خىتاي دائىرىلىرى چەتئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ نىكاھ ئىسپاتىنى قىيىنلاشتۇردى

0:00 / 0:00

خىتاي خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى يېقىندا بەزى دۆلەتلەردىكى خىتاي پۇقرالىرىغا «نىكاھ ئەھۋالى ئىسپاتى» بېجىرىپ بەرمەيدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

خېشۇن تورىنىڭ 24-ئاۋغۇست(دۈشەنبە)كۈنى تارقاتقان خەۋىرىدە بولسا «خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى جامائەت خەۋپسىزلىك ئورۇنلىرى چىقىرىشقا تېگىشلىك بولمىغان 18 خىلدىن ئارتۇق ئىسپاتنى چىقىرىشنى بىكار قىلدى» دەپ ئېلان قىلىنغان.

خىتاي خەۋەر ئاگېنتلىقى تورىنىڭ 17-سېنتەبىردە خىتاي خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىدىن نەقىل قىلىپ ئېلان قىلغان خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، خىتاي خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى قارمىقىدىكى ئالاقىدار ئىدارە ئورۇنلار قازاقىستان، فىنلاندىيە، ئاۋسترىيە، گوللاندىيە، گېرمانىيە، ئارگېنتىنا، ئۇراگىۋاي، مېكسىكا، پولشا، تەيۋەن قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلاردا ياشاۋاتقان ھەر قانداق خىتاي پۇقراسىغا ۋە ئورگانلارغا نىكاھ ئىسپاتى چىقىرىپ بېرىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدىكەن.

مەزكۇر دۆلەتلەردىن باشقا دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان خىتاي پۇقرالىرىغا بولسا، نىكاھلانغۇچىلارنى تىزىملاش خاتىرىسى ئىسپاتى ياكى نىكاھلانمىغانلىق ئىسپاتى دېگەندەك ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى چىقىرىپ بېرىلمەيدىكەن. شىنخۇا تورىدا ئاشكارىلانغان بۇ بەلگىلىمىدە، شىۋېتسىيە دۆلىتى تىلغا ئېلىنمىغان بولۇپ، شىۋېتسىيە تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ كاتىپى شۇنداقلا شىۋېتسىيە نىكاھ قانۇنلىرى ھەققىدە مەلۇماتقا ئىگە دىنىي زات ئابدۇللاھ كۆكيار ئەپەندى بۇ ھەقتە ئۆز كۆز قاراشلىرىنى مۇنداق بايان قىلدى:
«مۇبادا، شىۋېتسىيە خىتاينىڭ ‹نىكاھلانغۇچىلارنى تىزىملاش خاتىرىسى ئىسپاتى ياكى نىكاھلانمىغانلىق ئىسپاتى› بېجىرىپ بېرىلمەيدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكىدە بولۇپ قالغان تەقدىردە، شىۋېتسىيەگە شەرقى تۈركىستاندىن كۆچمەن بولۇپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ شىۋېتسىيەدە قانۇنلۇق توي قىلىش ئىشلىرى بەلگىلىك تەسىرگە ئۇچرايدۇ. گەرچە شىۋېتسىيە نىكاھ قىلىش، توي خېتى چىقىرىش قاتارلىق ئائىلە ئىشلىرىنى رەتكە سېلىپ باشقۇرۇشقا ئالاقىدار قانۇنىي رەسمىيەت بېجىرىش ئىشلىرىدا چېركاۋ ۋە مەسچىتنى مەركەز قىلغان، دىنىي ئورگانلارغا ئالاھىدە ھوقۇق بەرگەن بولسىمۇ، توي قىلماقچى بولغان ھەر مىللەت شۋېد پۇقرالىرى چېركاۋ ياكى مەسچىتكە بېرىپ نىكاھ قىلىشقا ئىلتىماس قىلىشتىن ئاۋۋال، شىۋېتسىيە باج ئىدارىسى باشقارمىسىدىن نىكاھلانغۇچىلارنى تىزىملاش خاتىرىسى ئىسپاتى ياكى نىكاھلانمىغانلىق ئىسپاتى چىقىرىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلىپ، مەزكۇر ئورۇندىن ئىسپات ئېلىپ ئاندىن مەسچىت ياكى چېركاۋلارغا مۇراجىئەت قىلىشى ئالاھىدە تەلەپ قىلىنىدۇ.»

ئۇ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ خىلدىكى نىكاھ ئىسپاتىنى بەزى دۆلەتلەردە چىقىرىپ بېرىشنى چەكلىشى، ئەگەر چىقىرىپ بەرمىگەن ئەھۋال ئاستىدا قانۇنىي ۋاسىتىلەر بىلەن ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە بەزى مەسىلىلەرنى ئەسكەرتتى.

مۇبادا نىكاھ ئوقۇشقا قانۇنىي رۇخسىتى بار بېرە شەخس ياكى مەسچىت، چېركاۋ قاتارلىق دىنىي ئورگانلار، باشقىلارنىڭ تەڭلىككە سېلىشى سەۋەبلىك توي قىلماقچى بولغان ئەر، ئاياللارنىڭ نىكاھىنى يۇقىرىدا تەپسىلىي دېيىلگەن قانۇنىي رەسمىيەت ۋە شەرتلەرنى ھازىرلىماستىن، يەرلىك ئۇسۇل بويىچە نىكاھ ئوقۇپ قويسا، نىكاھ ئوقۇغۇچىنىڭ قانۇنىي نىكاھ ئوقۇش سالاھىيىتى ئېلىپ تاشلانغاندىن سىرت، مەسىلىنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكىگە قاراپ قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلىدىكەن.