ئۇيغۇر ئېلىدە تەتىلدە يۇرتقا قايتقان ئوقۇغۇچىلار «دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشى» شەرت

0:00 / 0:00

مۇناسىۋەتلىك مائارىپ ئۇچۇرلىرى ھەمدە ئىنكاسلاردىن بۇ يىل يازلىق تەتىل كېلىشى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى يۇرتىغا قايتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ دائىرىلەر تەرىپىدىن تېخىمۇ قاتتىق باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش ئارقىلىق كونترول قىلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەخسۇس ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئۇيغۇر ئېلىدىن خىتاي ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپ ئوقۇۋاتقان بارلىق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى بۇ يىل يازلىق تەتىلدە ئومۇميۈزلۈك يۇرتىغا قايتۇرۇپ كەتكەنلىكى، خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ بۇ يىل 6-ئايدا تارقاتقان «شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنى يۇرتىغا قايتۇرۇش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇشى» نامىدىكى ئۇقتۇرۇش ئارقىلىق ئىسپاتلانغان ئىدى.

ئۇقتۇرۇشتا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن كېلىپ ئىچكىرىدىكى مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ۋە باشقا ھەر قايسى مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يۇرتىغا قايتىشى شەرت ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

يېقىنقى كۈنلەردە ئۇيغۇر دىيارىدىكى تاراتقۇلاردىن ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ يىللىق يازلىق تەتىلدە خىتاي ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىن يۇرتىغا قايتقان ۋە رايون ئىچىدىكى ئالىي مەكتەپلەردىن تەتىل قىلىپ ئۆيىگە قايتقان بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ يۇرتىدىكى نوپۇس تەۋەلىكىگە قايتىپ بارغاندىن كېيىن تەتىلگە قويۇپ بېرىلمەي، دائىرىلەر تەرىپىدىن «دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىگە» ئورۇنلاشتۇرۇلماقتا ئىكەن.

بۇ ھەقتە ئاقسۇ مەمۇرىيەت تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا 6-ئىيۇل كۈنى كۇچانىڭ ياقا يېزىسىدا، يېزا كادىرلىرى يۇرتىغا قايتقان 587 نەپەر ئوقۇغۇچىغا سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، ئۇلارنى تەتىللىك سىياسىي تەلىم-تەربىيە ۋە تەشۋىقات خىزمىتىگە ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار تەتىل ئاخىرلاشقانغا قەدەر كەنتلەردە «ئۈچ ئەل خىزمەت» گە چۈشكەن كادىرلارغا ياردەملىشىپ، ھەر مىللەت خەلقىگە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى ئېلىپ بارىدىكەن. تەربىيەلەش ئاخىرلاشقاندا ئۇلار ئۆگىنىش تەسىراتلىرىنى يېزىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشتىكى قەتئىي مەيدانىنى ئىپادىلەشكە ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن.

«شىنجاڭ خەۋەر تورى» نىڭ 6-ئىيۇل خىتايچە خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، دائىرىلەر بۇ يىل يازلىق تەتىلدە يۇرتىغا قايتقان ئوقۇغۇچىلارنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى ئالاھىدە جىددىي ۋە چىڭ ئېلىپ بارغان بولۇپ، 2-ئىيۇل كۈلنى ئاتۇشنىڭ لەڭگەر يېزىسىنىڭ كومپارتىيە بىرىنچى سېكرېتارى لىڭ، يۇرتىغا قايتقان 32 ئوقۇغۇچىنى يىغىپ، «يازلىق تەتىللىك ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىنتىزامغا بويسۇنۇپ، پارتىيە-ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىغا ئەمەلىي ھەرىكىتىڭلار بىلەن جاۋاب قايتۇرۇڭلار» دېگەن.

دائىرىلەرنىڭ بۇ يازلىق تەتىلدە يالغۇز ئالىي مەكتەپلەردىن يۇرتىغا قايتقان ئىستۇدېنتلارنى سىياسىي ھەرىكەتلەرگە تەشكىللەپ تەتىللىك ئارام ئېلىشقا قويۇپ بەرمىگەندىن سىرت يەنە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭمۇ تەتىلىنى بىكار قىلغانلىقى مەلۇم. پىچان ناھىيەلىك «ھۆكۈمەت تورى» نىڭ خەۋىرىدە، پىچان ناھىيەسى، پىچان يېزىلىق ھۆكۈمەت ئاچقان 3-ئىيۇل «2018-يىللىق يازلىق تەتىلدە يۇرتىغا قايتقان ئالىي مەكتەپ، تېخنىكوم ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى سىياسىي تەلىم-تەربىيە تەشۋىقات خىزمىتى يىغىنى» غا، يۇرتقا قايتىپ بارغان ستۇدېنتلاردىن باشقا ۋە «شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى» ئوقۇغۇچىلىرىمۇ قاتناشقانلىقى كۆرسىتىلگەن.

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەردىن يىللاردىكىدەك بۇ يازلىق تەتىلدە يۇرتىغا قايتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ، يەرلىك دائىرىلەر تەرىپىدىن دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش، تۇرۇشلۇق جايلاردا ئۆتكۈزۈلگەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچ» كە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىشقا قەسەم بېرىش، دېھقانلارغا پارتىيە-ھۆكۈمەت سىياسەتلىرى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىقاتى ئېلىپ بېرىشى تەلەپ قىلىنغان.

بۇ خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، يۇرتىغا قايتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتى ھەر قايسى جايلاردىكى «تەربىيەلەش مۇلازىمەت نۇقتىسى» دا، مەكتەپتە ۋە يېزا-بازار (كوچا باشقارمىسى)لاردا تەڭ ئېلىپ بېرىلغان.

شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى تورىنىڭ 12-ئىيۇل كۆچۈرۈپ تارقاتقان، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ «2018-يىللىق يازلىق تەتىللىك خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى» نامىدىكى ئۇقتۇرۇشىدا، ھەر قايسى مەكتەپ رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە ياچېيكىلىرىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى يىغىپ تەربىيەلەش، بۇنىڭدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى ۋە قوشماق تۇغقان پائالىيىتىگە قاتنىشىشنىڭ شەرت ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن.

يۇرتقا قايتىپ بارغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ يازلىق تەتىلدە ھەتتا، ھەقسىز دېھقانچىلىق ئەمگەكلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىمۇ ئاشكارىلانماقتا. بۇ ھەقتە ئاقسۇ ئاخبارات تورىنىڭ 7-ئاينىڭ 8-كۈنى تارقاتقان بىر سۈرەتلىك خەۋىرىدە ئۇچۇرلار ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاقسۇ تەۋەسىدىكى ئالقاغۇ بازىرىنىڭ بوز كەنتىدىكى پىدائىيلار دېھقانلارنىڭ قوغۇن ئۈزۈشىگە ياردەملەشكەن. خەۋەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، يېقىنقى بىر قانچە كۈندىن بۇيان، كۇچا ناھىيەسىدىكى «3 ئەل خىزمىتى ئەترىتى» ۋە كەنت كومىتېتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن، بۇ يازلىق تەتىلدە يۇرتىغا قايتقان 5000 مىڭدىن ئارتۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى، تۇرۇشلۇق جايلىرىدىكى پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى بولۇپ تەشكىللىنىپ، كەنتلەردىكى ئەمگەك كۈچى يېتىشمەيدىغان ئائىلىلەرنىڭ ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىغا ياردەملەشكەن.

رادىيومىزغا ئىنكاس قىلغان بىر ئۇيغۇر ئايالنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇلتۇردىن باشلاپ يۇرتقا قايتقان ئوقۇغۇچىلار، دائىرىلەر تەرىپىدىن كەنتلەردە مەركەزلىك تەربىيەلەشكە مەجبۇرىي يىغىۋېلىنىپ، تۈرلۈك سىياسىي ئۆگىنىشلەر بىلەن بەند قىلىنغانلىقتىن، تەتىلدە ئاران ئۆيگە قايتقان سىڭلىسى، ئارام ئالالمىغاندىن سىرت ئائىلىسى بىلەنمۇ خاتىرجەم بىللە بولالمىغان.

مۇناسىۋەتلىك ئورۇن ۋە مەكتەپلەرگە بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىمىز نەتىجە بەرمىگەن بولسىمۇ، خىتاي مائارىپ تارماقلىرىنىڭ يازلىق تەتىلدىكى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشكە دائىر ئۇقتۇرۇش-ھۆججەتلىرىدە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۇرتىغا قايتىپ بارغاندىن كېيىن، جايلاردىكى تەتىللىك ئورۇنلاشتۇرۇشقا مەسئۇل تارماقلارنىڭ باھاسى ۋە تەستىقىنى ئالغاندىن كېيىن مەكتەپلەرگە قايتۇرۇلۇشى شەرت ئىكەنلىكى مەلۇم.

دائىرىلەرنىڭ تەتىل مەزگىلىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىپ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا زور بېسىملارنى ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقى ئۇيغۇر پائالىيەتچى ۋە كۆزەتكۈچىلەرنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچرىماقتا.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىلەر بۇ ھەقتە ئۆزلىرىنىڭ ئەندىشە ۋ ئە تەنقىدىي ئىنكاسلىرىنى بايان قىلدى.