خىتاي تاراتقۇلىرىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى «مۇقىملىق» نى قوغداشتا ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان كادىرلار ھەتتا ئاۋام خەلقنىڭ «ئۈچ خىل بۆلگۈنچى كۈچلەر» گە قارشى مەيدانىنى ئىپادىلىگەنلىك خەۋەرلىرى كۆپەيدى. رادىيومىز ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىنمۇ بۇ خىل ھەرىكەت تۈسىنى ئالغان «ئىرادە بىلدۈرۈش ھەرىكىتى» نىڭ ئۇيغۇرلارنى بىزار قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى. رويتېرس قاتارلىق خەلقئارا تاراتقۇلاردا بۇ ئەھۋال ئۇيغۇرلارنىڭ «مەجبۇرىي ئىپادە بىلدۈرۈشى» دەپ تەرىپلەندى. ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ۋە خىتاي ۋەزىيىتى ئانالىزچىلىرى بۇ ئەھۋالنى «خىتاينىڭ مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» دەۋرىدىكى «ئۆزىنى تەنقىدلەش، تۆۋە قىلىش» ھەرىكىتى دەپ تەسۋىرلىمەكتە.
خىتاينىڭ «شىنجاڭ گېزىتى» قاتارلىق تاراتقۇلىرىدا ئېلان قىلىنغان، «ئاپتونوم رايونلۇق جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتى ئىشخانىسى ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش سۆھبەت يىغىنى ئاچتى»، «ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا خىتاب ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى رەھبىرىي كادىرلار ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى»، «ئىرادىمىزنى دادىل ئىپادىلەپ، جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئۇزۇن مۇددەت ئەمىنلىكىنى قوغدايلى» سەرلەۋھىلىك ماقالىلەردە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەنۇب-شىمالىدىكى ھەممە ۋىلايەت، ناھىيىلەردە «پارتىيىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاش»، «پارتىيىنىڭ مېھرى-شەپقىتىدىن مىننەتدار بولۇش»، «پارتىيە باشلىغان يولدا مېڭىش» ئىرادىسىنى بىلدۈرۈش پائالىيەتلىرى داغدۇغىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىندى.
«ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا خىتاب ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى رەھبىرىي كادىرلار ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى» سەرلەۋھىلىك ماقالىدە، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئابدۇسالام سادىق، قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىنى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى پەرھات روزى، قۇمۇل شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سېكرېتارى، مۇدىر ئەسئەت زاكىر، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سېكرېتارى، مۇئاۋىن رەئىس ئەركىن قاسىم، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئاقات ئورازئەلى قاتارلىق ئۇيغۇر دىيارىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ «بايرىقىمىز روشەن ھالدا ‹ئۈچ خىل كۈچ› كە قارشى كۈرەش قىلىمىز» دېگەن سۆزلىرى نەقىل ئېلىنىپ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەردىكى ئۇيغۇر كادىرلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئىلگىرىكى خىزمىتىدىكى «نۇقسان» لارنى تونۇپ يېتىپ، بۇندىن كېيىنكى خىزمىتىدە نەتىجە كۆرسىتىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئىرادىسى بايان قىلىنغان.
بۇ خىلدىكى تەشۋىقات خەۋەرلىرى يەنە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى رادىيو-تېلېۋىزورلارنىڭمۇ يېقىنقى كۈنلەردىكى پروگراممىلىرىدىكى ئاساسىي تېمىلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان.
ئۇنداقتا، ئۇيغۇرلار ھەقىقەتەنمۇ ئۆز ئىرادىسى ۋە مەيلى بىلەن «مۇقىملىقنى قوغداش» ئىرادىسىنى ئىپادىلەۋاتامدۇ؟
بىز بۇ خىلدىكى تەشۋىقات خەۋەرلىرى ۋە ئۆتكەن ھەپتە خىتاي تاراتقۇلىرىدا ئېلان قىلىنغان «ئەسەبىيلىكنى چەكلەش نىزامى» نىڭ 1-ئاپرېلدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلۇشىغا قارىتا، يەرلىكتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق ئىنكاس بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئىگىلەشكە تىرىشتۇق.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرلار ئىنتايىن ئېھتىياتچانلىق بىلەن «ئۇيغۇر رايونىنىڭ مۇقىم ۋە ئەمىنلىكى، بۇ زېمىندا ياشاۋاتقان ھەر مىللەت خەلقىنىڭ خاتىرجەملىكى ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ نۆۋەتتە يولغا قويۇلۇۋاتقان مۇقىملىق تەدبىرلىرىنى توغرا چۈشىنىدىغانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئىدىيىسىنى ۋە ئىدارە-ئورگانلاردىكى يىغىنلاردا ئاغزاكىي ۋە يازما ئىرادىنامىلەر ئارقىلىق ئىپادىلىگەنلىكىنى» بايان قىلدى.
ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر نەپەر ھۆكۈمەت كادىرى، نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا «ھەممە كىشىنىڭ ئۆز ئىرادىسىنى بىلدۈرۈشى شەرت بولغىنى ئۈچۈن، ئۆزىنىڭمۇ ئۆتكەن ھەپتە ئىدارىدە ئېچىلغان يىغىندا ‹ئىرادىسى مۇستەھكەم ھالدا، مۇقىملىقنى قوغداش› قا ئاغزاكى ۋەدە بېرىپ، يىغىندىن كېيىن ئۆزىنىڭ تەسىرات ماقالىسىنى ئىدارە رەھبەرلىكىگە تاپشۇرغانلىقى» نى بىلدۈردى. بۇ كادىر يەنە، ھازىر ھەممە جايدا ھۆكۈمەت كادىرلىرى ۋە خەلققە تونۇلغان «دىنىي زاتلار» نىڭ رادىيو-تېلېۋىزورلاردا ئىرادىسىنى بىلدۈرۈۋاتقانلىقى، ئۆزىنىڭ مەيلى «ئەمەل دەرىجىسى» ياكى «جەمئىيەتتىكى ئابرۇيى» قاتارلىقلاردا بۇنداق «شەرەپ» كە مۇناسىپ بولمىغانلىقى ئۈچۈن، تەقدىر-قىسمىتىگە شۈكرى قىلىپ ياشاۋاتقانلىقى»نى بىلدۈردى.
رادىيومىز ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن يەنە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا زور بىر تۈركۈمدىكى ئۇيغۇرلاردا ئۆز يۇرتلىرىدا داۋاملىشىۋاتقان سىياسىي ھەرىكەت تۈسىنى ئالغان پائالىيەتلەر ۋە يۈرگۈزۈلىۋاتقان مۇقىملىق تەدبىرلىرىگە قارىتا ئىنكاس بىلدۈرمەسلىك، جىم تۇرۇۋېلىش كەيپىياتىنىڭ كۈچلۈكلۈكى مەلۇم بولدى.
ئۇيغۇر دىيارىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىرەيلەن، ھازىر ھەر جۈمە كۈنىدىكى نامازدىمۇ ئىمامنىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» ۋە «مۇقىملىقنى قوغداش»نى تەكىتلەشنى ئۇنتۇمايدىغانلىقىنى، مەسچىتكە جۈمە نامىزىغا كەلگەن جامائەتنىڭ ئىمامنىڭ سۆزىنى جىمجىت ئاڭلايدىغان، بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى باشقىلار بىلەن پايلاشمايدىغان ۋەزىيەت شەكىللەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.
كېرىيەلىك يېزا باشلىقى ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇننىڭ «ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا خىتاب» ناملىق مۇراجىئەتنامىسىدىن كېيىن، ئۇيغۇر رايونى تاراتقۇلىرىدا ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىنىۋاتقان بۇ خىل سىياسىي مۇراجىئەتنامىلەر خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغىدى.
رويتىرىس ئاگېنتلىقىنىڭ 5-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە، قەشقەر شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىدىن مەمتىمىن بەكرىنىڭ مۇراجىئەتنامىسى ھەققىدە مەخسۇس بىر خەۋەر بېرىپ، مەمتىمىن بەكرىنىڭ مۇراجىئەتنامىسىدىكى «مەن، بىز ئۇيغۇر كادىرلارنىڭ تېررورلۇققا قارشى يېتەرلىك دەرىجىدە خىزمەت قىلمىغانلىقىمىزنى تونۇپ يەتتىم» دېگەن بايانلىرى ۋە يەنە «بىزنىڭ خىزمەت ئەخلاقىمىز يۈزەيسەل، مۇقىملىق تەدبىرلىرىمىز چىن كۆڭۈلدىن ئەمەس، خىزمەتلىرىمىز مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ كۈتكىنىدىن بەكلا يىراق» دېگەن بايانلىرى نەقىل ئېلىنىپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى رەھبىرى كادىرلار ئارىسىدا ئۇيغۇرلار ئىگىلىگەن نىسبەتنىڭ ئىنتايىن ئاز بولغان شارائىتتا، بۇ خىل ئىپادە بىلدۈرۈش ھەرىكەتلىرىنىڭ داۋاملىشىشى، ئۇيغۇرلارغا ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي جەھەتتىن ھەر ۋاقىت بېسىم ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدۇرىدىغان ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرگەنلىكى تەكىتلەنگەن.
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ۋە ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر دىيارىدا خىلمۇ-خىل قاتتىق تەدبىرلەر ئېلىنىپ، ھەممە ئادەم مۇقىملىقنى قوغداش ئىپادىسىنى بىلدۈرىدىغان ئاممىۋى ھەرىكەت ۋەزىيىتى شەكىللەنگەن بولسىمۇ، ئەمما رادىكال قانۇنىي بەلگىلىمىلەر يولغا قويۇلۇپ، ساقچى-ئەسكەرلەرنى كۆپەيتىش، ھەيۋە كۆرسىتىش، سىياسىي ھەرىكەت تۈسىنى ئالغان ئاممىۋى پائالىيەتلەرنى كۈچەيتىش يولى ئارقىلىق، ئۇيغۇر دىيارىدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئارزۇ قىلغان مۇقىم-ئەمىن ۋەزىيەت بەرپا قىلىش مۇمكىن ئەمەس.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت، نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا داۋاملىشىۋاتقان سىياسىي ھەرىكەت تۈسىنى ئالغان «مۇقىملىقنى قوغداش ھەققىدە ئىپادە بىلدۈرۈش زورلاپ ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەرىكەت بولغىنى ئۈچۈن، خەلقتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل سىياسىتىگە قارىتا كۆرۈنۈشتە قوللاش، ئاۋاز قوشۇش خاھىشى ئىپادىلەنسىمۇ، ئەمما ئەمەلىيەتتە بۇ خىل رادىكال سىياسەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلاردىكى نارازىلىقنى بارغانچە كۈچەيتىپ، سەۋرى-تاقىتى تۈگىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە سەۋەب بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى ھېنري شاجىسكى ۋە ئامېرىكا فروستبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى دوكتور ما خەييۈن ئەپەندىلەر، ئۇيغۇر دىيارىدا كادىرلار ۋە دىنىي زاتلار «مۇقىملىقنى قوغداش» ئىرادىسىنى بىلدۈرۈشىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
دوكتور ما خەييۈن ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر كادىرلىرىنى ئۆزىنىڭ مۇقىملىق خىزمىتىدىكى نۇقسانلارنى تۈزۈتۈپ، ئاتالمىش ‹ئۈچ خىل بۆلگۈنچى كۈچلەرگە قارشى ئىرادىسىنى ئىپادىلەش› ھەركىتىنىڭ يامان ئاقىۋىتىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدا بۇ خىل مەجبۇرلاش، تەھدىت ۋە قورال كۈچى ئارقىلىق مۇقىملىقنى ساقلىغىلى بولمايدىغانلىقىدەك ھەقىقەتنى تونۇپ يېتىشى كېرەكلىكىنى، بۇ خىل رادىكال سىياسەتنىڭ يېقىن كۈلگۈسىدە تېخىمۇ ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىنلىكىنى تەكىتلىدى.