خىتاي دائىرىلىرى ئەدىب نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ ئەسەرلىرىنى نەشر قىلىشنى چەكلىگەن

0:00 / 0:00

يېقىندا ياپونىيەدىن ۋەتەنگە زىيارەتكە بېرىپ كەلگەن بىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلىكى تۈپەيلىدىن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ قارارىغا ئاساسەن، نەشرىيات-ئاخبارات ئىدارىسى ئىلگىرى گېزىت-ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان بىر قىسىم ئەدىبلەرنىڭ ئەسەرلىرىنى قايتا نەشر قىلىشنى چەكلىگەن.

خىتاي دائىرىلىرى قايتا نەشر قىلىشنى چەكلىگەن ئەسەرلەر قاتارىدىن 80-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ «ئەركەك قەلەمكەش» دېگەن نام-ئاتاقلار بىلەن كەڭ خەلق تەرىپىدىن ئەسەرلىرى قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشكەن ئەدىب، ئىنقىلابچى نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ «جاھالەت پىرلىرى شىنجاڭدا» ناملىق كۆپ قىسىملىق تارىخىي ئەسىرىمۇ ئورۇن ئالغان.

ئەدىب نىزامىدىن ھۈسەيىنىڭ «جاھالەت پىرلىرى شىنجاڭدا» ناملىق تارىخىي ئەسىرى ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان ۋەقپىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى، تەتقىقاتچى ئابدۇجېلىل تۇران بۇ ھەقتە توختىلىپ ئۆتتى.

نىزامدىن ھۈسەيىن 1928-يىلى 8-ئايدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ قاغىلىق ناھىيىسى چوپان يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئەسلى ئىسمى توختى مەمەت ئاخۇن بولۇپ، 1944-يىلىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دەۋرىدە، قاراقۇرۇم تاغلىرىدىكى قوراللىق پارتىزان قىسىملىرىغا قاتنىشىپ، رازۋېدچىك ۋە ئوفىتسېر بولغان.

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى بىلەن گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن 11 بېتىمدىن كېيىن گومىنداڭچىلار تەرىپىدىن قاغىلىق، يەكەنلەردە بىر مەزگىل قامالغان. كېيىن تۈرمىدىن قېچىپ، نىزامىدىن ھۈسەيىن ئىسىملىك كىشىنىڭ كىملىكى بىلەن يەكەندىن ئۈرۈمچىگە قېچىپ كەلگەن. شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇ، نىزامدىن ھۈسەيىن دېگەن ئىسىمنى قوللىنىپ كەلگەن.

1947-يىلى شىنجاڭ ئىنستىتۇتىنىڭ يەنى ھازىرقى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ-جۇغراپىيە فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرىپ، مەزكۇر فاكۇلتېتتا مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ قولىدا ئوقۇغان. 1950-يىلى ئوقۇشنى تاماملاپ «شىنجاڭ گېزىتى» دە مۇخبىر ۋە تەھرىر بولۇپ ئىشلىگەن. مۇخبىرلىق خىزمىتى جەريانىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ بىر قىسىم جايلىرىنى تەپسىلىي زىيارەت قىلىپ، بۇ جەرياندا نۇرغۇنلىغان قەدىمىي كىتاب ۋە ماتېرىياللارنى توپلىغان.

ئەدىب نىزامىدىن ھۈسەيىن 1958-يىلى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «ئەشەددىي ئوڭچى، يەرلىك مىللەتچى» دەپ قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغان.

1958-يىلدىن 1978-يىلغىچە بولغان 20 يىللىق تۈرمە ھاياتى جەريانىدا ئۇ، جەمئىي 13 قېتىم تۈرمىدىن قاچقان. ئۇ، شۇ جەريانلاردا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ ھەر قايسى بۇلۇڭ ‏- پۇچقاقلىرىغا بېرىپ، مۆكۈنۈپ يۈرگەن. ئاخىرى ئۆز يۇرتىدا تۇرالماي، خىتاينىڭ خېيلوڭجاڭ ئۆلكىسى ۋە بېيجىڭ شەھەرلىرىدىمۇ بىر مەزگىل سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن. بېيجىڭدا قولغا ئېلىنىپ لۇئىگوچۈ تۈرمىسىگە چەتئەللىك مەھبۇسلار بىلەن بىرگە قامالغان، كېيىن ساقچىلار ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن ئۈرۈمچىگە ئېلىپ بېرىپ، تۈرمىگە تاشلىغان ۋە مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان.

1978-يىلى 10-ئايدا خىتاي سىياسىتىنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلىپ «شىنجاڭ گېزىتى» ئىدارىسىگە قايتىدىن خىزمەتكە چۈشۈپ،مۇخبىرلىق، تەھرىرلىك خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرغان.

1980-يىلدىن باشلاپ «يولسىز ئەقىدە»، «قاراقۇرۇم ئۇيغۇرلىرىنىڭ ھازىرقى زاماندىكى ئۆرپ-ئادەتلىرى»، «تاجىكلار ھاياتىدىن خاتىرىلەر»، «جاھالەت پىرلىرى شىنجاڭدا»، «كېيىنكى ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخى ئوچېركلىرى» ۋە «بىزدىكى ئىللەتلەر » قاتارلىق نادىر ئەسەرلەر بىلەن ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە قايتىدىن شۆھرەت قازانغان.

ئەدىب نىزامىدىن ھۈسەيىن يەنە مەخپىي ھالدا، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن چەكلەنگەن ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت بولغان مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ «شەرقىي تۈركىستان تارىخى»، پولات قادىرىنىڭ «ئۆلكە تارىخى» قاتارلىق كىتابلارنى كۆپەيتىپ باستۇرۇپ، جەمئىيەتتىكى ئۆزىنىڭ مەسلەكداشلىرىغا،ئۈرۈمچىدىكى بىر قىسىم ئالىي مەكتەپلەردىكى ۋەتەنپەرۋەر ئوقۇغۇچىلارغا تارقاتقان.

مەرھۇمنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نىزامىدىن ھۈسەيىن 1997-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى (دۈشەنبە) كەچ سائەت 10.00 ئەتراپىدا ئۆز ئۆيىدە «5-فېۋرال ئىلى ۋەقەسى»، «25-فېۋرال ئۈرۈمچى ئاپتوبۇس پارتلىتىش ۋەقەسى» گە قوماندانلىق قىلغان «باش جىنايەتچى» دېگەن گۇمان بىلەن قولغا ئېلىنىپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 3-تۈرمىگە قامالغان.

نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ يېشى شۇ مەزگىلدە 70 دىن ئاشقان بولۇپ، تۈرمىدە خىتاي ساقچىلىرىنىڭ رەھىمسىزلەرچە قىيىن-قىستاققا ئېلىشىغا، تەن جازاسىغا ئۇچرىغان. شۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭ سالامەتلىكى تۈرمىدە ئىنتايىن ناچارلاشقان. 1998-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى يەنى قۇربان ھېيتقا بىر كۈن قالغاندا، ئۇ تۈرمىنىڭ دوختۇرخانىسىدا سەكراتقا چۈشۈپ قالغان، ساقچى دائىرىلىرى ئامالسىزلىقتىن ئۇنى ئائىلىسىدىكىلەرگە تاپشۇرۇپ بەرگەن. نىزامىدىن ھۈسەيىن شۇ كۈنى كېچىدە ئۆز ئۆيىدە ۋاپات بولغان.

مەرھۇمنىڭ جىنازا نامىزى ساقچىلارنىڭ نازارىتى ئارقىسىدا ئۈرۈمچى قىزىلتاغ مەسچىتىدە ئوقۇلۇپ، ئۈرۈمچى شەھەر ئىچىدىكى مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقىغا دەپن قىلىنىشى چەكلىنىپ،ساقچىلارنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە شەھەر سىرتىدىكى تىكقۇدۇق يەنى يېكەن كۆل ئەتراپىدىكى قەبرىستانلىقىغا قويۇلغان.

مەرھۇم ئەدىب، ئىنقىلابچى نىزامىدىن ھۈسەيىن بىلەن ئىلگىرى ۋەتەندە كۆپ سۆھبەتلەردە بولغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا مەرھۇم ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.