدىتكە ئۇچرىغانلىقى ھەتتا خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇلغانلىقى ھەققىدىمۇ ئەرزلەرنى تاپشۇرۇپ ئالماقتا ئىكەن. ئۇ مىسىردىن دۇبەيگە قېچىپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ دۇبەيدىن خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقى ئۆزلىرىنىڭ ئەندىشىلىرىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، قولىدا خىتاي پاسپورتى بار ئۇيغۇرلار ئۈچۈن، دۇبەينى ئۆتكۈنچى بىر جاي دەپ قاراپ تەۋەككۈل قىلىشنىڭ خەتەرلىك تاللاش بولىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.