خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا بايراملىق دەم ئېلىشلارنى مۇقىملىق تۈپەيلى بىردەك بىكار قىلغان

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت جىددىي ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن 8 كۈنلۈك دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلگەن ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، ئىدارە-جەمئىيەت، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلار، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ۋە ھۆكۈمەتكە قاراشلىق كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ دەرھال خىزمەت ئورنىغا قايتىپ كېلىشىنى تەلەپ قىلغان.

ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇقتۇرۇشى رەسمىي ئېلان قىلىنمىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە ۋە ئۇيغۇر رايوندىكى ھەر قايسى ھاۋا يوللىرىنىڭ دەم ئېلىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئالدىنئالا ئايروپىلان بېلىتى زاكاز قىلىپ قويغان يولۇچىلارغا چىقارغان ئۇقتۇرۇشلىرىدا يەر ئالغان.

بۇ ئۇقتۇرۇشلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر بايراملىق دەم ئېلىشنى بىكار قىلىپلا قالماي، ھەپتە ئاخىرىدىكى دەم ئېلىشلارنىمۇ بىكار قىلغان.

خوڭكوڭ «جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتا گېزىتى» نىڭ سەيشەنبە كۈنى بەرگەن خەۋىرىدە، ئۈرۈمچى ھاۋا يوللىرىنىڭ دۈشەنبە كۈنى چىقارغان بۇ ھەقتىكى ئۇقتۇرۇشى نەقىل قىلىنغان.

مەزكۇر ھاۋا يولىنىڭ ئۇقتۇرۇشىدا، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ قارارىغا ئاساسەن بارلىق ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە مەكتەپلەر دۆلەت بايرىمىدا دەم ئالمايدۇ. ئۈرۈمچى ھاۋا يوللىرى دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە بۇرۇن بىلەت زاكاز قىلىپ قويغان يولۇچىلارنىڭ بېلىتىنى قايتۇرىدۇ ياكى ئۇچۇش ۋاقتىنى ئۆزگەرتىپ بېرىدۇ» دېيىلگەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ جىددىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، بايراملىق ۋە ھەپتە ئاخىرىدىكى دەم ئېلىشلارنى بىكار قىلىشىنىڭ كونكرېت سەۋەبى مەلۇم ئەمەس.

ئۈرۈمچىدىكى بىر دوختۇرخانىنىڭ كەچلىك نۆۋەتچى خادىمى، ئۇلارنىڭ دوختۇرخانىسىدا ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ دەم ئالماي ئىشلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ بايراملىق دەم ئېلىشنى بىكار قىلىش ئۇقتۇرۇشى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.

ئۇ: «بىزنىڭ دوختۇرخانىمىز دەم ئالماي ئىشلەيدۇ. سىز بۇ سوئالىڭىزنى دوختۇرخانا مەمۇرىيىتىگە تېلېفون قىلىپ سوراڭ. ئەتە ئەتىگەندە دوختۇرخانا پارتكومىنىڭ تەشۋىقات بۆلۈمىگە تېلېفون قىلسىڭىز بولىدۇ. ئۇلار سوئالىڭىزغا دەپ بېرىدۇ. مەن كەچلىك نۆۋەتچى، دوختۇرخانىنىڭ كېچىلىك ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىمەن. زىيارەتكە ئالاقىدار ئىشلارنى دوختۇرخانا پارتكومنىڭ تەشۋىقات بۆلۈمى قىلىدۇ. مەن شۇلارنىڭ تېلېفونىنى بېرەي، شۇلار بىلەن ئالاقىلىشىڭ بولامدۇ» دېدى.

لېكىن، ئۇيغۇر ئىلىنىڭ مەلۇم ناھىيىسىدىكى بىر يەرلىك ھۆكۈمەت خادىمى، ئۇلار تۇرۇشلۇق يېزىدا ھېچقانداق ئورگاننىڭ بايراملىق دەم ئالمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ياق بىز دۆلەت بايرىمىدا ئارام ئالمىدۇق. ھېچكىم ئارام ئالمىدى. ھېچقانداق ئورۇن ئارام ئالمىدى. ھەممەيلەن ئارام ئالمىدۇق.»

ئۇيغۇر ئىلىنىڭ باشقا بىر ناھىيىسىدىكى يەنە بىر ھۆكۈمەت خادىمى، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ بايراملىق دەم ئېلىشنى بىكار قىلغانلىقىنى دەلىللەپ، يۇقىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇقتۇرۇشىدا، بۇنىڭ مۇقىملىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دەپ كۆرسىتىلگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: ھەئە، بۈگۈن مەن نۆۋەتچى. ياق، دۆلەت بايرىمىدا قويۇپ بەرمىدى.

مۇخبىر: نېمىشقا قويۇپ بەرمىدى يۇقىرىنىڭ ئۇقتۇرۇشى بارمۇيا؟

ھۆكۈمەت خادىمى: ھەئە، ئۇقتۇرۇش بار. بىزگە ئۇقتۇرۇش باركەن، قويۇۋەتمىدى. سەۋەبىنى ئېنىق ئۇقمىدۇق. سەۋەبى شۇ مۇقىملىق توغرىلىق ئوخشايدۇ.

خەۋەرلەردە بايان قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى چېن چۇەنگو يېقىندا يەرلىك دائىرىلەرگە بۇيرۇق بېرىپ، قۇرۇلتاي مەزگىلىدە «چوڭ، ئوتتۇرا ياكى كىچىك» كۆلەملىك ھەرقانداق ۋەقە چىقىپ قېلىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىشنى تەلەپ قىلغان.

بەزى كۆزەتكۈچىلەر، چېن چۈەنگونىڭ ئۇيغۇر رايونىدا بۇنداق قاتتىق تەدبىرلەرنى ئېلىشتىكى مەقسىتى ئۇنىڭ خىرىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇنىڭ 19‏-قۇرۇلتايدا ھېچقانداق دەخلىسىز سىياسىي بيۇروغا ئەزا بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلدى.

ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق خىتاي ئۆكتىچى زىيالىيسى ۋە ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ۋاڭ چېڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئۇزۇن يىل ياشىغان سابىق خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ بىرى. ئۇ، چارشەنبە كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، چېن چۈەنگونىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى سىياسىتى ئۇنىڭ شەخسىي خاھىشى بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى چەتكە قاقمىسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ سىياسىتى شى جىنپىڭنىڭ تەستىقىسىز ماڭمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇنىڭ شەخسى ئەھۋالىنى تازا بىلىپ كەتمەيمەن. بۇ ئۇنىڭ شەخسى قابىلىيىتى، ئۇنىڭ خىزمەت ئىقتىدارى، ‏شى جىنپىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ۋە ئۇنىڭغا بولغان ساداقىتىگە ئالاقىدار ئىشلار. بىراق مەن شۇ نەرسىنى ئېيتالايمەن، ئۇنىڭ شىنجاڭدا قىلغان ھەر بىر ئىشىنى شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ باشچىلىقىدىكى ھوقۇقدارلار تەستىقلىغان. بۇ ناھايىتى روشەن. ئۇلار شى جىنپىڭ خۇرسەن بولمايدىغان ئىشنى ھەرگىز قىلمايدۇ. ھازىر شى جىنپىڭ ئۆزىنىڭ ئولتۇرغان ئورۇندۇقىنى قوغداپ قېلىشقا ئامالسىز قېلىپ، چېن چۈەنگوغا ئوخشاش كىشىلەرنى بۇنىڭغا چارە تېپىشقا قىستاۋاتىدۇ. شۇڭا، ھەممىسى چارە تېپىشنىڭ كويىغا چۈشۈپ كەتتى. بىراق ئۇنىڭ تاپقان چارىسى تارىخنىڭ ئېقىمىغا پۈتۈنلەي خىلاپ. ئۇ مۇسۇلمانلارنى ‹قۇرئان كەرىم› نى تاپشۇرۇشقا قىستىماسلىقى كېرەك ئىدى. ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتى قانداق ئىش بولۇپ كەتتى ئەمدى. دۇنيادا بۇنداق ئىش بولامدۇ. مەن بۇنىڭغا شۇنداق قاراپ كەلدىم، بۇنى كومپارتىيەنىڭ ئەكسىيەتچىل ماھىيىتى ۋە ئىجتىمائىي قالاقلىقى كەلتۈرۈپ چىقارغان.»

ئۇ يەنە چېن چۇەنگو ئالغان ئامانلىق تەدبىرلىرىنىڭ نىشانى نۇقتىلىق ئۇيغۇرلارغا قارىتىلسىمۇ، بىراق بۇنىڭ مەزكۇر رايوندىكى خىتاي كۆچمەنلىرىگە تەسىر قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئىشىنىمەنكى، خىتايلار ئۇنىڭ يۈرگۈزۈۋاتقان بۇ سىياسىتىگە قوشۇلمايدۇ. چۈنكى، سىز بۇنداق بىر مۇھىتتا ياشىسىڭىز بۇ (ئۇيغۇرلارنىڭ) سىزگە بولغان دۈشمەنلىكىنى قوزغايدۇ. بۇنداق مۇھىتنىڭ دۈشمەنلىككە تولىدىغان-تولمايدىغانلىقىنى سىز ياخشى بىلىسىز. سىز ئۇلارنىڭ كۆزىگە قارىسىڭىز، ئۇلارنىڭ مۇئامىلىسى ۋە سۆزىگە باقسىڭىز بۇنى كۆرۈپ يىتەلەيسىز. دۈشمەنلىككە تولغان بۇنداق مۇھىتتا خىتايلار ھېچقانداق ئىش چىقمايدۇ، دەپ ياشىيالمايدۇ. ئەمەلىيەتتىكى رېئاللىق شۇ، بۇ دۈشمەنلىكنى سىز (خىتاي ھۆكۈمىتى) پەيدا قىلدىڭىز. بۇنداق دېسەم خىتايلار قوشۇلمايدۇ. يۇقىرىدىكىلەر مۇقىملىق ھەممىدىن مۇھىم، دەيدۇ. ئۇلارنىڭ بۇنىڭغا بويسۇنۇشى شەرت. ئۇلارغا باشقا چارە قويمىدى. ئۇلار ئۈچۈن پەقەتلا بىرلا چارە بار، يۇرتىغا قايتىپ كېتىشتۇر. ھېچكىم دۈشمەنلىككە تولغان بۇ مۇھىت ئىچىدە ياشاشنى خالىمايدۇ.»

«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتا گېزىتى» سەيشەنبە كۈنى بەرگەن خەۋىرىدە، ئۇيغۇر رايونىدا بايراملىق دەم ئېلىشنىڭ بىكار قىلىنىشى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ يېقىندا باشلىنىدىغان 19‏-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 19‏-قۇرۇلتىيى 18‏-ئۆكتەبىر بېيجىڭدا باشلىنىدۇ.

مەزكۇر گېزىتنىڭ خەۋىرىدە، ئۇيغۇر رايوندىكى خىتاي ئىشچىلىرىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، بايراملىق دەم ئېلىشنى بىكار قىلىشنىڭ «كومپارتىيە قۇرۇلتىيىغا تەييارلىق خىزمىتى» بىلەن ئالاقىدار ئىكەنلىكى، دائىرىلەرنىڭ «شىنجاڭ ھۆكۈمىتى ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ھەر دەرىجىلىك خادىملارغا ئۆكتەبىر ئېيى ئىچىدە دەم ئالماي ئىشلەشنى ئۇقتۇرغان» لىقىنى بىلدۈرگەن.