20-سېنتەبىر كەچقۇرۇن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ چوڭ ئاخبارات ئورگىنى بولغان مەركىزىي خەلق تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 13-قانىلىدا خىتاي دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، دۆلەتلىك ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى ھەم ئىدارە باشلىقى بولغان نۇر بەكرىنىڭ «ئىنتىزامغا ۋە قانۇنغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە باشقا ئورۇنلارنىڭ تەكشۈرۈشىگە ئېلىپ كېتىلگەنلىكى» ھەققىدە خەۋەر بېرىلدى.
مەزكۇر خەۋەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «كارنىيى» بولغان شىنخۇا ئاگېنتلىقىدىمۇ 21-سېنتەبىر كۈنى سەھەردە تارقىتىلدى. ئەمما ئۇنىڭدىمۇ نۇر بەكرىنىڭ «ئىنتىزامغا ۋە قانۇنغا خىلاپلىق» قىلغانلىقىنى تەكرارلاشتىن باشقا بۇ قېتىمقى «تەكشۈرۈش» نىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىشارە قىلىدىغان ھېچقانداق مەلۇمات كۆزگە چېلىقمايدۇ. ئەمما بۇ ۋەقەنىڭ مەركىزىي سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇدىرى گو شېڭكۇن 21-سېنتەبىر كۈنى ئۈرۈمچىدە خىزمەت تەكشۈرۈشىدە بولغاندا «تەربىيەلەش ئارقىلىق ئۆزگەرتىش» خىزمىتىنى تېخىمۇ چىڭ تۇتۇپ ئىشلەش توغرىلىق يوليورۇق بېرىش بىلەن بىرلا ۋاقىتتا يۈز بېرىشى دىققەت قوزغىماقتا.
خىتايدىكى مىنىستىر دەرىجىلىك ئەمەلدار نۇر بەكرىنىڭ «تەكشۈرۈش» كە ئېلىپ كېتىلگەنلىكى ھەققىدىكى رەسمىي خەۋەرنىڭ مۇشۇ يوسۇندا تارقىلىشى بىلەن خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا توختىماستىن مۇھاكىمە قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلار مەسىلىسى يەنە بىر قېتىم قىزىق تېمىلاردىن بولۇشقا باشلىدى. «ۋول-سترېت ژۇرنىلى»، «ۋاشىنگتون پوچتىسى»، «مالىيە ۋاقتى» قاتارلىق چوڭ گېزىتلەردە ئارقىمۇ ئارقىدىن بۇ ھەقتە مۇلاھىزە ماقالىلىرى ئېلان قىلىندى. بۇ ماقالىلاردا بىردەك خىتايدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ «ئىنتىزامغا ۋە قانۇنغا خىلاپلىق قىلىشى» سەۋەبلىك تەكشۈرۈشكە ئېلىپ كېتىلىشىنىڭ ھەرقاچان شۇ كىشىنىڭ پۈتۈن مەنسەپلىرىدىن مەھرۇم بولۇش ۋە تۈرمىگە بېرىشىدىكى بىرىنچى قەدەم ئىكەنلىكى ئالاھىدە قەيت قىلىندى. خىتايدىكى «سىنا خەۋەر مەركىزى» نىڭ بىلدۈرىشىچە، پارىخورلۇق بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان نۇر بەكرى يېڭىلا 18-سېنتەبىر كۈنى موسكۋادىكى خىزمەت زىيارىتىدە مەخسۇس سۆز قىلغان ۋە يېڭىلا قايتىپ كەلگەن بولۇپ، سەپەرنىڭ ھاردۇقى چىقماي تۇرۇپلا «تەكشۈرۈش» كە ئېلىپ مېڭىلغان. بۇ ھەقتىكى ئەھۋاللارنى ئىگىلەش ئۈچۈن خىتاينىڭ دۆلەتلىك ئېنېرگىيە ئىدارىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ بېقىشقا تىرىشقان بولساقمۇ، قارشى تەرەپ بىلەن سۆزلىشىش ئىمكانى بولمىدى
«ۋول-سترېت ژۇرنىلى» نىڭ ماقالىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 57 ياشقا كىرگەن نۇر بەكرى ئۇيغۇرلاردىن ئەڭ يۇقۇرى دەرىجىلىك ئەمەل تۇتقان شەخس ھېساپلىنىدىكەن. 37 يېشىدا ئۈرۈمچىنىڭ شەھەر باشلىقى بولغان نۇر بەكرى ئارىدىن بىرنەچچە يىل ئۆتە-ئۆتمەيلا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولۇپ تەيىنلەنگەن ھەمدە ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ھەممىگە تونۇشلۇق شەخسكە ئايلانغان. 2008-يىلى بولسا ش ئۇ ئا ر پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى بولۇپ تەيىنلەنگەن. 2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل پاجىئەسى» دە سىياسىي مەيدانىنىڭ «قەتئىي» ئىكەنلىكىنى كۆپ قېتىم نامايەن قىلىپ، شۇ ۋاقىتتىكى پارتكوم سېكرېتارى ۋاڭ لېچۇەننىڭ ئىشەنچىگە ئېرىشكەن. كېيىنچە ۋاڭ لېچۇەننىڭ ئورنىغا چىققان جاڭ چۈنشيەن ئاشكار سورۇنلاردا نۇر بەكرىنى «توغرا-خاتانى ئېنىق كۆرەلەيدىغان مۇنەۋۋەر ئاز سانلىق مىللەت كادىرى» دەپ ماختىغان. ئەمما ئۇيغۇر زىيالىسى ئىلھام توختى ئەينى ۋاقىتتا نۇر بەكرىنى تەنقىدلەپ ئۇنى ئاشكارا ھالدا «لاياقەتلىك رەئىس ئەمەس» دېگەنلىكى مەلۇم.
ئاۋسترالىيەدىكى لاتروبى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جېيمىس لېيبولد «مالىيە ۋاقتى» گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ: «ھازىرچە بۇ ‹تەكشۈرۈش› نىڭ كونكىرت ئەھۋالى بىزگە نامەلۇم بولسىمۇ شۇ نەرسە ئېنىقكى، شى جىنپىڭ شىنجاڭدىكى ۋەزىيەتنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدىن رازى ئەمەس. چۈنكى نۇر بەكرى ۋە جاڭ چۈنشيەن ئىجرا قىلغان ‹سەۋزە بىلەن توقماقنى تەڭ قوللىنىش› ئارقىلىق مۇقىملىقنى ساقلاش ئۇسۇلى كارغا كەلمىدى، دەپ قارالماقتا» دېگەن.
ئامېرىكىدىكى سىياسىي پائالىيەتچى نۇرى تۈركەلمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاپراق كېتىدىغان قاراشتا. ئۇنىڭچە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ2017-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن 19-قۇرۇلتىيىدا نۇر بەكرىنىڭ قۇرۇلتاي ۋەكىللىكىگە سايلنىالماسلىقى ئەمىلىيەتتە ئاللىقاچان نۇر بەكرىنىڭ «تونىنى پىچىپ قويغانلىق» نىڭ ئالامىتى ئىكەن.
ئۇيغۇرلار دىيارىدا كۆپلىگەن ئۇيغۇر ئەمەلدارلارنىڭ «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ موللاق ئېتىۋاتقانلىقىنى، نۇر بەكرىنىڭمۇ شۇنداق بىر دولقۇنغا كېتىپ قېلىش ئېھتىمالىنىڭ بار-يوقلۇقى ھەققىدە سورىغىنىمىزدا نۇرى تۈركەل بۇنداق ئېھتىماللىقنىڭ يوقلۇقىنى، بۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان ئېرقچىلىق خاراكتېرىدىكى سىياسەتنىڭ مۇقەررەر ئاقىۋىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسامۇ نۇر بەكرىنىڭ موللاق ئېتىشىغا ئۇنىڭ «سىياسىي خاتالىقى» ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئۇيغۇر بولغانلىقىدەك ئالاھىدىلىكى سەۋەب بولغان دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتايدىكى كۆپلىگەن ئەمەلدارلارنىڭ موللاق ئېتىشتا «ئىقتىسادىي» مەسىلىگە چېتىلىدىغانلىقى ھەققىدە د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئوخشاش قاراشتا. ئەمما نۇر بەكرىگە كەلگەندە ئۇ ئۆزىنىڭ «پارىخورلۇق قىلغان» دېگەن سەۋەبكە ئانچە قوشۇلۇپ كەتمەيدىغانلىقىنى، بۇنىڭ پەقەت بىر باھانە بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى زامان تارىخىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەتىۋارلىنىشىغا ئېرىشكەن داڭدار شەخسلەر ھەققىدە سۆز بولغاندا تارىخشۇناس قاھار بارات بۇ ھادىسىلەردە ئوخشاش بىر تارىخىي قىسمەتنىڭ تەكرارلىنىشى مەۋجۇت، دەپ قاراشقا ماھىل. ئۇنىڭ پىكرىچە، خىتاي ھاكىمىيىتى ھەرقاچان باشقىلارنى ئىدارە قىلىشتا «ئۆز گۆشىنى ئۆز يېغىدا قورۇش» ئۇسۇلىنى قوللىنىپ كەلگەن ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدىن نۇر بەكرىگە ئوخشاش غالچىلارنى يېتىلدۈرۈپ چىققان. ئەمما تارىختىكى بۇ غالچىلارنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرىنى يېتىشتۈرگەن خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ قولىدا ھالاك بولغان. شۇڭا نۇر بەكرىنىڭ بۇ قېتىمقى موللاق ئېتىشىمۇ ھېچقانچە ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس.
نۇرى تۈركەلنىڭ قارىشىچە، نۇر بەكرىنىڭ قىسمىتى پىچىلىپ بولغان بولۇپ، بۇ ھال ئۇيغۇرلاردىن يېتىشىپ چىققان ھەرقانداق ئۇيغۇر ئەمەلدارنىڭ ۋاقتى كەلگەندە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەزىرىدە ئەرزىمەس شەيئىگە ئايلىنىپ قالىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. دولقۇن ئەيسامۇ ئۆزىنىڭ بۇ قاراشقا قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ «ئۇيغۇرنىڭ ئاتالمىشى ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۇيقۇسىنى ئاچىدىغان ۋاقتى بولدى» دېدى.
مەلۇم بولۇشىچە، نۇر بەكرىنىڭ موللاق ئېتىشى ھەققىدىكى مۇلاھىزىلەر ھەرقايسىي ئاخبارات ۋاستىلىرىدە كەڭ خەۋەر قىلىنىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭدىكى كونكىرت سەۋەبلەر ۋە باشقا تەپسىلاتلارنىڭ يېقىندا مەلۇم بولۇشى تەخمىن قىلىنماقتا.