25-، 26-ئاپرېل كۈنلىرى گېرمانىيەنىڭ پايتەختى بېرلىندا چاقىرىلغان «خەلقئارا ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسى» يىغىنىدا پائالىيەت پىلانى تۈزۈلۈپ ماقۇللاندى.
بىز بۇ قارار ھەققىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتى مۇدىرى، بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرغۇچى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ يىغىندا ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسى ھەققىدە ئەتراپلىق مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىمقى يىغىنغا ئۇزۇن يىللاردىن بېرى مۇساپىرلار مەسىلىسى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەر، ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە ئاكادېمىك خادىملار قاتناشتى. ئۇلار پەقەتلا مۇساپىرلار دۇچار بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنىلا ئەمەس. ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرتلىرىدىن ئايرىلىشىنىڭ سەۋەبلىرى، ئۇيغۇرلار نېمە ئۈچۈن ئۆز يۇرتلىرىنى تاشلاپ قېچىشقا مەجبۇر بولۇۋاتىدۇ؟ كۆچۈپ چىققاندىن كېيىن نېمە قىيىنچىلىقلارغا دۇچار بولۇۋاتىدۇ؟ كېلەچەكتە قانداق بولۇشى مۇمكىن، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسەتلىرى، بۇنىڭغا خەلقئارانىڭ تۇتقان پوزىتسىيەلىرى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا ئەتراپلىق مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىپ، بۇ ھەقتە بۇندىن كېيىن نېمىلەرنى قىلىشىمىز كېرەك دېگەن مەسىلىلەر ھەققىدە خىزمەت پىلانى تۈزۈپ چىقىپ ماقۇللىدۇق. بۇ قارارنى پۈتۈن دۇنيادىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىغا تارقىتىپ بەردۇق.»
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى يىغىندا قوبۇل قىلىنغان مۇساپىرلار ھەققىدىكى مەزكۇر قارار توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ تۈپ ئۇسۇلى، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى. قاراردا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقلىرى كاپالەتكە ئىگە قىلىنغاندا، مۇساپىرلار مەسىلىسىنى ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىقى تەكىتلەندى. يەنە بىرى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، ئۇيغۇرلارنى قوللاۋاتقان تەشكىلات ۋە گۇرۇپپىلارنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلىرى بېكىتىلىپ چىقىلدى. مەسىلەن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇساپىرلارنى قايتۇرۇپ بەرمەسلىك قانۇنى بار. ئەمما ئۇ ئىجرا قىلىنمايۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز كېرەك. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن ئۇيغۇر مۇساپىرلار توغرىسىدا يېڭى قارارلار ماقۇللىتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش كېرەكلىكى قارار قىلىندى. يەنە بىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ پاناھلىق تىلىشىگە ئاسانلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن مۇساپىرلار قوللانمىسى تۈزۈپ چىقىش. ئۇيغۇرلار قانداق كىشى ‹مۇساپىر› دەپ ھېسابلىنىدۇ، بۇلارنى ياخشى بىلمەيدۇ. شۇڭا بۇ قوللانمىدا بۇ ھەقتە ئەتراپلىق مەلۇمات بېرىلىدۇ.
يەنە بىرى، خەلقئارا ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش. مەتبۇئاتلار بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىش. مەسىلەن، ئۇيغۇرلار نېمە ئۈچۈن ئۆز ۋەتىنىنى تاشلاپ چەتئەللەرگە قېچىشقا مەجبۇر بولۇۋاتىدۇ؟ بۇ ھەقتە خەۋەر ۋە ماقالىلەرنى ئېلان قىلدۇرۇش. دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەت ۋە پارلامېنتلىرىغا ئۇيغۇر مۇساپىرلار ھەققىدە قارارلارنى ماقۇللاتقۇزۇش. شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ خىزمەتچىلىرىنى چاقىرىپ مۇساپىرلار مەسىلىسى توغرىسىدا كۇرسلارنى چاقىرىش.»
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ يىغىننى چاقىرىشتىكى مۇھىم سەۋەبلەردىن بىرىنىڭ تايلاند ۋە مالايشىيا ئارقىلىق تۈركىيەگە كەلگەن ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلىش ئىكەنلىكىنى، شۇڭا بۇ قارارغا بۇ مەسىلە توغرىسىدىمۇ مۇھىم ماددىلار كىرگۈزۈلگەنلىكىنى بايان قىلدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تايلاندتىكى ئىشخانىسى بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ ھازىرغىچە تايلاندتا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ باشقا بىر دۆلەتكە كېتىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىزدىنىش.
شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئارقىلىق تۈركىيەگە كەلگەن مۇساپىرلارنىڭ قانۇنلۇق تۇرۇش ۋە نوپۇس ئىشلىرىنى، ئىشلەش رۇخسىتىنى، بالىلىرىنى مەكتەپكە تىزىمغا ئالدۇرۇش ۋە ھەقسىز داۋالىنىش ئىشلىرىنى ھەل قىلىشقا ياردەم قىلىش. بۇلارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە تۈركىيەدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش. دۇنيانىڭ ھەرقايسى دۆلەتلىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاممىۋى تەشكىلات ئۆزى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردىكى تۈرك ئەلچىخانىلىرىغا بۇ مەسىلىلەرنى دەپ ھەل قىلدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىش. سۈرىيە باشقا دۆلەتلەرگە كېتىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلارغا ئىدىيىۋى خىزمەت ئىشلەپ توسۇش قاتارلىق قارارلار ئېلىندى.»
25-، 62-ئاپرېل كۈنلىرى گېرمانىيەنىڭ پايتەختى بېرلىندا چاقىرىلغان «خەلقئارا ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسى» يىغىنىدا ماقۇللانغان بۇ پائالىيەت پىلانى پۈتۈن تەشكىلاتلارغا تارقىتىپ بېرىلگەن بولۇپ، ھازىردىن باشلاپ بۇنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بېرىلىدىكەن.