جەنۇبىي موڭغۇلىيە قۇرۇلتىيى تەييارلىق كومىتېتى توكيودا خىتاي دائىرىلىرىنى ئەيىبلىدى

0:00 / 0:00

10-نويابىردىن باشلاپ توكيودا چاقىرىلىدىغان جەنۇبىي موڭغۇلىيە قۇرۇلتىيىنىڭ تەييارلىق كومىتېتى بۈگۈن توكيودىكى مىتا مېھمان-سارىيىدا يىغىن چاقىرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلتاي ئېچىلىش ئالدىدا يىغىنغا قاتنىشىدىغان چەتئەللەردىكى بىر قىسىم موڭغۇل كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدىكى ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا تۈرلۈك تەھدىتلەرنى سېلىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىدى.

يىغىن ئەتىگەن سائەت 9:30 دىن 11:30 يېرىمىغىچە داۋام قىلدى. يىغىنغا ھەر ساھە كىشىلىرىدىن قاتناشتى.

توكيودا چاقىرىلغان جەنۇبىي موڭغۇلىيە قۇرۇلتىيى تەييارلىق كومىتېتى مەسئۇللىرى يىغىندا ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان جەنۇبىي موڭغۇلىيە تۇنجى قۇرۇلتىيىغا توسقۇنلۇق قىلىش ئۈچۈن ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدىكى قانۇن دائىرىلىرىنىڭ مەزكۇر قۇرۇلتايغا تەييارلىق كۆرۈۋاتقان ۋە يىغىنغا قاتنىشىدىغان بىر قىسىم موڭغۇللارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا تۈرلۈك تەھدىتلەرنى سېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە بېيجىڭ دائىرىلىرىنى بۇ خىل ۋاسىتىلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىشىنى توسۇپ قالالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

تەييارلىق كومىتېتى مەسئۇللىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ خادىملىرى بىر ئايدىن بۇيان ياپونىيەدە قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىشىغا تەييارلىق كۆرۈۋاتقان موڭغۇل پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئائىلىسىگە بېرىپ: «ئەگەر، پەرزەنتلىرىڭلارغا نەسىھەت قىلىپ قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىشىنى توسۇپ قالمىساڭلار،سىلەرنى قولغا ئالىمىز،ھەممىڭلارنى ۋەيران قىلىمىز»دەپ تەھدىت سالغان ۋە بەزى ئائىلىلەرگە مەجبۇرى ھالدا پەرزەنتلىرىگە تېلېفون ئۇرغۇزۇش، ئېلخەت يوللۇتۇشتەك ۋاسىتىلەرنى قوللانغان ئىكەن.

جەنۇبىي موڭغۇلىيە قۇرۇلتىيى تەييارلىق كومىتېتى مەسئۇللىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە،ياپونىيەدە نەشر قىلىنىدىغان خىتاي ئىگىدارچىلىقىدىكى «ياپون-خىتاي دوستلۇقى»گېزىتىدە جەنۇبىي موڭغۇلىيە قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىشىغا قارشى بەزى ماقالىلەر ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا: «موڭغۇل مۇستەقىلچىلىرىنىڭ توكيودا قۇرۇلتاي چاقىرىشى ياپونىيە بىلەن خىتاينىڭ دوستلۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدۇ. ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمى بىلەن شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەت مۇستەقىلچىلىرى خەلقئارادا باش كۆتۈرگەن ئىدى. ئەمدىلىكتە موڭغۇل مۇستەقىلچىلىرى ئۇلاردىن ئىلھام ئالدى» دېيىلگەن.

تەييارلىق كومىتېتى مەسئۇللىرىنىڭ دېيىشىچە، خىتاينىڭ توكيودىكى ئەلچىخانىسى ۋە ئوساكادىكى كونسۇلخانىسى ياپونىيەدە ئوقۇۋاتقان ئىچكى موڭغۇلىيەلىك ئوقۇغۇچىلارغا يىغىن چاقىرىپ، ئۇلارغا تۈرلۈك ئىدىيىۋى خىزمەتلەرنى ئىشلەپ، ئۇلارنىڭ قۇرۇلتايغا قاتناشماسلىقىنى ۋە ياردەمدە بولماسلىقىنى بىلدۈرگەن.

يىغىندىن كېيىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان جەنۇبىي موڭغۇلىيە قۇرۇلتىيى تەييارلىق كومىتېتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئۇلخۇنۇد دايچىن بۇ ھەقتە توختىلىپ: «خىتاي ھۆكۈمىتى بەزى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئائىلىسىگە ئوخشىمىغان مۇئامىلىلەردە بولغان. بىر قىسمىغا يۇمشاق سۆزلەر بىلەن ئۇلارغا ئىقتىسادىي ياردەمدە بولۇش، ئائىلە قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بېرىش ئارقىلىق ئۇلارنى ئۆز خىزمىتىگە ماسلىشىپ بېرىشكە دەۋەت قىلغان.بىر قىسمىغا بولسا قورال چىقىرىپ تەھدىت سېلىپ كومپارتىيىگە قارشى ھەرقانداق ئادەمنى چەتئەلدە بولسىمۇ تۇتۇپ كېلەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئارقىلىق ئۇلارغا قورقۇنچ سالغان» دېدى.

يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان جەنۇبىي موڭغۇلىيەلىك ئوقۇغۇچى ئارچا ئۆز ئائىلىسىنىڭ ئىچكى موڭغۇلىيەدە خىتاي قانۇن دائىرىلىرىنىڭ تەھدىتىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ:«ئائىلەم ساقچىلارنىڭ تۈرلۈك بېسىملىرىغا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما مەن يەنىلا ئۆز خەلقىمنىڭ دەردىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن توكيودىكى بۇ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچلىرىنى قوللاش ۋە ئۇلار بىلەن ھەمكارلىشىش ئۈچۈن قەتىي نىيەتكە كېلىپ، قۇرۇلتايغا قاتنىشىشنى لايىق كۆردۈم. مېنى ھەرقانداق كۈچ بۇ يولدىن توسۇپ قالالمايدۇ»دېدى.

ياپونىيەنىڭ ئوساكا شەھىرىدىن يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان جەنۇبىي موڭغۇلىيەلىك كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئۇرگىن بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ:«خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئاتا-ئانامغا سېلىۋاتقان زۇلۇمدىن قورقسام، خەلقىمنىڭ ھۆرلۈك يولىدىن ۋاز كەچسەم بولىدۇ.خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى دادامغا ئۆز خەلقىنىڭ ھەق گېپىنى قىلماي،سۈكۈت ئىچىدە ياشا دەپ كۆپ قېتىم دادامنى تەقىب ئاستىغا ئالغان ئىدى.مەن ئەركىن دۇنيادىكى بىر ئادەم شۇڭا ئۆز خەلقىم ئۈچۈن ھەرقانداق بېسىملارغا بەرداشلىق بېرىشكە تەييار» دېدى.

توكيودا چاقىرىلغان جەنۇبىي موڭغۇلىيە قۇرۇلتىيى تەييارلىق كومىتېتىنىڭ خىتاينى ئەيىبلەش يىغىنىغا گېرمانىيە، گوللاندىيە ۋە موڭغۇلىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان جەنۇبىي موڭغۇلىيە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ قاتاناشتى.

جەنۇبىي موڭغۇلىيە قۇرۇلتىيى تەييارلىق كومىتېتىدىن ئىگىلىشىمىزچە،10-نويابىردىن باشلاپ 12-نويابىرغىچە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان موڭغۇل كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى توكيوغا جەم بولۇپ جەنۇبىي موڭغۇلىيە قۇرۇلتىيى يىغىننى چاقىرىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە،2012-يىلى 5-ئايدا 4-نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى توكيودا چاقىرىلىشتىن ئىلگىرىمۇ خىتاي دائىرىلىرى بىر قىسىم ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ ۋەتەن ئىچىدىكى ئائىلىسىگە تۈرلۈك بېسىم ۋە تەھدىتلەرنى سالغانلىقى ئىنكاس قىلىنغان ئىدى.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.