چەتئەلدىكى «ئازسانلىق مىللەت مۇھاجىرلار تەشكىلاتى» نىڭ مەسئۇللىرى ئۈرۈمچىدە

0:00 / 0:00

8-ئاۋغۇستتىن باشلاپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن چەتئەللەردىكى خىتاي مۇھاجىرلار تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ئۈرۈمچىگە يىغىلىپ رەسمىي ئۇيغۇر ئېلىنى ۋە خىتاي ئۆلكىلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىش پائالىيىتىنى باشلىغان.

خىتاينىڭ مەركىزى بېيجىڭدىكى دۆلەت مۇھاجىرلار ئىشخانىسى تور بېتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇھاجىرلار ئىشلىرى ئىشخانىسى دۆلەت سىرتىدىكى «شىنجاڭلىق ئازسانلىق مىللەت مۇھاجىرلار تەشكىلاتلىرى» بىلەن بولغان ئالاقىسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئاۋسترالىيە، كانادا، پاكىستان، تۈركىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەردىن بولۇپ يەتتە دۆلەتتىكى «شىنجاڭلىق ئازسانلىق مىللەت مۇھاجىرلار تەشكىلاتى»نىڭ مەسئۇللىرىنى ئۈرۈمچىگە يىغىپ رەسمىي ئۆگىنىش ۋە ئېكسكۇرسىيە قىلىش پائالىيىتىنى باشلىغان.

ئۇلار ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر بىلەن ئۇچرىشىش ئېلىپ بارغان. ئۇچرىشىشتا شۆھرەت زاكىر ئۇلارغا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەرەققىياتىنى ئەستايىدىل كۆرۈپ ۋە ئۆگىنىپ بۇ ھەقتە ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان ئەللەردە ئەتراپلىق تەشۋىقات ئېلىپ بېرىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ سۆزىدە، ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى «شىنجاڭلىق ئازسانلىق مىللەت مۇھاجىرلار تەشكىلاتى» نىڭ مەسئۇللىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىقىغا تۆھپە قوشۇشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى، «چەتئەلدىكى مىللىي بۆلگۈنچىلەرگە قارشى تۇرۇشتا ئۆزلىرى بىلەن سەپتە تۇرۇپ، ئۆز دۆلەتلىرىدە مىللىي بۆلگۈنچىلەرگە قارشى قوشۇن تەشكىللىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى»نى بىلدۈرگەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇھاجىرلار ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ بۇ قېتىمقى پائالىيىتىدىن تولۇق خەۋەردار بولغان، پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلاردىن سېيىت ئەرشىدىن خىتاي مۇھاجىرلار تەشكىلاتى مەسئۇللىرىنىڭ ھازىر ئۈرۈمچى، قاناس قاتارلىق جايلاردا ساياھەتتە بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

سېيىت ئەرشىدىن بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە قاتنىشىۋاتقان بىر قىسىم پاكىستانلىق ئۇيغۇرلارنىڭ سالاھىيىتى ۋە ئۇلارنىڭ خىتاي بىلەن يېقىنلىشىش سەۋەبلىرى ھەققىدە توختالدى.
ئۇ يەنە، پاكىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئىچىدە پائالىيەتكە قاتنىشىۋاتقان بۇ كىشىلەرگە نىسبەتەن بولۇۋاتقان تۈرلۈك ئىنكاسلار ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.

سۆھبىتىمىز جەريانىدا سېيىت ئەرشىدىن خىتاينىڭ بۇ خىلدىكى پائالىيەتلىرىنى يىلدا ئىككى قېتىم ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

پاكىستاندىكى مۇستەقىل ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئابدۇقەييۇم بۇ قېتىمقى خىتاينىڭ بۇ پائالىيىتىگە قاتنىشىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرگىزمۇ پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا ۋەكىللىك قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئابدۇقېيۇم سۆزىدە يەنە، ئۇلارنىڭ خىتايدىكى زىيارىتىنى تاماملاپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، پاكىستاندىكى بىر قىسىم ئىقتىسادى ئاجىز كىشىلەرگە ياردەم قىلىش ئارقىلىق ئۆز جەمئىيەتلىرىگە ئەزا توپلاشقا تىرىشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.