مەلۇم بولۇشىچە، تۈركىيەدىن يۇرتى بورتالاغا قايتقان ۋە كېسىلىپ كەتكەن 6 ئوقۇغۇچىنىڭ ئاتا-ئانىلىرىمۇ ئەينى چاغدا تۇتقۇن قىلىنىپ سوراق قىلىنغان؛ ئەمما ئۇلارنىڭ تۇتقۇندىن كېيىنكى ئاقىۋىتى مەلۇم ئەمەس. مۇخبىرىمىز بۇ ئاتا-ئانىلاردىن لىۋايىدىن بىلەن دىلھاياتنىڭ ئەھۋالىنى ئېنىقلىشى جەريانىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تەيىنلەنگەن سابىق رەئىسى نۇر بەكرىنىڭ بورتالادىكى بىر باجىسىنى زىيارەت قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. نۇر بەكرىنىڭ باجىسى مەزكۇر تۇتقۇنلار ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى قوپاللىق بىلەن رەت قىلىش بىلەن بىرلىكتە، نۇر بەكرىنىڭ بورتالادىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن بىرمۇ كىشىنىڭ تۇتۇلمىغان ۋە كېسىلمىگەنلىكىنى ماختىنىش بىلەن بايان قىلدى.
تۈركىيەدىن يۇرتىغا قايتقان 6 ئوقۇغۇچىنىڭ ئالدى 12 يىللىق، ئارقىسى 5 يىللىقتىن كېسىلگەنلىكى ھەققىدە رادىيومىزغا كەلگەن ئۇچۇردا ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنىڭمۇ تۇتۇپ سوراق قىلىنغانلىقى، ئەمما ئاتا-ئانىلىرىنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ مەلۇم ئەمەسلىكى يېزىلغان ئىدى. ئىنكاستا يېزىلىشىچە، تۈركىيەدە ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن جازالانغان ئاكا-ئۇكا ئوقۇغۇچى مەھكۇملاردىن جەۋلان بىلەن كەۋسەرنىڭ دادىسىنىڭ ئىسمى لىۋايىدىن، يەنە بىر ئوقۇغۇچى مەھكۇمنىڭ دادىسىنىڭ ئىسمى دىلھايات ئىكەنلىكى يېزىلغان. ئىنكاستا يەنە بۇ ئىككىسىنىڭ نۇر بەكرىنىڭ بورتالادىكى بىر باجىسى بىلەن تونۇشىدىغانلىقى ۋە باردى-كەلدى قىلىدىغانلىقى يېزىلغان. شۇڭا بىز ئوقۇغۇچى مەھكۇملارنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئاقىۋىتىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن نۇر بەكرىنىڭ مەزكۇر باجىسىغا تېلېفون قىلدۇق.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا قاتتىق زەربە بېرىش دولقۇنى باشلانغاندىن بۇيان، بولۇپمۇ بۇ يىلقى قاتتىق زەربە بېرىش دولقۇنىدا ھەرقايسى ناھىيە- شەھەرلەردە «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» كەڭ كۆلەمدە ئېچىلىپ، ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ھەممە ساھەسىدىن، ھەتتا خىتاي ھاكىمىيىتى ئۈچۈن ئاكتىپ خىزمەت قىلىۋاتقان سىياسىي-قانۇن ساھەسىدىنمۇ بىر تۈركۈم كىشىلەر ۋە ياكى ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى تۇتۇلغان. بىز بۇ كەڭ كۆلەمدە داۋام قىلىۋاتقان خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش شامىلىنىڭ نۇر بەكرىنىڭ بورتالادىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا چېتىلغان -چېتىلمىغانلىقىنى نۇر بەكرىنىڭ باجىسىدىن سورىدۇق. ئۇ بورتالادىكى 6 ئوقۇغۇچى مەھكۇمنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە گەپ قىلىشنى خالاپ كەتمىدى ۋە بۇنىڭ سۈرۈشتە قىلىنىشىغا بىرئاز چېچىلغان ھالدا نۇر بەكرىنىڭ بورتالادىكى يىراق- يېقىن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن بىرمۇ كىشىنىڭ تۇتۇلمىغانلىقىنى ماختىنىش بىلەن بايان قىلدى.
تۈركىيەدىن بورتالاغا قايتقان 6 ئوقۇغۇچىنىڭ كېسىلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋىرىمىز ئالدىنقى كۈنى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، يۇرتى بورتالادىكى ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن بىرى بۈگۈن رادىيومىزغا ئۇچۇر يوللاپ، لىۋايىدىننىڭ قاتناش ئىدارىسىدا ئىشلەيدىغانلىقى، دىلھاياتنىڭ بولسا بىر كەنت سېكرىتارى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى، ئەمما بۇ ئىككىسىنىڭ تۇتقۇندىن كېيىنكى ئاقىۋىتىدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۆزىنى ئاشكارىلىمىغان بۇ ئاڭلىغۇچىمىزنىڭ ئىنكاس خېتىدە يەنە مەزكۇر 6 ئوقۇغۇچىدىن ئىسىملىرى تېخى ئايدىڭلاشمىغان ئىككى نەپىرىنىڭ بىرسى پەرۇخ، يەنە بىرسى گۈلشەن ئىكەنلىكى يېزىلغان.
0:00 / 0:00
