خەلقئارا كەچۈرۈم: خىتاي ئۇيغۇرلارغا قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە ئۆلۈم جازاسى ئىشلىتىۋاتىدۇ

0:00 / 0:00

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى سەيشەنبە كۈنى ئۆزىنىڭ 2016-يىللىق «دۇنيا ئۆلۈم جازاسى دوكلاتى» نى ئېلان قىلدى. ئۇ دوكلاتىدا، 2015-يىلى دۇنيادا ئۆلۈم جازاسىنىڭ «بىئارام قىلارلىق» دەرىجىدە كۆپەيگەنلىكىنى بىلدۈردى.

دوكلاتتا قەيت قىلىشىچە، 2015‏-يىلى دۇنيادىكى90% ئۆلۈم جازاسى سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە پاكىستاندا ئىجرا قىلىنغان. لېكىن خىتاينىڭ 2015‏-يىلى ئۆلۈمگە بۇيرۇغان ئادەم سانى بۇنىڭغا كىرگۈزۈلمىگەن.

ئەمما خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ قارىشىچە، خىتايدا 2015‏-يىلى ئۆلۈم جازاسىغا بۇيرۇلغانلار دۇنيانىڭ ئومۇمىي ئۆلۈم جازاسى يىغىندىسىدىن ئېشىپ كېتىدۇ. ئۇ دوكلاتىدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا «قاتتىق زەربە بېرىش» ھەرىكىتىدە ئۆلۈم جازاسى ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلدى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى دوكلاتىدا، 2015‏-يىلى خىتاي بىلەن شىمالىي كورېيە مۇستەسنا دۇنيادىكى باشقا بارلىق دۆلەتلەردە جەمئىي 1900 دىن ئارتۇق ئادەم ئۆلۈم جازاسىغا مەھكۇم قىلىنغانلىقى، 1634 ئادەمنىڭ ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دوكلاتتا كۆرسىتىشىچە، بۇلتۇر ئۆلۈم جازاسى دۇنيا مىقياسىدا شىددەتلىك ئارتىپ، ئالدىنقى يىلغا قارىغاندا 54% ئاشقان. لېكىن خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، خىتاينىڭ ئۆلۈم جازاسىنى «دۆلەت مەخپىيەتلىكى» دەپ قارايدىغانلىقىنى، شۇڭا دوكلاتىدا ئۇنىڭ 2015‏-يىلى قانچىلىك ئادەمگە ئۆلۈم جازاسى بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلىش ئىمكانى بولمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاينىڭ ئۆلۈم جازاسى بەرگەن ئادەم سانى مەلۇم بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇ خىتاينى يەنىلا دۇنيادا ئۆلۈم جازاسىنى ئەڭ كۆپ ئىجرا قىلىدىغان دۆلەت، دەپ قارايدىكەن.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى سالىل شاتىي سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتاي بىلەن ئىران تىزىملىكتىكى ئۆلۈم جازاسى ئەڭ كۆپ ئىجرا قىلىنىدىغان دۆلەتلەر، دەپ كۆرسەتتى.

سالىل شاتېي مۇنداق دەيدۇ: «بىز دۇچ كەلگەن مەسىلە، ئۆلۈم جازاسىنى كەڭ كۆلەمدە ئىجرا قىلىۋاتقان بىر ئوچۇم دۆلەتلەر بار. بۇنى ئۇلار ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ. بەزىدە بۇ كۆپىيىپ كىشىنى چۆچۈتەرلىك دەرىجىگە بېرىپ يېتىدۇ. خىتاي بىلەن ئىران تىزىملىكتىكى ئۆلۈم جازاسىنى ئەڭ كۆپ ئىجرا قىلىدىغان 2 دۆلەت.»

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىشىچە، 2015‏-يىلى ئىران 977 ئادەمگە ئۆلۈم جازاسى بەرگەن. ئەمما خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، «2015‏-يىلى خىتايدا مىڭلىغان ئادەمگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن شۇنداقلا يەنە مىڭلىغان ئادەم ئۆلۈم جازاسىغا مەھكۇم قىلىنغان» دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ دوكلاتىدا، خىتاينىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ئۇيغۇرلارغا ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى تەنقىدلەپ، «خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاينىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ‹زوراۋان تېررورلۇق› ۋە ‹دىنىي ئەسەبىيلىك› نىشان قىلىنغان ‹قاتتىق زەربە بېرىش› ھەرىكىتىدە ئۇيغۇر ئاز سانلىق مىللەت كىشىلىرىگە قارشى ئىشلىتىۋاتىدۇ، دەپ قارايدۇ. تەشكىلاتىمىز 2015‏-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن ياكى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنغانلار ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر ئالمىدى. شۇنداق بولسىمۇ، 2015‏-يىلى 24‏-مارت كۈنى يۈننەن ئۆلكىسىدە 3 ئۇيغۇرغا جازاسى بېرىلدى» دېگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2015‏-يىلى كۇنمىڭ پويىز ئىستانسىسى ھۇجۇمىغا چېتىشلىق دەپ 3 ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەن. دائىرىلەر ئۇ 3 ئۇيغۇرنى ھۇجۇمغا قاتناشقان 5 ئۇيغۇر بىلەن بىر گۇرۇپپىدىكى ئادەملەر، دەپ ئەيىبلىگەن. 2014‏-يىلى 1‏-مارت كۈنى يۈز بەرگەن ھۇجۇمدا 31 ئادەم ئۆلگەن ئىدى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى سالىل شاتىي چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا چنن تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، خىتايدىكى ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئەڭ ئېغىر زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقان خەلق ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.

سالىل شاتىي: «بىز شۇ نەرسىنى ئېنىق بىلىمىز، خىتايدا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن ئادەم سانى دۇنيادىكى باشقا بارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئومۇمىي يىغىندىسىدىن كۆپ. بۇ ناھايىتى ئەپسۇسلىنارلىق ئەھۋال. بۇ ئەھۋال ئىزچىل داۋاملىشىۋاتىدۇ. ئۇنىڭدا ئۆلۈم جازاسى مەۋجۇت باشقا بارلىق دۆلەتلەردە يۈز بېرىۋاتقان ئەينەن ئەھۋال يۈز بېرىۋاتىدۇ. ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئەڭ ئېغىر زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقان خەلق يەنىلا ئاز سانلىق مىللەتلەر. مەسىلەن، خىتايدا ئۇيغۇرلار. ئۇ، ئۆلۈم جازاسىنى ئۇيغۇرلارغا قارشى تۇرۇشقا ئىشلىتىۋاتىدۇ» دەپ كۆرسەتتى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ قارىشىچە، خىتايدا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان مەھبۇسلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار زور سالماقنى ئىگىلەيدۇ. ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن: «بۇ، خىتاينىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ‹دۆلەت مەخپىيەتلىكى› دەپ چىڭ ساقلىشىدىكى تۈپ سەۋەب» دەپ كۆرسەتتى.

ئىلشات ھەسەن: «مەخپىيەتلىك دەپ ساقلىشىدىكى سەۋەب چۈنكى، ئۇيغۇرنىڭ سانى، سالمىقى پۈتۈن خىتايدىكى مىللەتلەر ئىچىدە ئەڭ كۆپ. مۇتلەق كۆپ ساننى ئىگىلەيدۇ. بۇ يەردە بىز خىتاينىڭ سوتىنى مەيلى ئۆلچەمسىز، قاراڭغۇ ۋە قالايمىقان دەيلى، ئەيتاۋۇر خىتاي ئۆزىنىڭ ئاتالمىش قانۇنى، توقۇلما جىنايەتلەر بىلەن ئۇيغۇرلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىپ، مەخپىي ئىجرا قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ يەردە سېلىشتۇرغاندا خىتاينىڭ ئىچىدە ئۆلۈم جازاسى ئاساسەن قاتىللىق جىنايىتى ئۆتكۈزگەن خىتايلارغا بېرىلىدۇ. بۇ بەك كۆپ سانلىق ئەمەس. ئەمما ئۇيغۇرلارنى تېررورلۇققا باغلاپ سوتلايدۇ. بۇلارنىڭ سانى خىتاي ئۈچۈن مەخپىيەتلىك.» دېدى.

ئىلشات ھەسەن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار دېلولاردا قانۇن تەرتىپىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ب د ت خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى.

ئىلشات ھەسەن: «ب د ت غا كۈچىمىزنىڭ بارىچە ماتېرىيال ۋە ئىسپاتلارنى يوللاپ، شۇ ئارقىلىق، خىتاينىڭ قانۇنى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشىغا بېسىم قىلىشىنى، خىتاينى ئېلىپ بېرىۋاتقان سوتلىرىنى توختىتىپ، قايتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا زورلاپ، بېسىم قىلىشىنى تىلەيمىز ۋە شۇنىڭغا چاقىرىمىز» دېدى.

سالىل شاتىي بولسا، ئۆلۈم جازاسى ئەدلىيە مۇستەقىل بولمىغان دۆلەتلەردە ئەڭ كۆپ ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، خىتايدا سوتلانغان مەھبۇسلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ ئاساسەن جازاغا ھۆكۈم قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ئىشلار كۆپىنچە، ئادىل سوت سىستېمىسى يوق، خىتايدەك مۇستەقىل ئەدلىيە سىستېمىسى بولمىغان دۆلەتلەردە يۈز بېرىۋاتىدۇ. ئىران ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاندا بۇ، مەخپىي سوت ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. ئۆلۈم جازاسى بولۇپمۇ ھۆكۈمەتكە قارشى مەلۇم سىياسىي گۇرۇھلارنى نىشان قىلماقتا.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئۇ كىشىلەرنى ‹ۋىجدان مەھبۇسلىرى› دەپ ئاتايدۇ. بۇ كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئىپادە ۋە سۆز ئەركىنلىكىنى قوللانغان كىشىلەردۇر. خىتاي مەسىلىسىگە كەلسەك، خىتايدا سوتلانغان كىشىلەرنىڭ جازاغا مەھكۇم قىلىنىش نىسبىتى ئاساسەن 100% گە يېتىدۇ.»

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ئۆلۈم جازاسىنى كەڭ كۆلەملىك ئىشلەتسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ بەزى جىنايەتلەرگە بەرگەن ئۆلۈم جازاسى خەلقئارا قانۇن رامكىسىغا چۈشمەيدىكەن.

ئۇ دوكلاتىدا، خىتاي ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى 2007‏-يىلى ئۆلۈم جازاسىنى تەتبىقلاش ھوقۇقىنى يىغىۋېلىپ، بەزى ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بارغانلىقىنى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە، ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئازايغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئەمما ئۆلۈم جازاسى ئازايغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆلۈم جازاسىنى داۋاملىق مەخپىي تۇتقاچقا، ئۆلۈم جازاسىنىڭ زادى قانچىلىك ئازايغانلىقىنى بىلىشكە مۇمكىنچىلىك بولمايۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.