«ئەل-جەزىرە» دىكى مۇنازىرە ئۇيغۇر داۋاسىنى خەلقئاراغا يەنە بىر قېتىم جانلىق تونۇتتى

0:00 / 0:00

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ۋەزىيەتنىڭ يېقىنقى تەرەققىياتى ھازىر ھەرقايسى دۇنياۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغاپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ ھال ئۆز نۆۋىتىدە دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى تەقدىم ئېتىپ كەلمەكتە. زامانىمىزدىكى ئاخبارات ساھەسىنىڭ دۇنياۋى مىقياستا جامائەتنىڭ چۈشىنىشىنى ۋە قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشتە ھەل قىلغۇچ رول ئويناشتەك خاراكتېرى سەۋەبىدىن بۇنىڭدىكى رىقابەت ۋە تالاش-تارتىشنىڭمۇ كەسكىن بولۇشى ئوتتۇرىغا چىقماقتا. 14-سېنتەبىر كۈنى ئوتتۇرا شەرق شۇنىڭدەك ئامېرىكا ۋە ياۋروپادا مىليونلاپ كىشى كۆرىدىغان «ئەل-جەزىرە» تېلېۋىزىيەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن مەھدى ھەسەن رىياسەتچىلىكىدىكى تېلېۋىزىيە سۆھبىتىنى بۇنىڭ بىر مىسالى دېيىشكە بولىدۇ.

بۇ قېتىمقى سۆھبەتكە ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ئادۋوكات، سىياسىي پائالىيەتچى نۇرى تۈركەل ۋە بېيجىڭدىكى «خىتاي ۋە يەرشارىلىشىش مەركىزى» نىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئەينى ۋاقىتتا خىتاي رەھبىرى دېڭ شياۋپىڭغا خاس تەرجىمان بولغان ۋېكتور گاۋ تەكلىپ قىلىنغان ئىدى.

بۇ قېتىمقى سۆھبەتتە نۇقتىلىق قىلىپ مىليونلاپ ئۇيغۇر قامالغان لاگېرلار مەسىلىسى مەركىزىي تېمىلاردىن بولدى. رىياسەتچى مەھدى ھەسەن ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلار ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتكەندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى سىياسىي، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە قانداق يەكلەۋاتقانلىقى، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلە ھەققىدە سۆز بولغاندا ئۆزلىرىنىڭ «تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىككە قارشى كۈرەش قىلىۋاتقانلىقى» نى باھانە قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. ئاندىن بۈگۈنكى سۆھبەتكە تەكلىپ قىلىنغان ۋېكتور گاۋدىن يۈز مىڭلاپ ئۇيغۇر ھېچقانداق سوت ياكى تەپتىشنىڭ ھۆكۈمى بولمىغان ئەھۋالدا قاماققا مەھكۇم قىلىنغان لاگېرلار مەسىلىسى ھەققىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانداق قاراشتا ئىكەنلىكىنى سورىدى.

ۋېكتور گاۋ بۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ، رىياسەتچى ئېيتقان ئەھۋاللارنىڭ پۈتۈنلەي ئاساسسىز گەپ-سۆزلەر ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىكى بەختىيار تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان مىللەتلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكى، ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بۇنداق «يالغان مەلۇماتلار» نىڭ كىشىلەرنى خاتا چۈشەنچىلەرگە باشلايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە بىر قىسىم «تېررورچى» ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولۇشنى ئىستەۋاتقانلىقى، بۇ «تېررورچى» كۈچلەرنىڭ چەتئەللەردىكى جىھادى كۈچلەر بىلەن بىرلىشىپ ئافغانىستان، سۈرىيە قاتارلىق جايلاردا ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب دۆلەتلىرىگە قارشى جەڭ قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر مۇشۇ خىل «تېررورچى» كۈچلەرنى باستۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

رىياسەتچى نۇرى تۈركەلگە سۆز بېرىپ، ئۇنىڭدىن بۇ مەسىلە ھەققىدە قانداق قارايدىغانلىقىنى سورىدى. نۇرى بۇنىڭغا قارىتا ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىشنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ سوئال قويۇپ «ئەگەر ئەھۋال راستتىنلا ئاشۇنداق بولسا، ئۇلار نېمە ئۈچۈن مۇستەقىل تەكشۈرگۈچىلەر ياكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئاشۇ جايلارغا بېرىشىنى مەنئى قىلىدۇ؟ يېقىندا ‹بازفېد› گېزىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە ماقالە يازغان مۇخبىرىنى خىتايدىن قوغلاپ چىقاردى. ئۇنداقتا، ئۇلار زادى نېمىنى يوشۇرۇۋاتىدۇ؟» دېدى.

بۇنىڭغا ئۇلاپلا رىياسەتچى ھازىر سۈنئىي ھەمراھتىن تارتىلغان سۈرەتلەرنىڭ لاگېرلارنى ئاشكارا كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ: «كۆزىمىز كۆرۈۋاتقان نەرسىلەرگىمۇ ئىشەنمەمدۇق؟» دەپ سورىغاندا ۋېكتور گاۋ يەنىلا بۇ ئۇچۇرلارنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، «شىنجاڭدىكى ئالتە-يەتتە مىليون ئۇيغۇردىن بىر مىليوننى لاگېرغا سولىۋالدى، دېگەن قانداق گەپ؟ بۇ پۈتۈنلەي تېتىقسىزلىق، بۇ پۈتۈنلەي يالغان. بۇ كىشىلەرنى خاتا قاراشقا ئاپىرىدىغان گەپ-سۆزلەر» دەپ جاۋاب بەردى.

رىياسەتچى شۇنىڭدىن كېيىن سۆز ئېلىپ، نۇرىدىن ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىگە تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقان تېررورلۇق كۈچلىرىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە قانداق قارايدىغانلىقىنى سورىدى. نۇرى بۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: «ھەرقانداق دۆلەتنىڭ ئۆز بىخەتەرلىكىنى قوغداش ھەققى بار. بۇ گەپ مۇشۇ يەردە تۈگىدى. ئەمما مۇقىملىق ۋە دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىنى باھانە قىلىپ مىليونلىغان ئادەمنى لاگېرلارغا سولىۋېلىش زادىلا چەك باسمايدىغان گەپ. ئەمدى ئۇلارنىڭ كىملەرنى لاگېرلارغا سولۇۋالغانلىقىغا قارايدىغان بولساق ھەيرانلىقتىن ياقىمىزنى تۇتماي تۇرالمايمىز: قاماقتىكى بۇ ئىنسانلارنىڭ كۆپى دىنىي ئۆلىمالار، ساخاۋەتچىلەر، سودىگەرلەر، ئىلمىي خادىملاردۇر. مەسىلەن ئالساق فولكلور ئالىمى راھىلە ۋە ئىقتىسادشۇناس ئىلھام توختى ئەنە شۇنداق كىشىلەر،» دېدى.

شۇنىڭدىن كېيىن رىياسەتچى مەھدى ھەسەن ۋېكتور گاۋغا قايتىدىن سوئال قويۇپ: «بىخەتەرلىك باھانىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ بالىلىرىغا مۇھەممەد دېگەندەك ئىسىملارنى قويۇشنى چەكلەش، ئۇلارنى مەسچىتتىن چەكلەش، ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرىنى روزا تۇتۇشتىن چەكلەش، ئەرلەرنىڭ ساقال قويۇشىنى چەكلەش دېگەندەك چەكلىمىلەرنى ئىجرا قىلىش» نى قانداق چۈشىنىش لازىملىقىنى سورىدى. ئەمما ۋېكتور گاۋ بۇنى قەتئىي ئىنكار قىلىپ: «بۇ پۈتۈنلەي يالغان گەپ. ئۇيغۇرلار دىنىي ئەركىنلىكتىن تولۇق بەھرىمەن بولۇۋاتىدۇ. ھازىر شىنجاڭدىكى مەسچىتلەر بەكمۇ ئاۋات،» دېدى.

نۇرى تۈركەل بۇنىڭغا قاتتىق رەددىيە بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ئۈچۈن ئىجرا قىلىۋاتقان تەدبىرلىرىنى بىر-بىرلەپ كۆرسەتتى ھەمدە خىتاينىڭ ھازىر خەلقئارالىق قانۇنلارغا خىلاپلىق قىلىشتىن سىرت ئۆز قانۇنلىرىغىمۇ خىلاپلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ سۆزىنى تۈگەتتى.

ئەمما ۋېكتور يەنىلا جاھىللىق بىلەن ئۆز بايانلىرىدا چىڭ تۇرۇپ، «ئۈچ خىل كۈچلەر» نىڭ تەھدىتى مەۋجۇت بولۇۋاتقان ئەھۋالدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر قاتار «بىخەتەرلىك» تەدبىرلىرىنى ئېلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى كونا مۇقامنى تەكرارلىدى.

شۇنىڭدىن كېيىن رىياسەتچى نۇرى تۈركەلگە بۇرۇلۇپ، نۆۋەتتە ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ «ئىنسان ھەقلىرى» ياكى «شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى» دىن قايسىسىنى نىشان قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە سوئال سورىدى. شۇنىڭدەك ئەگەر مۇستەقىللىق نىشان قىلىنسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭغا يول قويمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

نۇرى تۈركەل بۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ نۆۋەتتە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى ئۈچۈن تىنچ شەكىلدە كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرقاچان باراۋەرلىككە تەشنا بولۇپ كەلگەنلىكىنى، شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىپ، ئۇيغۇرلار ئۆز تەقدىرىنى ئۆزلىرى تاللاشقا نېسىپ بولغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىن ئايرىلىپ چىققان مۇستەقىل دۆلەت بولۇشنى خالىشى ۋە تاللىشى تامامەن مۇمكىنلىكىنى، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەھشىيانە سىياسەتلىرى ماھىيەتتە ئۇيغۇرلاردا مۇستەملىكىگە قارشىلىق كۆرسىتىش روھىنى تاۋلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

رىياسەتچى شۇنىڭدىن كېيىن ۋېكتور گاۋغا يۈزلىنىپ: «دېمەك، خىتاينىڭ ئۆزى ئۇيغۇرلارنى ‹ئەسەبىي› لىككە مەجبۇرلاۋاتقانلىقى» نى تەكىتلىدى. ئەمما ۋېكتور گاۋ يەنىلا «ئۈچ خىل كۈچلەر» نىڭ مەۋجۇتلۇقى ھەققىدىكى كونا مۇقامنى كۆتۈرۈپ چىقتى.

مەزكۇر سۆھبەت پروگراممىسى ھەپتە ئاخىرىدا تورلاردا تارقالغاندىن كېيىن ئۇيغۇر جامائىتى ئىچىدە خېلى چوڭ غۇلغۇلا بولغانلىقى مەلۇم. بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن نۇرى تۈركەلنى زىيارەت قىلغىنىمىزدا ئۇ ئالدى بىلەن «ئەل جەزىرە» گە ئوخشاش دۇنياۋى نوپۇزغا ئىگە بىر ئاخبارات ۋاسىتىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە ۋەكىللىك قىلىۋاتقان بىر «مۇتەخەسسىس» بىلەن بۇنداق يۈزمۇ-يۈز ئېلىشىشنىڭ ئۇيغۇر داۋاسىنى خەلقئاراغا سۇنۇشتا زور ئەھمىيىتى بارلىقىنى بىلدۈردى.

بىز ئۇنىڭدىن ۋېكتور گاۋدەك «ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمى سانىنىمۇ بىلمەيدىغان» بىر مۇتەخەسسىسنىڭ قايتا-قايتا چەك باسماس گەپلەرنى تەكرارلىشى، ئۇنىڭ ئارقىمۇ-ئارقىدىن شۇنچە ئاشكارا پاكىتلارنى ئىنكار قىلىشىنى قانداق چۈشىنىش لازىملىقىنى سورىدۇق. نۇرى تۈركەل بۇنداق كىشىلەرنىڭ ئۆزى ۋەكىللىك قىلىۋاتقان ھۆكۈمەت ئۈچۈن سۆز قىلىشتىن باشقا ۋەزىپىسى يوقلۇقىنى، ئەمما ئۇنىڭ مۇشۇ خىل يالغانلىرى ۋە ئۇششۇقلۇقى ئارقىلىق دۇنياغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ماھىيىتىنى ۋە ھەقىقىي ئەپتى-بەشىرىسىنى ئېچىپ بېرىشكە بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىمقى سۆھبەت پروگراممىسى تورلاردا كەڭ تارقىلىش بىلەن بىرگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ماھىيىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى خەلقئاراغا يەنە بىر قېتىم ئاڭلىتىشتا «ئەمەلىي بىر مەيدان دەرس بولدى» دەپ قارالماقتا ئىكەن.