د ئۇ ق نىڭ تەشەببۇسى بىلەن 26 – مارت كۈنى «5000 كىشىلىك نامايىش تەشۋىقات گۇرۇپپىسى» قۇرۇلۇپ خىزمەتلىرىنى باشلىدى.
26 – مارت كەچ سائەت 8 بىلەن د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا يېتەكچىلىكىدە باشلانغان بۇ يىغىنغا گېرمانىيە، نورۋېگىيە، شۋېتسىيە، گوللاندىيە قاتارلىق ئەللەردىن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بەلگىلىك تەسىرى بولغان 7 نەپەر تەشۋىقات ماھىرلىرى قاتناشتى. يىغىن 2 سائەت داۋام قىلدى.
نەق مەيداندىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ تەشۋىقات گۇرۇپپىسىنىڭ ئاساسلىق مەقسىدى 4 – ئاينىڭ 27 – كۈنى بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدىكى ياۋرۇپا پارلامېنتى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان 5 مىڭ كىشىلىك نامايىشنىڭ سەپەرۋەرلىك خىزمەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش شۇنداقلا خىتاينىڭ تەتۈر تەشۋىقاتلىرىغا زەربە بېرىشتىن ئىبارەت بولۇپ، د ئۇ ق بىۋاستە ئورۇنلاشتۇرغان بۇ قېتىمقى نامايىشقا گېرمانىيە، ئەن´گىلىيە، فرانسىيە، نورۋېگىيە، گوللاندىيە، شۋېتسىيە، شۋېتسارىيە، فىنلاندىيە، ئاۋىسترىيە، تۈركىيە، ياپونىيە، ئاۋسترالىيە، كانادا، ئامېرىكا قاتارلىق 10 دىن ئارتۇق دۆلەتتىن 5 مىڭدىن ئارتۇق كىشى قاتنىشىدىكەن.
26 – مارت قۇرۇلغان «5000 كىشىلىك نامايىش تەشۋىقات گۇرۇپپىسى» يىغىنىغا قاتناشقان د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، بۇنداق بىر گۇرۇپپىنى قۇرۇشنىڭ زۆرۈرىيىتى ۋە مەقسىتى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتتى.
پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندىنىڭ ئىزاھلىشىچە، 15 – مارت كۈنى ئۇيغۇر خانىم – قىزلىرىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن 14 دۆلەت، 18 شەھەردە ئېلىپ بېرىلغان «بىر ئاۋاز، بىر قەدەم» نامايىشىدىن كېيىن، خىتاي دائىرلىرى غەرب ئەللىرىدە ياشاۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارغا تېلېفون ئارقىلىق تەھدىتلەر سېلىپ، بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان 5 مىڭ كىشىلىك نامايىشقا توسالغۇ پەيدا قىلىش ھەرىكىتىنى باشلىغان.
د ئۇ ق نىڭ 5 مىڭ كىشىلىك نامايىش چاقىرىقى بۇندىن 2 ئاي ئىلگىرى باشلانغان. مەلۇم بولۇشىچە، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى بۇ قېتىمقى نامايىش ئۈچۈن پائال ھەرىكەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى يالغۇز د ئۇ ق ئۇچۇر - تەشۋىقات مەركىزى ئاساسلىق ۋەزىپە ئورنىدا زىممىسىگە ئېلىپلا قالماي، يەنە غەرب دېموكراتىك ئەللىرىدىكى كۆپلىگەن ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە شەخسلەرمۇ ئۆزلىكىدىن بەس – بەستە تۈرلۈك ئۇسۇللاردا تەشۋىقات خىزمەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا پائال سەپەرۋەرلىك قوزغاپ، ئۇيغۇر جامائىتىنى د ئۇ ق نىڭ 5 مىڭ كىشىلىك نامايىش تەشەببۇسىغا يېقىندىن ئاۋاز قوشۇشقا رىغبەتلەندۈرۈپ كەلگەن. بۇ ساھەدە ئاكتىپ رول ئوينىغان 7 نەپەر تەشۋىقات ماھىرى بۇ قېتىم «5000 كىشىلىك نامايىش تەشۋىقات گۇرۇپپىسى» غا جەم بولغان.
د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى سەمەت ئابلا ئەپەندى بۇ توغرىسىدا پىكىر بايان قىلغاندا، د ئۇ ق ئورۇنلاشتۇرغان 5 مىڭ كىشىلىك نامايىشنى قوللاش ۋە ئۇنىڭغا ئىشتىراك قىلىشنىڭ ياۋروپادىكى ھەربىر ئۇيغۇرنىڭ ۋەزىپىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ سۆزىدە يەنە، 26 – مارت ئۆتكۈزۈلگەن «5000 كىشىلىك نامايىش تەشۋىقات گۇرۇپپىسى» يىغىنىنىڭ ئەھمىيەتلىك بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
«5000 كىشىلىك نامايىش تەشۋىقات گۇرۇپپىسى» ئەزالىرى 26 – مارت ئاچقان يىغىنىدا «قانداق قىلغاندا 27 – ئاپرېلدىكى نامايىشقا تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئىشتىراك قىلىشىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ؟ خىتاينىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى نامايىشتىن سوۋۇتۇش ئۈچۈن تور سەھىپىلىرى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئېلىپ بېرىۋاتقان سەپسەتىلىرىگە قانداق قىلغاندا ئۈنۈملۈك زەربە بەرگىلى بولىدۇ؟ » دېگەن ئاساسىي تېمىدا مۇزاكىرىلەر ئېلىپ باردى ھەمدە ھەربىر ئەزا ئۆز ئىمكانلىرى دائىرىسىدە «facebook»، «skype »، «whatsup » قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تۈرلۈك سىن فىلىملىرى، نەق مەيدان زىيارەتلىرى ئارقىلىق د ئۇ ق نىڭ 5 مىڭ كىشىلىك نامايىش چاقىرىقىنى قوللاش جەھەتتە خىزمەت تەخسىماتلىرىنى بەلگىلىدى.
د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ بىلدۈرىشىچە، د ئۇ ق تەشەببۇس قىلىۋاتقان 5 مىڭ كىشىلىك نامايىشنىڭ مەقسىتى؛ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان «يېپىق تەربىيىلەش مەركىزى» نامىدىكى جازا لاگېئىرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باستۇرۇش سىياسىتىگە كەڭ كۆلەمدە نارازىلىق بىلدۈرۈش ۋە ياۋرۇپا پارلامېنتىنى خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە قىستاشتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ پائالىيەتكە دۇنيانىڭ ھەر يەرلىرىدىن كەلگەن 5 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ قاتنىشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتىكەن.