11-ماي كۈنى نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى 2013-يىللىق سايلام پائالىيىتى ئېلىپ بېرىپ، كومىتېتنىڭ يېڭى رەھبەرلىرىنى سايلاپ چىقتى.
نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى 2003-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، كومىتېتنىڭ نىزامنامىسى بويىچە ھەر ئۈچ يىلدا بىر قېتىم دېموكراتىك ئۇسۇلدا سايلام ئېلىپ بېرىش بېكىتىلگەن ئىدى. شۇ نىزامنامىگە ئاساسەن، بۇ يىلقى 5-قېتىملىق سايلام پائالىيىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن تەشكىلات رەھبەرلىرى ئايلاردىن بۇيان ئەتراپلىق تەييارلىق قىلغان ۋە بىر سايلام گۇرۇپپىسى قۇرۇپ چىقىلغان ئىدى.
شەنبە كۈنىدىكى سايلام پائالىيىتى باشلىنىشتىن ئىلگىرى، شەرقىي تۈركىستان ئىستىقلال مارشى ياڭرىغاندا سايلام ئىشتىراكچىلىرى قوللىرىنى كۆكسىگە قويۇپ مارش تۈگىگىچە ھۆرمەت بىلەن ئۆرە تۇردى. ئاندىن سابىق رەئىس پەرھات ياقۇپ ئەپەندى بۈگۈنكى سايلامنىڭ كۈن تەرتىپلىرىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئۆزى ۋەزىپىدە ئولتۇرغان ئۈچ يىلدىن بېرى ئىشلىگەن خىزمەتلىرىنى دوكلات قىلدى.
پەرھات ياقۇپ ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىنى بۇ يەردە بولىدىغان ھەر قانداق سىياسىي پائالىيەتكە قاتنىشىش ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ ۋىجدانى قەرزى ۋە ۋەزىپىسى دەپ ئاخىرلاشتۇردى.
مۇئاۋىن رەئىسلەر ۋە مالىيىگە مەسئۇل رەھبەرلەرمۇ ئۆز خىزمەتلىرىدىن دوكلات بېرىپ ئۆتكەندىن كېيىن، يىغىن كۈنتەرتىپىگە ئاساسەن ئۈچ كىشىلىك سايلام نازارەت گۇرۇپپىسى قۇرۇلۇپ سايلام جەريانى نازارەت قىلىندى ۋە دېموكراتىك ئۇسۇلدا كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى پۈتۈنلەي يېڭىدىن سايلاپ چىقىلدى.
كۆپچىلىكنىڭ بىردەك ئاۋاز بېرىشى بىلەن نىغمەت ھاجىم نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى. «بىز بۇ يەردە، ۋەتەندە بىگۇناھ شېھىت قىلىنغانلارنىڭ ۋە تۈرمىدە يېتىۋاتقانلارنىڭ قان-ياشلىرى بەدىلىگە ياشاۋاتىمىز» دەپ سۆزگە چىققان نىغمەت ھاجىم نۇتقىنى ھاياجان بىلەن داۋاملاشتۇردى.
نورۋېگىيەنىڭ پايتەختى ئوسلو ۋە ئوسلو ئەتراپىدىكى چوڭ-كىچىك شەھەرلەردىن كەلگەن يۈزگە يېقىن كىشىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن سايلام پائالىيىتى ئىنتايىن نەتىجىلىك ئېلىپ بېرىلدى ۋە ئىلگىرى ۋەزىپىدە تۇرغانلارنىڭ ئىشلىگەن خىزمەتلىرىگە رەھمەتلەر ئېيتىلدى ھەمدە كۆپچىلىك سابىق رەئىس پەرھات ياقۇپ ئەپەندىنى گۈلدەستە بىلەن ئۇزىتىپ قويدى. ئاخىرىدا كۆپچىلىك مەززىلىك ئېتىلگەن تاماقلارغا داخىل بولۇپ شېھىتلارنىڭ روھىغا دۇئا قىلىپ، سايلام پائالىيىتىنى كۆڭۈللۈك ئاخىرلاشتۇردى.